بۇ سېمىز ئادەم دوختۇرلارنىڭ قاباھەتلىك چۈشىگە ئايلاندى

文摘   2024-11-17 22:37   新疆  
سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ


ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
سىز دۇنيادىكى ئەڭ سېمىز ئادەمنىڭ قانچە كىلوگرام كىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ھازىرقى دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى ئامېرىكىلىق جون بروۋېر مىننوچ (Jon Brower Minnoch) بولۇپ، ئۇ 635 كىلوگراملىق بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، گەرچە ئۇ 1983-يىلى قازا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ رېكورت ھازىرغىچە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
ئەنگلىيىدىمۇ شۇنداق بىر «خاسىيەتلىك ئادەم» بار، ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 445 كىلوگىرامغا، بەدەن سۈپىتى كۆرسەتكۈچى (BMI)سى 119غا يېتىدۇ، ئۇ ئىلگىرى «تىرىك ئەڭ ئېغىر ئادەم» دۇنيا رېكورتىنى ساقلاپ كەلگەن! بۇ ساننىڭ ئاڭلىماققا ئادەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئىكەنلىكىگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.
بۇ غايەت زور بەدەن ئېغىرلىقىغا ئىگە ئەرنىڭ ئىسمى پائۇل ماسون (Paul Mason) بولۇپ، ئەنگلىيەلىك بىر ئاددىي ئەر ئىدى. لېكىن سىز ئۇنىڭ ئەسلىدە دەرىجىدىن تاشقىرى ئورۇق ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن! ئۇنىڭ بەدىنىدە زادى نېمە ئىش يۈز بېرىپ، ئۇنى ھەددىدىن زىيادە سېمىز ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويدى؟ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى باشتىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.
پائۇل ئەنگلىيىدىكى بىر ئاددىي ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، دادىسى ئىلگىرى دېڭىز ئارمىيە جەڭچىسى ئىكەن. بەلكىم ئۇ دادىسىنىڭ تالانتى ۋە مىجەزىگە ۋارىسلىق قىلغان بولغانلىقتىن بولسا كىرەك، كىچىكىدىن تارتىپلا بەدەن ساپاسى جەھەتتە ناھايىتى ياخشى ئىكەن، ئۇ ھەر خىل تەنتەربىيە تۈرلىرىگە قاتناشقان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ ئىنتايىن تالانتلىق ئادەم ئىكەن. ئەينى چاغدا ئۇ تېخى سەمىرىمىگەن بولۇپ، ياداڭغۇ، تەقى-تۇرقى كېلىشكەن يىگىت ئىكەن.
ئەمما، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەلىپى بارغانسېرى قاتتىقلىشىپ كەتكەن. دادىسى ئۇنىڭغا ناھايىتى ئاز ھەمراھ بولىدىغان بولۇپ، ھەتتا ئۇنى كۆرگەندە سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىكەن. ئۇ ئۆزى ھەربىي قىسىمدا قوبۇل قىلغان قاتتىق مەشىق ئۇسۇلىنى پائۇلغا بولغان تەربىيىگە ئېلىپ كىرگەن، ئۆيىدە ھەربىي قىسىمغا ئوخشاش قاتتىق قائىدە تۈزۈپ، پائۇلدىن چوقۇم رىئايە قىلىشنى تەلەپ قىلغان. دادىسىنىڭ مۇشۇنداق قاتتىق بەلگىلىمىسى بولغاچقا، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى پائۇل غايەت زور بېسىم ھېس قىلغان. ئۇ ھەمىشە ئۆزىنىڭ ياخشى قىلالماسلىقىدىن، دادىسىنىڭ ئەيىبلىشى ۋە تىللىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. ئۇ ھەر قېتىم بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغاندا، دادىسى ئۇنى قاتتىق تىللاپ، كېرەكسىز ئادەم دەپ چاقىرىدىكەن.
