شى جىنپىڭ پېرۇ تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لىما، 11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى تېلېگراممىسى شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، لىماغا بېرىپ پېرۇدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەم ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 31 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش پەيتىدە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «پېرۇلۇقلار گېزىتى»دە «جۇڭگو ـ پېرۇ دوستلۇق پاراخوتىنى جاسارەت بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلدۇرايلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
جۇڭگو ـ پېرۇ دوستلۇق پاراخوتىنى جاسارەت بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلدۇرايلى
جەنۇبىي يېرىم شارنىڭ باش ياز مەزگىلى ھاياتىي كۈچ ۋە ئۈمىدكە تولدى. زۇڭتۇڭ بورۇئارتنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن، مەن پات ئارىدا پېرۇ جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن ھەم ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 31 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىمەن.
بۇ مېنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكياننىڭ قارشى قىرغىقىدىكى بۇ «قوشنا»سى پېرۇدا 2 ـ قېتىم زىيارەتتە بولۇشۇم. بۇ يەردە كارال، چاۋېن، چىمۇ، ئىنكا قاتارلىق قەدىمىي مەدەنىيلىك بارلىققا كەلگەن، بۇ يەرنىڭ خەلقى جۇڭگولۇقلارنى سەمىمىيلىك بىلەن «يۇرتداش» دەپ ئاتايدۇ، بۇ يەرنىڭ پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ ھەر يىلى 2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىنى «پېرۇ ـ جۇڭگو دوستلۇق كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن، بۇ يەرنىڭ جۇڭگوچە ئاشخانىلىرى «چىفەن» دېيىلىدۇ. ھەر قېتىم پېرۇغا كەلگىنىمدە، ھەمىشە پېرۇ خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان دوستلۇق مېھرىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمەن.
بۇ دوستلۇق مېھرى قەدىمىي مەدەنىيلىك ئەقىل ـ پاراسىتىدە يىلتىز تارتقان. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۈزۈلۈپ قالمىغان، 5000 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان مەدەنىيلىك، كارال مەدەنىيلىكى ۋەكىللىكىدىكى دېڭىز ـ ئوكيان مەدەنىيلىكى ۋە ئىنكا مەدەنىيلىكى ۋەكىللىكىدىكى قۇرۇقلۇق مەدەنىيلىكى پېرۇ مەدەنىيلىكىنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە موللۇقى، كۆپ خىللىقىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكىلەر جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بىلەن ئامېرىكا قىتئەسى مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بىر ئەجدادنىڭ ئەۋلادلىرى ئوخشاش بولمىغان دەۋر، ئوخشاش بولمىغان جايدا ياراتقان، دەپ قارايدۇ. مەدەنىيلىك ئەقىل ـ پاراسىتى بىزنىڭ ئىدىيەمىزنى يېقىنلاشتۇردى، قەلبىمىزنى تۇتاشتۇردى. جۇڭگولۇقلار ئەزەلدىن «ئەڭ چوڭ سەمىمىيلىكنى يول، ئەڭ ساپ مېھرىبانلىقنى ئەخلاق قىلىش»قا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىنكالار «ئوغرىلىق قىلماسلىق، يالغان سۆزلىمەسلىك، ھۇرۇنلۇق قىلماسلىق»نى تەشەببۇس قىلىدۇ. پېرۇلۇق مۇتەپەككۇر مارىياتېگۇي مۇنداق دېگەن: «مەنىۋى ۋە ماددىي جەھەتتە، جۇڭگو بىزگە ياۋروپادىنمۇ بەكرەك يېقىن. خەلقىمىزنىڭ پىسخىكىسى غەربلىكلەرنىڭكىگە ئەمەس، ئاسىيالىقلارنىڭكىگە بەكرەك ئوخشايدۇ.» بۇ دەل خۇارېن كۆچمەنلەرنىڭ 175 يىلدىن بۇيان پېرۇ خەلقى بىلەن قان قېرىنداشتەك يۇغۇرۇلۇپ، ئايرىلماس بولغانلىقىدىكى «مەدەنىيلىك شىفىرى». يېقىن مەزگىلدە، ئىككى دۆلەتنىڭ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە تارماقلىرى پېرۇدا «سەددىچىن سېپىلىدىن ماچۇ پىچۇغىچە» ناملىق فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ، «سەنتى» قاتارلىق جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر كىنو ـ تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى قويىدۇ، بۇنىڭ پېرۇلۇق دوستلارنىڭ جۇڭگونى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىگە ياردىمى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
