مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنى ئىچىلدى

文摘   2024-11-18 12:20   新疆  

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى


ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان مۇھىم خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، جاڭ جۇ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرى  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە يېڭى دەۋر شىنجاڭ ئىستراتېگىيەلىك يولى بەرپا قىلىش، زامانىۋىلاشقان ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى تەتقىقات دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، 4 - پەسىلدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى ئېنېرگىيە شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپلەرنى بەرپا قىلىشتىكى گەۋدىلىك ئەۋزەللىكى ۋە نۇقتىلىق ساھەسى، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم. دۆلەتنىڭ سىياسەت يۆنىلىشى ۋە كەسىپ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى ۋە ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي خاراكتېرى ۋە تېخنىكا لىنىيەسىنى تولۇق ئويلىشىپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى سىستېمىلىق، ئىلمىي مۇھاكىمە قىلىپ ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرلىرىنى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارى ۋە يېڭى ئېنېرگىيەنى تورلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق تۈرلەر بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە ساقلاشنى ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتىنى كېڭەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەپ ئۇزارتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى قۇۋۋەت قوشۇش، يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا مۇناسىۋەتلىك يىراق كەلگۈسى چوڭ پىلان. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بۇ تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئېكولوگىيە ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات جەھەتتىن تولۇق تونۇپ، ئاساس سالىدىغان، يىراق كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، سىستېمىلىق پىلانلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇش لايىھەسىنى ئىلمىي باھالاپ، لىنىيە لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يەرلىك بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ھەمتۈرتكە بولۇش، تارماقلار ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى داۋاملىق يۇقىرى سۈپەتتە، يۇقىرى ئۈنۈمدە ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ 100 يىللىق قۇرۇلۇش، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، تەرەققىيات قۇرۇلۇشى قىلىپ بەرپا قىلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: زامانىۋىلاشقان ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى بەرپا قىلىش شىنجاڭدا زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم ھالقا، شۇنداقلا ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش، «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئومۇملۇقىنى كۆزلەپ، «بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئېغىر يۈك تۆمۈريولى، ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ۋە G219 لىنىيەسى قاتارلىق نۇقتىلىق تاشيول، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش ۋە غۇلجا ئايرودۇرۇمىنى كۆچۈرۈپ قۇرۇش قاتارلىق چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، رايون ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى كۈچلۈك تىرىكىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك. قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ھەم تەرەققىيات باسقۇچىدىن ھالقىپ كەتمەسلىك، ئىلمىي پىلانلاپ، پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋر ئىستراتېگىيەلىك يولى بەرپا قىلىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى يېڭى مۇساپىدە يېڭى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى نەزەرىيەسى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى ئىلمىي قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم بايانلىرىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى شىنجاڭنىڭ كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر تەرەققىياتىنى زورايتىش، كەلگۈسى كەسىپلەرنى تېز ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان پۇرسەت ۋە خىرىسلارنى چوڭقۇر ئېنىق تونۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھازىر يىل ئاخىرىغا يەنە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قالدى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىقتىسادنى تۇتۇپ، ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىپ، كۆلەمنى كېڭەيتىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيە بايلىقى، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، كارخانىلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق، مەسىلىلەرنى ئالدىن ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىدىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، تاشقى سودىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆستۈرۈپ، قىشلىق ساياھەتنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك ساھەلەردىكى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى بېجىرىپ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرادا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، جەمئىيەتتىكى زىددىيەت - ماجىرالار، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، يول قاتنىشى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، مەنبەدىن تۈزەشنى دەل جايىدا كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئىلمىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپسىزلىك، تەرەققىيات تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ياخشى ساقلىشى كېرەك.
تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، چېن مىڭگو، ۋاڭ جيەنشىن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە: تىيانشان تورى




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章