دادىسىنىڭ قاتتىق تەربىيە ئۇسۇلى ئەسلىدە شوخ، ئوچۇق-يورۇق پائۇلنى بارا-بارا غەمكىن قىلىپ قويغان. ئۇنىڭدىكى كۈلۈمسىرەش بارا-بارا يوقىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى قوشۇمىسى تۈرۈلگەن قاپاقلار ئالغان، ئۇ ھەمىشە ئۆزىنىڭ ياخشى قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرەپلا يۈرگەن. پائۇل دائىم ئەيىبلىنىپ تۇرغاچقا، بارا-بارا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقان، مەيلى ئۇ قانچىلىك تىرىشىپ ئۆزگەرسۇن، دادىسى ھەمىشە ئۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، بىر ئېغىزمۇ ماختاپ باقمىغان. پائۇل بۇنداق يۇقىرى بېسىملىق مۇھىتتا، تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى يېتىلدۈرگەن، دائىم كەيپىياتى تۆۋەن بولۇپ، دادىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان. بىراق، ئۇ دادىسىنىڭ ئېتراپ قىلىشىنى ساقلىيالمىغان، چۈنكى ئۇ ئەمدىلا قۇرامىغا يېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، دادىسى كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلىپ، ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان.
دادىسىنىڭ ئايرىلىشى پائۇلنىڭ تۇرمۇشىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان بولۇپ، ئۇ گاڭگىراپ ۋە مەنىسىز ھېس قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلەلمەي قالغان. شۇنداق قىلىپ، پائۇل يېمەكلىككە تەلۋىلەرچە بېرىلىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئىشتىھاسى ئىلگىرىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ھەر بىر ۋاق تاماقتا بىر نەچچە ھامبۇرگ بولكىسى يېگەندىلا ئاندىن ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدىكەن.
ئۇ ئاچلىق سەۋەبىدىن بىر نەرسە يېمەيدىكەن، بەلكى نوقۇل ھالدا تاماق يېيىش ئارقىلىق دىققىتىنى بۇراشقا موھتاج بولغان، شۇڭا ئۇ ئەزەلدىن بۇ خىل تەلۋىلەرچە قىلمىشنى توختىتىشنى ئويلاپ باقمىغان. توختىماي چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرىكەت كەمچىل بولۇش، كۈن بويى ئۆيدە ئولتۇرۇپ بىر نەرسە يېيىش نەتىجىسىدە، پائۇل بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىلا سەمىرىپ كەتكەن. بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ سىرتقا چىقىشنى تېخىمۇ خالىمايدىغان بولۇپ، قالايمىقان، چېچىلاڭغۇ بولۇپ، ھەرىكىتىمۇ بۇرۇنقىدەك چاققان بولماي قالغان.
پائۇلنىڭ تۇيۇقسىز چۈشكۈنلىشىشى ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان. ئۇ خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغان، چۈنكى ھېچقانداق شىركەت كۈن بويى بىر نەرسە يېيىشنىلا بىلىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن خىزمەت قىلمايدىغان خىزمەتچىگە ئېرىشىشنى خالىمايدۇ-دە. ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغان قىز دوستىمۇ ئۇنىڭ ئەھۋالى سەۋەبلىك ئايرىلىپ كېتىشنى قارار قىلىپ، ئۇنى يارامسىز، دەپ قارىغان.
دادىسىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان پائۇل ھازىر تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. ئۇ قايغۇ-ھەسرىتىنى ئىشتىھا بىلەن تۈگەتىشنى ئويلاپ، بۇرۇنقىدىنمۇ بەتتەر تاماق يېيىشكە باشلاپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك ئائىلە خىراجىتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى سەرپ قىلىۋەتكەن. بۇ ئۇنىڭ ئانىسىغا غايەت زور بېسىم ئېلىپ كەلگەن. ئۇ ئەسلىدە ئائىلە ئايالى بولۇپ، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قايتىدىن خىزمەت تېپىپ ئائىلىسىنى بېقىشقا مەجبۇر بولغان.
ئۇنىڭ ئانىسى ئەسلىدە «ئېرىم قالدۇرۇپ كەتكەن مىراس بار، گەرچە مائاشىم ئاز بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قامدىيالايمەن» دەپ ئويلىغان. بىراق، ئۇ ئوغلى پائۇلنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەپ-ئىچىشكە مەپتۇن بولۇپ قېلىپ، ئائىلىسىنىڭ كۆپ قىسىم يىغقان پۇلىنى يەۋېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەن.
