كونا بىر ئەۋلادنىڭ مۇنداق دېگىنىنى كۆپ قېتىم ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن: «ھازىرقى ئاتا-ئانىلار بالا بېقىشتا بەكمۇ بىخەستە، بىز ئۇ چاغلاردا بۇنداق قىلمايتتۇق.» بۇ گەپ بەك مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن بولماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى جەمئىيەتنىڭ شارائىتى ئوخشىمايدۇ، ئالدىنقى بىر ئەۋلادنىڭ بالىلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى كىچىكىدىنلا ئۆزىنى ئۆزى خوش قىلىشنى، ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئۆگەنگەن. ئۇنچە كۆپ «ئىلمىي بالا بېقىش» ئۇسۇلىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغاندا ئاتا-ئانىلارمۇ جىددىيلەشمىگەن. 1962-يىلى خارلېي موتسىكىلىتىدىكى بىخەتەر ئورۇندۇق ئانچە بىخەتەر ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ.
ئەلۋەتتە، بۇنداق قىلىشىنىڭ خەتىرى تېخىمۇ كۆپ. بۇ سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسى تورداشلار يوللىغان كىچىك ۋاقتىدىكى سۈرەتلىرى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قاراڭلار، ھازىر بولىدىغان بولسا بىردەم لەنەت-نەپرەت ئوقۇلۇشى مۇمكىن ئىدى. 1928-يىلى يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن بىردەم ئارام ئېلىۋالغان، ھازىرقى بالىلار بۇنداق خوشاللىقتىن بەھرىمان بولالمايدۇ.
1950-يىللىرىغا قايتساق، ئۇ چاغدىكى بىخەتەر ئورۇندۇقنى شوپۇرنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇققا ئاسقىلى بولاتتى.
1978-يىلى ئانام مېنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ باشقىلار بىلەن بالا تەربىيەلەش تەجرىبىسى ھەققىدە پاراڭلاشماقتا.
1970-يىلى تۆت يېشىمدا ئانام مېنى ھايۋانات باغچىسىغا ئاپارغان.
1937-يىلى بىر جۈپ ئاتا-ئانا بالىسىنى ئېلىپ مۇز تېيىلماقتا.
1972-يىلى ئاتا-ئانام مېنى ئېلىپ دالا زىياپىتىگە قاتناشقان.
1960-يىللىرى مومام بىلەن بىللە فۇنىكۇليورغا چىققانىدىم، ھازىر قارىسام سەل قورقۇنچلۇق تۇرىدۇ.
1980-يىللىرى ۋېلىسپىت ماھارىتىمنى مۇشۇنداق مەشىق قىلغان.
1955-يىلى مەلىكە يۋوننې بىلەن شاھزادە ئالىكساندىرنىڭ بىكار ۋاقىتلىرى.
مەنبە: نۇر تورى