چىۋىن تامىقىڭىزغا قونغاندىن كېيىن نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟

文摘   2024-11-14 19:56   新疆  

چىۋىن دائىم گىژىلداپ ئەخلەت دۆۋىسى ئەتراپىدىن نېرى كەتمەيدۇ. كىملا كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن نېرىغا قاچۇرىدۇ. ئەلۋەتتە ئەخلەت دۆۋىسىدىكى چىۋىنگە قارىغاندا تامىقىڭىزغا چۈشۈپ قالغان چىۋىن سىزنى بەكرەك جىلە قىلىۋېتىدۇ. ئۇنداقتا چىۋىن يېمەكلىككە قونغاندىن كېيىن نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟ بەلكىم بۇ بەش ئىشنى قىلىشى مۇمكىن.

1.پۇتىنى سۈركەش

چىۋىننىڭ چىشى يوق. ئۇلارنىڭ تەم سەزگۈسى بىلەن تېگىش سەزگۈسى پۇتىدا. شۇڭا يېمەكلىكنىڭ قېشىغا كېلىپ غىزالىنىشتىن بۇرۇن ئاۋۋال پۇتىنى «بىلەپ»، بايىقى مەينەت يەردە يۇقۇپ قالسا نەرسىلەرنى چىقىرۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۇتىدىكى تەم سەزگۈسىنىڭ سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرىدۇ. دېمەك چىۋىننىمۇ خېلى پاكىز دېيىشكە بولىدىكەن. ھەرھالدا تاماق يىيىشتىن بۇرۇن پۇتىنى تازىلاشنى بىلىدىكەن، بىراق بۇ ئىشنى تاماق ئۈستىدە قىلغىنى قاملاشمىدى بۇ جانىۋارنىڭ.

2.قۇسۇش

بايا تىلغا ئالغاندەك، چىۋىننىڭ چىشى يوق. ئادەمدەك نەرسىلەرنى چاينىيالمايدۇ. ئۇلار يېمەكلىك يېيىشتىن بۇرۇن ئاۋۋال يېمەكلىككە تۈكۈرۈپ قويىدۇ. تۈكۈرگىنى ئۇلارنىڭ ھەزم قىلىش سۇيۇقلۇقى ۋە ۋە شۆلگەي سۇيۇقلۇقى بولۇپ قاتتىق يېمەكلىكنى ئېغىزغا سالماي تۇرۇپ ئېرىتىدۇ.

3.يېيىش

بايا بىرنى تۈكۈرۈپ يېمەكلىكنى يۇمشىتىپ قويغاندىن كېيىن يېيىشكىمۇ ئاسان بولدى. ئۇلار يېمەكلىك يېگەندە نەيچىدە سۈمۈرگەندەك يەيدۇ. چىۋىندا بىر ئۇزۇن سۈمۈرۈش ئېغىزى بار. بەزىدە چىۋىن ئاجرىتىپ چىقارغان ھەزم قىلىش سۇيۇقلۇقى سىرتتا يېمەكلىكنى ئاسانلا سۇيۇق قىلىۋېتەلمەيدۇ ھەم سۇيۇق بولغىچە ساقلاپ تۇرۇشنىڭ ئورنى يوق. شۇڭا يېمەكلىك يېگەندە چىۋىن سۈمۈرۈپ ييىشكە ئادەتلەنگەن.

4.تەرەت قىلىش

ئەگەر تامىقىڭىزغا قونغان چىۋىن باشقا جايدا قورساقنى توقلاپ بولغان بولسا ئۇلار بۇ يەردە تەرەت قىلىشنى تاللايدۇ. چىۋىننىڭ بىر ئالاھىدىلىكى بار، يەنى بىر تەرەپتىن يىگەچ بىر تەرەپتىن چىقىرىش. چۈنكى چىۋىننىڭ ھەزم قىلىش جەريانى بەك تېز. ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم چىرىگەن گۆش، سېسىغان نەرسىلەرنى يېگەچكە يېگەچ، چىقارغاندا ئۇلار تېز سۈرئەتتە باكتېرىيەنى چىقىرىپ تاشلىيالايدۇ. يەپ چىقىرىپ بولغىچە ئادەتتە 7-11 سېكۇنت ۋاقىت كېتىدۇ. چىۋىن ۋاقىت تېجەشكىمۇ ئۇستىكەن. بىراق بۇ ئۇستىلىقىنى بىزنىڭ تامىقىمىزدا قىلغىنى نېمىسى؟

5.تۇخۇم تۇغۇش

يېگەچ چىقىرىپ قويغىنىنى بوپتۇ دېسەك، يەنە يېمەكلىككە ئەۋلاد قالدۇرۇپ قويىدىغان ئىشى بار. بۇ دەل سېسىق نامى پۇر كەتكەن چىۋىن لىچىنكىسى شۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى چىۋىن يېمەكلىكىڭىزگە قونغاندىن كېيىن قىلىدىغان ئىشلار. ئەلۋەتتە ئاۋۋال قايسى ئىشنى قىلىشى چىۋىننىڭ ئۆزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا باغلىق.

چىرىگەن يېمەكلىك، نىجاسەت ۋە ئۆلگەن ھايۋانلارنىڭ جەسىتىنى يىيىشكە ئامراق بولغاچقا چىۋىن باكتېرىيە ئېلىپ يۈرگۈچى بولۇپ قالغان. تولۇق بولمىغان ئىستاتىسكىلارغا ئاساسلانغاندا ئۇلار بۇ خىل ئۇسۇلدا پەيدا قىلىدىغان كېسەللىك 65 خىلغا يېتىدىكەن. بۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئىچىدە كېزىك، خولېرا، تولغاق، ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى قاتارلىقلار بار. شۇڭا كېيىنكى قېتىم چىۋىن قونۇپ قالغان يېمەكلىكنى ئامال بار يېمەڭ. سەۋەبىنى سورىغان كىشىلەرگە بۇ بەش ئىشىنى سۆزلەپ بەرسىڭىزلا بولدى.

Sirlar
سىرلىق ئىشلار ، ئالەمدىكى يىشىلمىگەن سىرلار ، سىرلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى ، ئەڭ يېڭى بايقاشلار سىرلار سالۇنىمىزدا
 最新文章