ئوغلىنىڭ كۈندىن-كۈنگە سەمرىپ كېتىۋاتقانلىقى، ئائىلە ئامانەت پۇلىنىڭ ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، پائۇلنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا يول قويماسلىقنى قارار قىلغان. ئۇ ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن پائۇل بىلەن بىر قېتىم پاراڭلاشقان ھەمدە ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر يەنە خىزمەت ئىزدىمىسە، ئۇنىڭغا تاماق پۇلى بەرمەيدىغانلىقىنى، ئاچلىقتىن ئۆلۈشنى ساقلىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بەختكە يارىشا، ئۇ راستتىنلا بىر خىزمەت تاپقان. لېكىن ھېچكىم پائۇلنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان. بىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خىزمەت قىلىۋاتقان پائۇلنىڭ ئاپىسى تۇيۇقسىز ساقچى ئىدارىسىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭغا پائۇلنىڭ ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنى ئاڭلىغان پائۇلنىڭ ئانىسىنىڭ ئىككى پۇتى بوشىشىپ كەتكەن، روشەنكى، ئۇ بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان.
ساقچى ئىدارىسىغا بارغاندىن كېيىن، ئۇ ئاخىرى ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەن، شۇنداقلا ئوغلىنىڭ چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېنىق كۆرگەن. ئەسلىدە، پائۇل ئۆزىنىڭ پوچتىخانىدىكى خىزمىتىدىن پايدىلىنىپ، دائىم ئوغرىلىقچە مېھمانلارنىڭ پوسۇلكىسىنى ئېچىپ، ئىچىدىكى نەرسىلەرنى ئوغرىلاپ، ئاندىن سىرتتا سېتىپ پۇل تاپقان. دەسلەپتە، ئۇ پەقەت ئازراق نەرسە ئوغرىلىغان. لېكىن، بايقىلىپ قالمىغاچقا، بارغانسېرى ھەددىدىن ئېشىپ، ئوغرىلىغان نەرسىلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىپ، بارغانسېرى پۇلغا يارايدىغان بولۇپ كەتكەن. بايقىلىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇ باھانە ئىزدىمەي، ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى ئىقرار قىلغان. ئۇ پەقەت بۇ پۇللار بىلەن يېمەكلىك سېتىۋالماقچى ئىكەن. دەلىل-ئىسپات تولۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە پائۇلنىڭ ئۆزىنى ئىقرار قىلىشى بىلەن، ئۇ ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە كىرىپ، ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. پائۇل تۈرمىدىمۇ ئۆزگەرمىگەن. ئۇ داۋاملىق ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن. پائۇل تۈرمىدىن چىققاندا، ھەممە ئىشلار ئۆزگەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئانىسى ئاللىقاچان قازا قىلغان.
پائۇل بىر مەھەل تۇرمۇش نىشانىدىن ئادىشىپ قېلىپ، سىرتقى دۇنياغا ناتونۇش ھېس قىلىپ، ياشاشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتەك ھېس قىلغان. ئۇ يەنە بىر قېتىم ئۆزىدىن ۋاز كېچىپ، ئانىسى ھايات ۋاقتىدا قالدۇرۇپ كەتكەن پۇلغا تايىنىپ ئاران كۈن ئۆتكۈزگەن، ھەر كۈنى يەپ-ئىچىشتىن باشقا، ئۇخلىغان، ئۆينىڭ تازىلىقىغىمۇ كۆڭۈل بۆلمىگەن، خۇددى ئۆزىنى قوتاندىكى بىر ئۇلاغقا ئوخشىتىۋالغان. ئۇزۇن مەزگىللىك ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش نەتىجىسىدە، پائۇلنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ، ئەڭ ئاخىرىدا 445 كىلوگىرامغا يەتكەن، پۈتۈن بەدىنىدىكى ماي خۇددى غەلىتە مەخلۇققا ئوخشاش دۆۋىلىنىپ كەتكەن.
