ما شۆلياڭ توقسۇن ناھىيەسىدە مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئاچتى

文摘   2024-11-16 17:03   新疆  

ما شۆلياڭ توقسۇن ناھىيەسىدە رىياسەتچىلىك قىلىپ مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئاچتى


بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىلغارلىق ئورنىنى تالىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېز ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاتاكا سىگنالىنى ياڭرىتىش كېرەك


تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز لى يەنچياڭ) 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شۆلياڭ توقسۇن ناھىيەسىگە كېلىپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم رىياسەتچىلىك قىلىپ مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ناھىيەدىكى يۇقىرى - تۆۋەندىكىلەرنى بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش، تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە سەپەرۋەر قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېز ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاتاكا سىگنالىنى ياڭرىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۇرپان يېڭى ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

شىنجاڭ جۇڭتەي يېڭى ماتېرىيال پاي چەكلىك شىركىتىدە، ما شۆلياڭ بايلىققا ئايلاندۇرۇپ ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىدىغان مېتانولنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى لى يەنچياڭ فوتوسى


شۇ كۈنى، ما شۆلياڭ شىنجاڭ جۇڭتەي يېڭى ماتېرىيال پاي چەكلىك شىركىتى، توقسۇن ناھىيەلىك فېڭچېڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتى، تۇقسۇن ناھىيەلىك خۇيمىن ئاپتوموبىل شەھەرچىسىگە بېرىپ، بايلىققا ئايلاندۇرۇپ ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىدىغان مېتانولنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، قارا قوي نەسلىنى ساقلاپ قېلىش تۈرى، ئاپتوموبىل سېتىش ھەم كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ئالغا سىلجىتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ما شۆلياڭ رىياسەتچىلىك قىلىپ مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئاچتى، يىغىندا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە ھۆكۈم چىقىرىپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ يېڭى تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، كېڭەيتىپ، يېڭى رىقابەت ئەۋزەللىكىنى ئاشۇرۇپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇشىنى قوللاش مەقسەت قىلىندى.
يىغىندا، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە 4 - پەسىللىك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ناھىيە ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
ما شۆلياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: توقسۇن ناھىيەسىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى كەڭ، يوشۇرۇن كۈچى زور، زاپاس كۈچى يېتەرلىك بولۇپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، نەزەر دائىرە ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، دادىل ئىشلەش، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇش جاسارىتىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئاچقۇچنى دەل جايىدا تېپىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، پۈتۈن زېھىن بىلەن تەرەققىياتنى كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈنۈمى ئارقىلىق يېڭىچە مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك.

توقسۇن ناھىيەلىك خۇيمىن ئاپتوموبىل شەھەرچىسىدە، ما شۆلياڭ ئاپتوموبىل سېتىش ھەم كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇپ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى لى يەنچياڭ فوتوسى


ما شۆلياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: توقسۇن ناھىيەسى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت قارىشىنى كۈچەيتىپ، كەسىپنى ئاساس قىلىش، سانائەتنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش ئىدىيەسىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىنى چىقىش قىلىپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىدىن ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى توغرا تېپىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېتەكچى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سانائەت باغچە رايونىنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، خاس كەسىپلەر سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، ناھىيە رايونىنىڭ كەسىپ رىقابەت كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سەۋىيەدە ياخشى پىلانلاپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى يىرىك پىلان تەپەككۇرى، چوڭ - چوڭ تۈرلەر، مۇھىم، چوڭ ئىسلاھات قاتارلىقلارنى چوڭقۇر، ئەمەلىي پىلانلاپ، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك. پەرقلەرگە سېلىشتۇرۇپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يېتەكلەپ، ئىرادىنى ساقلاپ، سىجىل، ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملىشى كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر تەرەققىيات تۆۋەن چېكىنى پۇختا ساقلاپ، دىققەتنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا ماھىيەتتىن تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ناھىيە رايونىدىكى مائارىپ، داۋالاش، مەدەنىيەت - ساياھەت، دۆلەت كاپىتالى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى كۈچەپ تۈگىتىپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى سىجىل كۈچەيتىشى كېرەك. شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەۋىلىكى كۈچلۈك، ساپاسى يۇقىرى، ئىستىلى دۇرۇس كادىرلار قوشۇنىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ كادىرلار ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش ئارقىلىق يەرلىكنىڭ تەرەققىيات رىقابەت كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سۈپىتىنىڭ تېخىمۇ يېتەرلىك، ئاساسىي رېڭىنىڭ تېخىمۇ جۇلالىق بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

تاڭ خۇڭجيې، شۈ گودۇڭ، ما جېڭبىن قاتارلىق شەھەر رەھبەرلىرى ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章