شى جىنپىڭ دۇنيا جۇڭگو تىل - يېزىقى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

文摘   2024-11-17 17:34   新疆  
شى جىنپىڭ 2024 - يىللىق دۇنيا جۇڭگو تىل - يېزىقى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى  11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2024 - يىللىق دۇنيا جۇڭگو تىل - يېزىقى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى ھەم كۇڭزى شۆيۈەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تىل ئىنسانلارنىڭ ئىدىيە ئالماشتۇرۇش قورالى، مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش ۋاسىتىسى، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆۋرۈكى. جۇڭگو تىل - يېزىقىغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيلىك ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن، ئۇ، جۇڭگونىڭ دۇنياغا تۆھپە قىلىپ قوشقان مۇھىم ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقى مائارىپىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش جۇڭگونىڭ ئانا تىل دۆلىتى بولۇش سۈپىتىدىكى مەسئۇلىيىتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقئارا جۇڭگو تىل - يېزىقى مائارىپى كەڭ ئالقىشقا ئېرىشىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتەك جەلپكارلىقىنى گەۋدىلەندۈردى، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتەك قىممىتىنى نامايان قىلدى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش روھىنى ئەكس ئەتتۈردى، ئۇنىڭغا جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك زاتلارنىڭ ئورتاق ئەجرى مۇجەسسەملەنگەن. دۇنيا جۇڭگو تىل - يېزىقى يىغىنىنىڭ توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىلىشىش، يۇغۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، تىلنى راۋانلاشتۇرۇش كۆۋرۈكى، چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىشىنىش كۆۋرۈكى، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش كۆۋرۈكىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

2024 - يىللىق دۇنيا جۇڭگو تىل - يېزىقى يىغىنىنى جۇڭگو مائارىپ مىنىستىرلىقى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، باش تېمىسى «ئالاقىلىشىش، يۇغۇرۇلۇش، ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش» بولۇپ، 160تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 2000دىن ئارتۇق ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، مەكتەپ مۇدىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىم، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ۋە جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەنبە: تىيانشان تورى




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章