130 قېتىم مۇھەببەتلەشكەن قىز توي قىلماقچى بولغاندا لايىق چىقمىدى

文摘   2024-11-05 19:13   新疆  


ھەممە ئادەم ئۆز قىلمىشىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. يېقىندا نىگېرىيەلىك قىز توردا يازما ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ 130 يىگىت بىلەن ئارىلاشقانلىقىنى، ئەمدىلىكتە توي قىلماقچى بولغاندا لايىق تاپالمىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يازما تېزلا نۇرغۇن تورداشنى جەلپ قىلغان.

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 14-مايدىكى ئۇنىۋېرسال خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە پەقەت نىگېرىيەلىك ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان بۇ قىز، ئۆزىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ھەمدە تېخىمۇ كۆپ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىمىغان. ئۇ ئىلگىرىكى كەچۈرمىشلىرىدىن ھازىر پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ قىز ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا يازما ئېلان قىلىپ باشقىلارنىڭ تەكلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «مېنىڭ بالىلىق تۇرمۇشۇم بەختلىك ئەمەس، مەن ئۆيدە ئولتۇرۇشقا بەك ئۆچ، شۇڭا دائىم سىرتقا چىقىپ ئوينايمەن، شۇ سەۋەبتىن مەن نۇرغۇن كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ پىشقان، باشىقىلاردىن تېخىمۇ بالدۇر ئوغۇل دوست تۇتتۇم، مەن ئوخشاش بولمىغان ئەرلەر بىلەن ئۆتۈشنى ياخشى كۆرىمەن. مەن بۇ يىل 1-يانۋاردا ئىستاتىستىكا قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ 130 ئوغۇل دوست تۇتقانلىقىمنى بايقىدىم. مەن تۇيۇقسىز ناھايىتى نومۇس ھېس قىلدىم، قەسەم قىلىمەنكى مەن ئەسكى ئادەم ئەمەس، ھەر قېتىم بىر ئەر بىلەن ئۇچراشقاندا، يەنە بىر بۆلەك ھېسسىياتىمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن، بىر نەچچە قېتىم ھەتتا توي توغرىسىدا پاراڭلىشىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتىم، لېكىن مەن يەنىلا تاشلىۋېتىلدىم، نۇرغۇن كىشىلەر مېنى ھاقارەتلىدى، مېنى ياخشى ئايال ئەمەس دېيىشتى. ئەگەر مەن ئەر كىشى بولۇپ، 200 لايىقىم بار بولغان بولسا، كۆپچىلىك مېنى بۇنداق دېمەسلىكى مۇمكىن. ھازىر مەن ئۆتمۈشۈمنى قوبۇل قىلالايدىغان ئادەمنى تاپالامدىم؟»

بۇ قىزنىڭ ئالاھىدە كەچۈرمىشىگە نۇرغۇن تورداش باھا بەردى.

بىر تورداش مۇنداق دېدى: «قاراڭغۇ كېچە ئۆتۈپ كەتسە پارلاق يېڭى كۈن يېتىپ كېلىدۇ، سىز چوقۇم كۆڭلىڭىزدىكى ھەمراھنى تاپالايسىز، بەزىلەر سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئاكتىپراق بولۇڭ!»

بىرەيلەن باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇچراشقان يىگىتىڭىزگە ئۆتمۈشىڭىزنى ئېيتىپ بەرمەڭ، ئىشىنىمەنكى، ھەممە ئەر بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ.»

يەنە بىر تورداش مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە ئۆتمۈشىڭىزنى ئۇنتۇپ كېتىشىڭىز، ئەگەر مۇمكىن بولسا مۇھىتنى ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەك، ئەمدى ئۇ كىشىلەر بىلەن قايتا ئالاقىلاشماڭ، سىزنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھ تېپىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.»

يەنە بىرەيلەن تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: «كەيپىياتىڭىزنى ئۆزگەرتىپ ساياھەت قىلىڭ، سەپەردە يېڭىچە ئوي پەيدا بولىدۇ.»

Sirlar
سىرلىق ئىشلار ، ئالەمدىكى يىشىلمىگەن سىرلار ، سىرلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى ، ئەڭ يېڭى بايقاشلار سىرلار سالۇنىمىزدا
 最新文章