جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدا

文摘   2024-11-21 19:23   新疆  
جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۇرپان ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن پىچان كۈچىنى قوشىمىز

 پىچان ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى گۇاڭياۋ 

باش شۇجى شى جىنپىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونلىرىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى» دەپ كۆرسەتتى. شەھەرلىك 2 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەشنىڭ تۇرپان ئەمەلىيىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، تۇرپاننىڭ دىققەتنى ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پىچان ناھىيەسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - يىغىنى ۋە شەھەرلىك 2 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ «1535» خىزمەت تەپەككۇرىنى چىڭ كۆزلەپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت خەلقنى «تۆتتە بىللە بولۇش» ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۇرپان ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن پىچان كۈچىنى قوشىدۇ.
بىرىنچى، مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز. پىچان ناھىيەسى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە قانۇنچىل ھۆكۈمەت ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى بەرپا قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق يولىدا پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.  
مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىستېرېئولاشقان، ئۇچۇرلاشقان جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر ساھەسىدىكى خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، تەستە قولغا كەلگەن جەمئىيەت مۇقىملىقى ياخشى ۋەزىيىتىنى سىجىل مۇستەھكەملەيدۇ.
ئىككىنچى، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ماددىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلايمىز. پىچان ناھىيەسى تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىڭ، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشىنى چوڭقۇر تونۇپ، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تاپشۇرغان «سانائەت ئارقىلىق شەھەرنى قۇدرەت تاپقۇزۇش» بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش بۇرچى، ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، كىرېمنىي ئاساسىدىكى يېڭى ماتېرىياللار، نېفىت - تەبىئىي گاز خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر - كۆمۈر ئېلېكتىر - كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېشىل يېڭى ئېنېرگىيەدىن ئىبارەت «تۆت چوڭ يېتەكچى كەسىپ»نى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۈزۈم، قوغۇن - تاۋۇز، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، خاس چارۋىچىلىقتىن ئىبارەت «تۆت چوڭ خاس كەسىپ»نى پۈتۈن زەنجىر بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنى باشلامچى قىلغان زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 10 چوڭ كەسىپ توپىدىكى نۇقتىلىق 22 كەسىپ زەنجىرىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئورتاق يارىتىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلىدۇ. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك «10 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى»نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، مائارىپ، خەلق تۇرمۇشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالاش، تۇرالغۇ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر 60 ئەمەلىي ئىشنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرىدۇ.
ئۈچىنچى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيمىز. پىچان ناھىيەسى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پىچاننىڭ ئەزەلدىن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا دائىر تارىخىي پاكىتلار، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملار ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدۇ، «باش شۇجىنىڭ ئىزىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش» پائالىيىتى ۋە «قەدەم ئىزىنى بويلاپ مېڭىش، تەرەققىياتقا نەزەر سېلىش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» ئاممىۋى خاراكتېرلىك تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، تۇيۇق كەنتىدىكى قەدىمىي كەنتلەرنى قوغداش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ليۇجۇڭ قەدىمكى شەھىرى، چوڭ - كىچىك ھاسا قەدىمكى شەھىرى خارابىسىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كۆچمە مۇزېي، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئاممىنىڭ يېنىغا يەتكۈزۈش قاتارلىق تەتقىقات - ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، «داڭلىق يازغۇچى، رەسسام، فوتوگرافلار پىچاننى يېزىش (سىزىش، سۈرەتكە تارتىش)« پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «12 مۇقام» قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشنى ياخشى ئىشلەپ، تارىخنى سۆزلىتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.
تۆتىنچى، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي بازىسىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە كۈچلۈك قىلىپ قۇرىمىز. پىچان ناھىيەسى ئىشنى ياش - ئۆسمۈرلەردىن باشلاپ تۇتۇش، مەكتەپتىن باشلاشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىدارە قىلىش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، گۇرۇھلاشقان مەكتەپ باشقۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يەسلى مائارىپ بايلىقى بىلەن تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسىي مائارىپنى كېڭەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلىرى ئالماشتۇرۇش پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىنى بېيىتىپ، كېڭەيتىپ، پىچانلىق ئوقۇغۇچىلارنى خېڭياڭغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشكە دائىملىق تەشكىللەپ، «كىچىكلەر چوڭلارنى يېتەكلەش . چوڭلار كىچىكلەردىن ئۆگىنىش» دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش، سۆزلەش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.
بەشىنچى، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ جەمئىيەت ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلايمىز. پىچان ناھىيەسى يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئورۇنلاشتۇرمىسى يىرىك پىلانى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت بايلىقىنى تەقسىملەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، كەسىپ سىستېمىسى ۋە مۇھىم ئامىللارنى تەقسىملەشنى ئومۇميۈزلۈك يۇغۇرۇشنى تېزلىتىپ، مەركىزىي بازار قۇرۇلۇشىنى قاتلاممۇقاتلام ئالغا سىلجىتىپ، «كىچىك شەھەر» ۋە ناھىيەنىڭ قوشۇمچە مەركىزىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، بىر تۈركۈم كەسىپتە كۈچلۈك بازارلار، مۇھىم سودا بازارلىرى، داڭلىق ساياھەت بازارلىرىنى قۇرۇپ، يېزا نوپۇسىدىكىلەرنى شەھەر - بازارلارغا يۈزلىنىشكە، يۇرتىنى شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ۋاسىتىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان كەنت - بازار، كارخانا، سودا بازارلىرىنى پىلانلىق، تۈركۈمگە بۆلۈپ بەرپا قىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «بىزنىڭ بايرىمىمىز»، «بايرامنى بىللە ئۆتكۈزۈش . خۇشال بىر ئائىلە كىشىلىرى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
ئالتىنچى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز. پىچان ناھىيەسى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى، جەمئىيەت تەرەققىياتى يىرىك پىلانى پىروگراممىسىغا، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىگە كىرگۈزۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلەرنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتى بىلەن ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىش سىياسەت - مېخانىزمى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلاننى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە باشقۇرىدىغان، بىرلىك سەپ تارماقلىرى باشلامچىلىق بىلەن ماسلاشتۇرىدىغان، مىللەتلەر خىزمىتى تارماقلىرى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، ھەرقايسى تارماقلار بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىدىغان، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىدىغان يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ئەندىزىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتى ۋە تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يولنى بويلاپ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章