دۇنيادا گېنى پۈتۈنلەي ئوخشايدىغان ئىككى ئادەم مەۋجۇت بولامدۇ؟

文摘   2024-10-29 23:57   新疆  

كۈندىلىك تۇرمۇشتا، كىشىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ تاشقى قىياپىتىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرگەندە، «گېن ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىكەن!» دەپ ھەيران قېلىشىدۇ. ھەتتا بەزىدە كىشىلەر ئۆز ئارا قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىككى ئادەمنىڭمۇ ناھايىتى ئوخشىشىدىغانلىقىنى بايقايدۇ، بۇ ۋاقىتتا بەزىلەر ئۇلارنىڭ بەدىنىدە ئوخشاش گېن بارمۇ نېمە؟ دەپ گۇمانلىنىدۇ. ئالىملارنىڭ نۆۋەتتىكى سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ دۇنيادا پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىككى ئادەم يوق، يەنى گېنى پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىككى ئادەم يوق، ئوخشاش تۇخۇمدىن تۆرەلگەن قوشكېزەك بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ گېنىدا يەنىلا نۇرغۇن پەرق بار.

لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى ئالىملار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ دۇنيادا تامامەن ئوخشاش ئىككى ئادەم مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، يەنى بۇ ئىككى ئادەمنىڭ گېنىنىڭ ئوخشاشلىق دەرىجىسى %99 تىن يۇقىرى بولىدۇ، چۈنكى ئادەمنىڭ گېنىدا قاتلىنىش ھادىسىسى مەۋجۇت، گەرچە ئادەمنىڭ گېن بىرىكىش شەكلى مۇرەككەپ ھەم كۆپ خىل بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل بىرىكىش ئۇسۇلى چەكسىز بولمىسىلا، دۇنيادا گېنى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان ئىككى ئادەمنىڭ مەۋجۇت بولۇشى تامامەن مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇ ئىككى ئادەم ئوخشاش بىر دەۋردە، ئوخشاش بىر جايدا ياشىشى ناتايىن، ئۇلار بەلكىم بىر قانچە دەۋردىكى ئادەم بولۇشى مۇمكىن.

ئالىملارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ھەر نەچچە يۈز يىلدا تەخمىنەن ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ گېنى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بىر ئادەم پەيدا بولىدۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر، ئالىملار گېنى پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىككى ئادەمنى بايقىمىدى، بىر تەرەپتىن، ئىنسانلار بىيولوگىيە گېن ئىلمى بىلىمىگە 100 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن ئېرىشكەن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىنسانلاردا ھەرگىزمۇ ئاتالمىش «گېن» ئېڭى يوق ئىدى، شۇنداقلا گېن جەھەتتىكى ئىشلارغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلمەيتتى، يەنە بىر تەرەپتىن، دۇنيا نوپۇسى ناھايىتى كۆپ، يەر شارىدا گېنى پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىككى ئادەم مەۋجۇت بولسىمۇ، كىشىلەر ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىيالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئوخشىمىغان دەۋردە ياشىغان بولۇشى مۇمكىن.

بۇنىڭ ئۈچۈن، بەزى ئالىملار مۇنداق بىر پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇ بولسىمۇ بىر ئادەمگە خاس گېننىڭ تىزىلىش شەكلى مۇكەممەل ساقلىنىپ قېلىپ، ئەگەر يۈز يىل ياكى مىڭ يىلدىن كېيىن، بەلكىم ئىلگىرىكى بۇ ئادەمنىڭ گېنىنىڭ تىزىلىش شەكلىگە ئوخشاش بىر ئادەم پەيدا بولۇشى مۇمكىن. بىراق، بۇ ۋاقىتتا بەزىلەر نۇرغۇنلىغان سوئاللارنى قويدى، يەنى گېنىنىڭ ئوخشاشلىق دەرىجىسى %99 كە يەتكەن ئىككى ئادەم پۈتۈنلەي ئوخشاش ئادەممۇ؟ ياكى مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۇلار ئەمەلىيەتتە بىر ئادەممۇ؟ ياكى كېيىنكىسى ئەمەلىيەتتە ئالدىنقىسىنىڭ ئايلىنىشى بولامدۇ؟ بۇ مەسىلىلەرگە ئالىملار تېخى ئېنىق جاۋاب بەرمىدى.

ئەگەر ئىككى ئادەمنىڭ گېنىنىڭ تىزىلىش شەكلى ئوخشاش بولسا، ئۇ ھالدا بۇ ئىككى ئادەم ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا پۈتۈنلەي ئوخشاش بولىدۇ، لېكىن كېيىنكى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئۇلاردا ئەڭ ئاخىرىدا ئوخشىمايدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

Sirlar
سىرلىق ئىشلار ، ئالەمدىكى يىشىلمىگەن سىرلار ، سىرلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى ، ئەڭ يېڭى بايقاشلار سىرلار سالۇنىمىزدا
 最新文章