سىرتتا ئويناپ يۈرگەن ئايالنىڭ بوۋىقىنى ئۆيدە چاشقان يەۋەتتى

文摘   2024-11-18 20:46   新疆  

جەنۇبىي ئافرىقىدا 26 ياشلىق ئانا سىرتتا ھاراق ئىچىپ كېچىلەپ ئۆيىگە قايتمىغان، ئۆيدە يالغۇز قالغان ئۈچ ئايلىق قىزىنى چاشقان چىشلەپ ئۆلتۈرۈپ قويغان، شۇ سەۋەبتىن ساقچىلار ئانىسىنى قولغا ئالغان. قوشنىلار «بۇنداق ئانىلار تۈرمىدە سېسىپ چىرىپ كېتىشى كېرەك» دەپ قارىغان.

ئايال بۇ يىلنىڭ بېشىدا جەنۇبىي ئافرىقا يوھاننېسبۇرگ شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى نامراتلار مەھەللىسىگە كېلىپ ئۆي ئىجارە ئالغان، ئۇزۇن ئۆتمەي قىز ئوغۇل قوش كېزەك بالا تۇغقان. ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئۇ ئوغلىنى ئېلىپ قاۋاقخانىغا بېرىپ ھاراق ئىچكەن، ئۈچ ئايلىق قىزىنى بولسا ئۆيدە يالغۇز ئۇخلىتىپ قويغان. ئەتىسى سەھەردە ئايال يېڭىدىن تونۇشقان ئوغۇل دوستىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتقان، ئايال ئاچقۇچنى يىتتۈرۈپ قويغاچقا، ئۇلار ئىشىكنى بۇزۇپ ئۆيگە كىرگەن ھەمدە ئۈچ ئايلىق بولغان قىزىنى چاشقان چىشلەپ يۈز-كۆزىنى كۆرگۈسىز قىلىۋەتكەنلىكىنى بايقىغان. ئۆي ئىگىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا كۆرگەن ئەھۋالنى تەسۋىرلەپ بېرىشىچە، قىز بوۋاقنىڭ تىلى، كۆزى، ۋە بارماقلىرىنى پۈتۈنلەي چاشقان چىشلەپ ئۈزۈۋەتكەن، باشقا قىسىملىرىنىمۇ چىشلەپ زەخىملەندۈرگەن، قىزچاق قاتتىق ئاغرىق سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن. ئايال بولسا ئەكسىچە باشقىلارغا بالىنى كۆيۈپ قېلىپ ئۆلدى دېگەن. بۇ ئايال ئانا بولۇشقا لايىق ئەمەس، ئۇ تۈرمىدە سېسىپ چىرىپ ئۆلۈشى كېرەك.

قوشنىسىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ قېتىمقىسى ئايالنىڭ تۇنجى قېتىم قوشكېزەك بالىلارنى يالغۇز ئۆيگە قويۇپ قويۇشى ئەمەس ئىكەن، ئەمما ئايال بۇ قېتىم ئوغلىنى ئېلىپ كېتىپ، قىزىنى يالغۇز قويغانىكەن. ئەينى ۋاقىتتا بەزىلەر ئايالدىن يەنە بىر بالىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، ئايال بالىنى سىڭلىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغانلىقىنى ئېيتقان. قوشنىلار «بەختكە يارىشا يەنە بىر بالىنى باشقىلارنىڭ ئۆيىگە قويۇپتۇ، بولمىسا ئۇ بالىمۇ قىزچاققا ئوخشاش ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قالاتتى» دېيىشكەن.

نۆۋەتتە بەختكە يارىشا ئامان قالغان ئوغۇل بوۋاق ئۆز دادىسىنىڭ يېنىغا قايتقان. بالىنىڭ دادىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بالىنى قولىغا ئالغاندا بالىنىڭ تاماق يېمىگىنىگە بىر نەچچە كۈن بولغان، ئەمما ھازىر بالىنىڭ ئەھۋالى ئەسلىگە كەلگەن ئىكەن. ساقچىلار يۇقىرىقى ئايالنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، ئايالنىڭ بالىلارنى خورلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىدىغانلىقى، كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ دېلوغا ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن.

Sirlar
سىرلىق ئىشلار ، ئالەمدىكى يىشىلمىگەن سىرلار ، سىرلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى ، ئەڭ يېڭى بايقاشلار سىرلار سالۇنىمىزدا
 最新文章