بۇ دوستلۇق مېھرى يىراقتىن ئۆزئارا ھۆسن قوشقان تارىخقا ۋارىسلىق قىلغان. نۇرغۇن كىشى ماڭا، جۇڭگو بىلەن پېرۇ ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بىر ـ بىرىنى كۆرسىلا «يېقىملىق» ھېس قىلىدىغانلىقى، بىر ـ بىرىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆرسىلا «تونۇشتەك» ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەسىلەن، پېرۇدىن قېزىۋېلىنغان ئىنكالارنىڭ ئالتۇن نىقابى جۇڭگونىڭ سەنشىڭدۈيدىكى ئالتۇن نىقاب بىلەن بىر قېلىپتا قۇيغاندەكلا ئوخشايدۇ. ماچۇ پىچۇ قەدىمىي شەھىرىدىكى تەزىيە سۇپىسىدا بىر «قۇياش باغلاش تېشى» بار، ئىنكالار قۇياشنىڭ سايە چۈشۈرۈش ئۆزگىرىشى ئارقىلىق پەسىللەرنى بېكىتىپ، كالېندار تۈزۈپ چىققان، بۇ، جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋردىكى رىگۇي قۇياش سائىتى بىلەن شەكلى ھەر خىل بولسىمۇ، ئۈنۈمى ئوخشاش. جۇڭگو قەدىمكى سىچۇەندىكى ئەجدادلار قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇياش سۇمۇرغى ئارقىلىق قۇياش ۋە قۇياش ئىلاھىغا چوقۇنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن، بۇ ئىنكا مەدەنىيلىكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسىدە يورۇقلۇققا بولغان ئىنتىلىش ئىپادىلەنگەن. بۇلتۇردىن بۇيان، «مەدەنىيلىك دېگەن نېمە» ناملىق يەرشارىۋى سەييارە كۆرگەزمە پېرۇغا كىردى، «ئىنكا كۆككە تاقاشقان يول» ئاندېس مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى، «ئىنكالار ۋە ئىمپېرىيە زېمىنى» قاتارلىق كۆرگەزمىلەر جۇڭگوغا كېلىپ، ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. يېقىندا، ئىككى تەرەپ پېرۇدا «قۇياش نۇرى: قەدىمكى سىچۇەن مەدەنىيلىكى بىلەن ئىنكا مەدەنىيلىكى ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشىنى قارشى ئالىمىز، جۇڭگو ـ پېرۇ مەدەنىيلىكىنىڭ ئۆزئارا ھۆسن قوشىدىغان تېخىمۇ كۆپ جايلىرىنى چوقۇم تاپالايدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن.
بۇ دوستلۇق مېھرى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ھەمكارلىقىدا چوڭقۇرلاشقان. پېرۇ يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بۇرۇن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو ـ پېرۇ مۇناسىۋىتى باشتىن ـ ئاخىر پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى، بولۇپمۇ 2013 ـ يىلى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە نەپ يەتكۈزۈلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى مەزگىلىدە، جۇڭگو پېرۇغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە پېرۇنى ۋاكسىنا ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتتە پېرۇنىڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان دوستى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. پېرۇ جۇڭگو بىلەن تۇنجى بولۇپ بىر قاتار ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان لاتىن ئامېرىكىسى دۆلىتى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىغا ئەڭ بۇرۇن قاتناشقان لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. جۇڭگو ئۇدا 10 يىل پېرۇنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى ۋە ئەڭ چوڭ ئېكسپورت بازىرى بولدى، بۇلتۇر پېرۇنىڭ جۇڭگوغا قىلغان ئېكسپورت سوممىسى پېرۇ ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %36ىنى ئىگىلىدى. جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانىلارنىڭ پېرۇدىكى سېلىنما ساقلانما مىقدارى تەخمىنەن 30 مىليارد دوللار بولدى. جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانا مەبلەغ سالغان لاس بامباس مىس كېنى تۈرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى پېرۇ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تەخمىنەن %1ىنى ئىگىلەپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى ياراتتى. جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانا قۇرۇلۇش قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان تۇمبېس چوڭ رايونى گاررىدو دوختۇرخانىسى 100 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىگە نەپ يەتكۈزدى، لىمانىڭ ئۈچ چوڭ رايونىنىڭ سۇ ئىشلىرى تۈرى پۈتكەندىن كېيىن 400 مىڭدىن ئارتۇق پېرۇ خەلقىنىڭ پاكىز سۇ ئىشلىتىش مەسىلىسى ھەل بولىدۇ.
جۇڭگودا «دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئۆزگەرمەس قائىدە بولىدۇ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئۇنىڭ ئاساسى» دېگەن قەدىمىي سۆز بار. پېرۇدا «خەلقنىڭ ساداسى دەل تەڭرىنىڭ ساداسى» دېگەن ماقال ـ تەمسىل بار. خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش بىز ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى. بىز جۇڭگو ـ پېرۇ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا يېڭى دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنى قوشۇشىمىز كېرەك. بۇ يىل 7 ـ ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، پېرۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو ـ پېرۇ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى كەڭ مەنزىل ئاچتى.
بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، مەن زۇڭتۇڭ بورۇئارت بىلەن چيەنكەي پورتىنىڭ پورت ئېچىش مۇراسىمىغا سىنلىق شەكىلدە ئورتاق قاتنىشىمەن. چيەنكەي پورتى جۇڭگو ـ پېرۇ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش مۇھىم تۈرى، شۇنداقلا جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى تۇنجى ئاقىل پورت. چيەنكەي پورتىنىڭ 1 ـ قارارلىق قۇرۇلۇشى پېرۇدىن جۇڭگوغىچە بولغان دېڭىز تىرانسپورت ۋاقتىنى 23 كۈنگە قىسقارتىپ، %20تىن ئارتۇق ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى تېجەپ، ھەر يىلى پېرۇغا 4 مىليارد 500 مىليون دوللار كىرىم ئېلىپ كېلىپ، 8000دىن ئارتۇق بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى يارىتالايدۇ. چيەنكەي پورتىنىڭ پۈتۈشى پېرۇنىڭ دېڭىز بويىدىن ئىچكى قۇرۇقلۇققىچە، پېرۇدىن لاتىن ئامېرىكىسى ۋە باشقا كارب دۆلەتلىرىگىچە بولغان ئىستېرېئولۇق، كۆپ خىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئەندىزىسى بەرپا قىلىشىغا پايدىلىق بولۇپ، چيەنكەي پورتىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان «يېڭى دەۋردىكى ئىنكا قەدىمىي يولى»نى بەرپا قىلىپ، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب رايونىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتى ۋە بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. پورت تۈر بۆلۈمى يەنە ھايۋاناتلارنى قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش پونكىتى قۇرۇپ، پىنگىۋىن، تىيۇلېن، قۇش تۈرلىرىنى قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، سۇلۇق يەر، دېڭىز ساھىلى، جانلىقلار ماكانلىشىدىغان جاينىڭ مۇھىت ئەھۋالىنى ياخشىلىدى. بىز چيەنكەي پورتىنى ئورتاق ياخشى قۇرۇش، ياخشى باشقۇرۇش ئارقىلىق، «چيەنكەيدىن شاڭخەيگىچە»نى جۇڭگو ـ پېرۇ ۋە جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى گۈللىنىش يولىغا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپمۇ پېرۇدا «كىچىك ۋە گۈزەل» خەلق تۇرمۇشى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، لۇبەن ھۈنەرخانىسى، جۇڭگو تىل ـ يېزىقىدىكى ھۈنەرخانا ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كەسپىي مائارىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانىلارنى شۇ جاي ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىش، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، «يۇرتداش»لىق دوستلۇق مېھرىنى تېخىمۇ ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.
بىز مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، مەدەنىيەت ـ سەنئەت، مائارىپ، پەن تەتقىقات، ساياھەت، ياشلار، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئارخېئولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىپ، ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ بېرىش ـ كېلىش قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ جەمئىيەت خەلق رايى ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتلەر مۇنبىرى مېخانىزمى ئىچىدىكى ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك سۆھبىتى ھەمكارلىق تورى بەرپا قىلىشنى مۇھاكىمە قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى قوللاپ، دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەرنى خۇددى جۇڭگونىڭ جيۇجەيگوۋدىكى ۋۇسەيچى كۆلى ۋە پېرۇ ماراستىكى پەلەمپەيسىمان ئېتىزغا ئوخشاش، گەرچە رەڭگارەڭ، شەكلى ھەر خىل بولسىمۇ، بىراق بىر ـ بىرىگە ھۆسن قوشىدىغان، بىر ـ بىرىگە تۈرتكە بولىدىغان قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
2008 ـ يىلى، 2016 ـ يىلى ئىككى قېتىم ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، پېرۇ بۇ مۇھىم يىغىننى 3 ـ قېتىم مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ. ئۈچ قېتىملىق يىغىننىڭ باش تېمىسى «ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىياتىدىكى يېڭى ۋەدە»دىن «يۇقىرى سۈپەتلىك ئېشىش ۋە ئىنسانىيەت تەرەققىياتى»غىچە، ئاندىن يەنە بۇ يىلقى «كۈچ قوشۇش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئاشۇرۇش»قىچە، پېرۇ تەرەپنىڭ ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسى تولۇق نامايان قىلىندى، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ «لىما ساداسى» كۈچلۈك ياڭرىتىلدى. جۇڭگو تەرەپ پېرۇ تەرەپنىڭ يىغىننى ئۆتكۈزۈشىنى قەتئىي قوللايدۇ، پېرۇ تەرەپ بىلەن زىچ ماسلىشىپ، يىغىندا ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىدا يېڭى «لىما ئىزى» قالدۇرۇپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى يەنە بىر قېتىم تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا. پېرۇ نازكا مەدەنىيلىكىدىكى غايەت زور يەر رەسىمىدە ئىچىدە تۇرغۇچىلار ئېزىپ قالىدۇ، پەقەت ئېگىزدە تۇرغۇچىلارلا ئۇنىڭ تولۇق قىياپىتىنى كۆرەلەيدۇ. جۇڭگودىمۇ «ئەڭ ئېگىز نۇقتىدا تۇرغاندا لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتنىڭ كۆزنى توسۇۋېلىشىدىن قورقمىسىمۇ بولىدۇ» دېگەن شېئىر بار. جۇڭگو تەرەپ پېرۇ تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي ئۇزاق دەۋرىيلىكتىن دۇنيا ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئورتاق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:哈提曼·帕塔尔