بۇنداق ساغلام بولمىغان تۇرمۇش تەبىئىيلا ساغلاملىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، پائۇل دائىم سالامەتلىكى سەۋەبىدىن ھوشىدىن كەتكەن، لېكىن ئۆيىدە ئۇنىڭغا دىققەت قىلغۇدەك ھىچكىم قالمىغان. 2008-يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، پائۇلنىڭ قورسىقى تۇيۇقسىز ئاغرىپ، خۇددى كەسكەندەك ئاغرىشقا باشلىغان. ئۇ ئاغرىققا چىداپ تۇرۇپ، قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا تېلېفون قىلغان، بۇ تېلېفون ئۇنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزگەرتكەن. شاۋ ساممېرس پائۇلنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن كۈننى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ، جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئۇنى ئالغىلى بارغاندا، قورقۇپ كەتكەن، چۈنكى بۇ بىمارنىڭ بەدىنى بەك چوڭ ئىكەن.
سېمىزلىك كېسىلىنى تەتقىق قىلىش مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ نۇرغۇن سېمىز كىشىلەرنى كۆرگەن، لېكىن ئۇ پائۇلنى كۆرگەندە يەنىلا ھەيران قالغان. پائۇلنىڭ تۇرقى ھەقىقەتەن بەك سېمىز بولۇپ، ئىشىكتىن چىقالماي قالغان، ئاخىرىدا تامنى چېقىپ ئاندىن ئۇنى كۆتۈرۈپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان، ھەتتا قۇتقۇزۇش ماشىنىسىمۇ ئۇنى سىغدۇرالمىغان. ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ماي بەك كۆپ يىغىلىپ قېلىپ، ئەزالىرىنى بېسىۋالغان بولۇپ، ئەگەر تېزراق ئورۇقلىمىسا، ئۇنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر پائۇلغا ئۆزىنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا تېزدىن ئوپېراتسىيە قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن، بولمىسا ئۇنىڭ ئەزالىرى تېزلا زەئىپلىشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئوپېراتسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، پائۇل ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن، چۈنكى ئۇنىڭ ئوپېراتسىيە قىلغۇدەك پۇلى يوق بولۇپ، تۇرمۇشىنى قامداشمۇ تەس بولۇپ قالغان. خىزمىتى بولمىغاچقا، ئانىسى قالدۇرۇپ كەتكەن پۇلمۇ تۈگەي دەپ قالغاچقا، ئوپېراتسىيە ھەققىنى تۆلەشكە ئامالسىز قالغان. شۇنىڭ بىلەن، پائۇل بىر ئاز ئويلىنىپ، ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى يوق دەپ قاراپ، ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغان ھەمدە ئۇيقۇ دورىسى سېتىۋېلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولغان. لېكىن، كۈتۈلمىگەن ئىش يۈز بەرگەن، يەنى بەدىنىدىكى ماي بەك كۆپ بولغاچقا، دورا سۈمۈرۈلمەي، ئۇيقۇ دورىسىنىڭ ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغان.
ساممېرس پائۇلنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىيىتىنى كۆرۈپ، پائۇلغا بىر رەھىمسىز رېئاللىقنى ئېيتقان، يەنى ئۇنىڭ سېمىزلىكى ئۇنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سېلىپلا قالماي، ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن ھالەتتىمۇ، ئۇنىڭ جەسىتىنى بىر تەرەپ قىلىشمۇ تەسكە توختايدىكەن. كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش ئۆيىگە ئۇنى قويغىلى بولمىغاچقا، ئۇنى قوي-كالىلارنى بىر تەرەپ قىلغانغا ئوخشاش، قۇشخانىغا ئاپىرىپ بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن. بۇ رەھىمسىز پاكىت پائۇلنى قورقۇتىۋەتكەن، ئۇ ئۆلۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، دوختۇردىن ئۇنى قۇتقۇزۇۋىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ساممېرس بۇ بىچارە ئەرگە ياردەم قىلىشنى قارار قىلغان. ئۇ دوختۇرخانا بىلەن ماسلىشىپ، پائۇلنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىگە بولغان تەلەپنى بوشاشتۇرغان ھەمدە ئۇنىڭغا خاس داۋالاش لايىھەسى تۈزۈپ بەرگەن، ئۆزىمۇ پائۇلنىڭ مەسئۇل دوختۇرى بولغان. ئوپېراتسىيىنىڭ خەتىرى بەك چوڭ، قىيىنلىق دەرىجىسى بەك يۇقىرى بولۇپ، ساممېرس گەرچە مۇتەخەسىس ھەم مول ئوپېراتسىيە تەجرىبىسىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن پائۇلنىڭ مىڭ جىڭغا يېقىن ئېغىرلىقىنى بىر تەرەپ قىلىش يەنىلا بىر نامەلۇم خىرىس ھېسابلانغان. بەختكە يارىشا، ئوپېراتسىيە ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. ئۇزۇن بىر كېچە-كۈندۈزدىن كېيىن، پائۇلنىڭ ئاخىرى 300 جىڭغا يېقىن سېمىز گۆشى يوقىتىلىپ، ئاشقازىنىنىڭ بىر قىسمى كېسىپ ئېلىۋىتىلگەن. پائۇل ئۆزىنىڭ ئورۇقلاپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، ھاياجاندىن ياش تۆككەن.
ئۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ھەيران قالارلىق ئىش يۈز بەرگەن بولۇپ، رىبېكا ئىسىملىك بىر ئامېرىكىلىق قىز پائۇلنىڭ ھېكايىسىدىن تەسىرلىنىپ، ئۆزى يالغۇز ئەنگىلىيەگە مۇھەببەت ئىزھار قىلغىلى كەلگەن. ئەمدىلا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان پائۇل بۇ غەلىتە قىزنى كۆرۈپ، بەلكىم ئۆزىنىڭ بۇنداق قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشەلمىگىنىگە ئۇزۇن بولغان بولۇشى سەۋەبتىن بولسا كىرەك، ئۇمۇ سەل ھاياجانلىنىپ قالغان. كۆپ قېتىم پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئىككىيلەن رەسمىي ئاشىق-مەشۇقلاردىن بولۇپ قالغان. رېبېكانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرى ئامېرىكىدا بولغاچقا، پائۇل ئۆزى يالغۇز بولغاچقا، ئۇ رېبېكاغا ئەگىشىپ ئامېرىكىغا كېلىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن.
دەسلەپتە، ئۇلار بىر مەزگىل خۇشال-خۇرام ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن پائۇلنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزگەرتىشى تەسكە توختىغان. ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش، خىزمەت ئىزدىمەي، كۈن بويى ئۆيدە بىكار ئولتۇرۇپ بىر نەرسە يېيىشكە باشلىغان. رېبىكا پەقەت چىداپ تۇرالماي، ئۇنىڭغا بىر خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن. لېكىن، پائۇل مىننەتدار بولمايلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ ئىش قىلالمايدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ ئۆزىنى چەتكە ئالغان. رېبىكانىڭ ئەڭ قوبۇل قىلالمايدىغىنى شۇكى، پائۇل ئۆزىنىڭ تەستە قولغا كەلگەن بەدىنىگە ئەھمىيەت بەرمىگەن. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە بەدىنىنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىپ چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىشكە باشلىغان، مىڭ تەسلىكتە ئورۇقلىغان بەدەن ئېغىرلىقى يەنە بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتقان.
كۆز ئالدىدىكى بۇ سەمىرىپ كەتكەن ئەرگە قاراپ، رېبىكا بىردەمدىلا پائۇلنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ئىقتىدارسىزلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن. ئۇ ئۇنى قۇتقۇزغىلى بولمىغۇدەك، مەيلى مەن قانچىلىك تىرىشاي، ئۆزىنىڭ يامان ئادىتىنى ھەرگىز ئۆزگەرتمىگۈدەك، دەپ ئويلىغان. شۇنىڭ بىلەن رېبىكا كەسكىنلىك بىلەن پائۇل بىلەن ئايرىلىپ كېتىشنى قارار قىلغان ھەمدە ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغان.
تۇرالغۇسىدىن ئايرىلىپ قالغان پائۇلنىڭ قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق بولغاچ، پەقەت كوچىلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. ئاچلىققا چىدىيالمىغانلىقتىن، ئۇ ئىشتىھاسىنى باسالماي، ئوغرىلىق قىلىش نىيىتىگە كەلگەن. بەختكە قارشى، ئۇنىڭ غايەت زور بەدىنى بولغاچ، بارلىق ھەرىكەتلىرى ناھايىتى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۇنجى قېتىم ھەرىكەتكە كەلگەندىلا قولغا ئېلىنغان. پائۇل ئامېرىكا پۇقراسى بولمىغاچقا، ئامېرىكا ساقچىلىرى ئۇنى بىۋاسىتە بىر تەرەپ قىلىشقا ئامالسىز قېلىپ، ئۇنى ئەنگىلىيەگە قايتۇرۇپ كېلىپ، ئەنگىلىيە ساقچىلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. پائۇل بىر مەزگىل قامىلىپ، قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ھالىتىدىن ھەيران قالغان ھەمدە تۇيۇقسىز قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارماقچى بولغان.
