25 ياشلىق بويتاق يىگىت ئۇرۇق ئىئانە قىلىپ 114 بالىلىق بولدى

文摘   2024-11-17 19:43   新疆  

نۇرغۇن ئەرلەر 25 يېشىدا تېخى توي قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن، بالىسى بارلىرى تېخىمۇ ئاز. ۋاھالەنكى ئامېرىكىدىكى بىر يىگىت 25 ياش ۋاقتىدا 114 بالىلىق بولدى، ھازىر ئۇ يەنىلا بويتاق ھەمدە لايىق تونۇشتۇرۇش پروگراممىسىغا چىقىپ، ئۆزىگە ھەمراھ تېپىشنى ئويلاشتى. تاراتقۇلارنىڭ 9-مايدىكى ئۇنىۋېرسال خەۋىرىگە قارىغاندا، 25 ياشلىق ماتېئو ۋاللېس ئامېرىكا جورجىيە ئىشتاتىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدىن، ئۇ باشقۇرۇش مەسلىھەتچىسى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى شىركىتى قۇرغان. ماتېئو كىچىك ۋاقتىدا ئاۋستىرىيە ۋە كېنىيەدە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، كېيىن ئامېرىكىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان.

بىر قېتىملىق تاساددىپى پۇرسەتتە ماتېئو ئۇرۇق ئىئانە قىلغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ بۇ ئىشقا مەپتۇن بولۇپ كەتكەن. ھازىرغىچە ماتېئونىڭ 114 بالىسى بار. ئۇ بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخرىلىنىدۇ، ماتېئو مۇنداق دېدى: «ئۇرۇق ئىئانە قىلىدىغان بۇ ئىشنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ، شۇنچە كۆپ ئائىلىنىڭ بالىلىق بولۇشىغا ياردەم قىلغىنىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.» كۈتۈلمىگەن يېرى شۇكى، ماتېئو ھازىر يەنىلا بويتاق، يېقىندا ئۇ بىر لايىق تونۇشتۇرۇش پروگراممىسىغا چىقىپ، بىرەر ساھىبجامال بىلەن تونۇشۇپ توي قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. لېكىن ماتېئو كەلگۈسىدىكى بولغۇسى ئايالىنىڭ، ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ بالىسى بارلىقىنى كۆڭلىگە ئېلىش ياكى ئالماسلىقىنى بىلمەيدۇ.

ئامېرىكا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇرۇق  ئىئانە قىلىش ئامېرىكا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى توپىدا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، لېكىن ماتېئوغا ئوخشاش كۆپ ئىئانە قىلىش بىر ئالاھىدە مىسال ئىكەن.  ئۇرۇق ئىئانە قىلغۇچىلار ھەر قېتىم 100 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 683 يۈەن) دىن 125 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 853 يۈەن خەلق پۇلى) ئالىدىكەن، ئۇرۇق تەلەپكە ئۇيغۇن بولغاندىلا ئاندىن پۇل ئالغىلى بولىدىكەن. نۆۋەتتە، ئامېرىكىدا تېخى بىر ئادەمنىڭ قانچىلىك ئۇرۇق ئىئانە قىلىشى، قانچىلىك بالا تۇغۇشى بەلگىلەنگىنى يوق، لېكىن ئەڭ چوڭ ئۇرۇق بانكىسىنىڭ بىر تۈرلۈك بەلگىلىمىسى بار، يەنى ئۇرۇق ئىئانە قىلغۇچى ئەڭ كۆپ بولغاندا 30 ئائىلىنىڭ بالىلىق بولۇشىغا ياردەم قىلسا بولىدۇ. ۋاھالەنكى ماتېئونىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ بالىسى بارلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.

مەنبە: نۇر تورى

Sirlar
سىرلىق ئىشلار ، ئالەمدىكى يىشىلمىگەن سىرلار ، سىرلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى ، ئەڭ يېڭى بايقاشلار سىرلار سالۇنىمىزدا
 最新文章