ئۇ يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلغان دوختۇرخانىغا كېلىپ، ئۇلاردىن يەنە بىر قېتىم ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈنگەن. لېكىن دوختۇرخانىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى: «ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۇ ئۆزى تاپقان، بىز ئىلگىرى نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىپ ئۇنىڭ ئورۇقلىشى، سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم قىلغان، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى قەدىرلىمىگەن. دوختۇرخانا خادىملىرى ئومۇميۈزلۈك ئۇنىڭغا يەنە ياردەم قىلغان ھالەتتىمۇ، ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، كېلەر قېتىم يەنىلا شۇنداق بولۇشى مۇمكىن، ئەڭ ئاخىرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغىنى يەنىلا دوختۇرخانا دەپ قارايدۇ». لېكىن پائۇل خۇددى قەتئىي نىيەتكە كەلگەندەك، يەرگە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ دوختۇرخانىدىكىلەرنىڭ ياردىمىنى ئۆتۈنگەن. ئاخىرىدا شاۋ ساممېرس چىداپ تۇرالماي يەنە بىر قېتىم ياردەم قولىنى سۇنۇشنى قارار قىلغان. ئۇ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، پائۇلنىڭ ئوپېراتسىيىسىنى مەبلەغ ۋە كۈچ بىلەن تەمىنلىگەن.
ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتكەن ماي.
ساممېرس دوختۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق دوختۇرلارنىڭ شەپقىتىنى نامايەن قىلغان. ئوپېراتسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، پائۇلمۇ ئىلگىرىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئەمدى ئۆزىنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەي، دۇرۇس خىزمەت تېپىپ، ئۆز قولىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدىغان. ئۇ يەنە ئاندا-ساندا، ئىككى قېتىم ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان ساممېرسنى يوقلاپ تۇرغان.
بۈگۈنكى كۈندە، پائۇل ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن يىراقلىشىپ، تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىغان. ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغىنى شۇكى، ئەگەر ساممېرسنىڭ يەنە بىر قېتىم ياردىمى بولمىغان بولسا، پائۇل ئەمدى نورمال ئادەملەردەك تۇرمۇش كەچۈرەلمەسلىكى مۇمكىن بولۇپ، قايتا جىنايەت يولىغا مېڭىپ قىلىشى ياكى باشقا ئىشلار بولۇپ قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. پائۇلنىڭ بۇ يېرىم ئۆمۈرلۈك ھېكايىسى بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى زور دەرىجىدە ئەسلىدىكى ئائىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن، لېكىن، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىدىغان ئىقتىدارى بولىدۇ.
بىز تۇرمۇشتىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى دەپ بەدىنىمىزگە زىيان يەتكۈزمەسلىكىمىز كېرەك، ساغلاملىق ئاسان قولغا كەلمەيدۇ، ئەگەر ساغلاملىقتىن ئايرىلىپ قالساق، ھەممە ئىشنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ. خۇددى كىتابلاردەك ئېيتىلغاندەك: «قەدىرلىك دوستۇم، سىزنىڭ قالايمىقان تۇرمۇشتىن خۇشاللىق تېپىشىڭىزنى ئارزۇ قىلىمەن». «مەن ئۆزۈمنى سۆيۈشنى ئۆگەنگىنىمدە، ئەمدى ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىمەيمەن». «ئادەم، ئارزۇ بولۇشى كېرەك، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك، شۇنداق ئەمەسمۇ؟».
بۇ ھېكايە يەنە بىزگە ئەتراپىمىزدىكى ئادەم ۋە شەيئىلەرنى قەدىرلەشنى، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ياردەم قولىنى سۇنغانلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئەسكەرتىدۇ. بۇنىڭغا سىز قانداق قارايسىز؟ سۆز قالدۇرۇپ بىز بىلەن مۇزاكىرە قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

كىنولار

تەۋسىيەلىك رومانلار
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552

Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章