شى جىنپىڭ بىرازىلىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

文摘   2024-11-22 13:08   新疆  
شى جىنپىڭ بىرازىلىيەگە يېتىپ بېرىپ بىرازىلىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

  

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بىرازىلىيە، 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شيۇ لياڭ، چېن خاۋچۇەن) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بىرازىلىيەگە يېتىپ بېرىپ، بىرازىلىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.
مەخسۇس ئايروپىلان بىرازىلىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېتىپ بارغاندا، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ باش مىنستىرى كوستا، بىرازىلىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ سىلىڭى مىگۇل، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لېۋاندوۋسكى، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئاپپاراتلار مۇناسىۋىتى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى پادىللا قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئايروپورتتا قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، زۇڭتۇڭ لۇلا ۋە بىرازىلىيە ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.
ئون نەچچە باتارا سەنئەتكارى قىزغىن، جۇشقۇن بولغان بىرازىلىيەنىڭ خاس دۇمباق نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.
شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن ئايروپورتتىن ئۆزى چۈشكەن مېھمانسارايغا بېرىش يولىدا، شۇ جايدىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلار، جۇڭگو مەبلىغىدىكى ئاپپاراتلار، بىرازىلىيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى يولنىڭ ئىككى ياقىسىدا تۇرۇپ جۇڭگو ۋە بىرازىلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىرازىلىيەگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىمىز» «ياشىسۇن جۇڭگو - بىرازىلىيە دوستلۇقى!» دېگەن خەتلەر يېزىلغان قىزىل پىلاكاتلارنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.
شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 19 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، رىئودې ژانېيرودىن ئايرىلىپ بىرازىلىيەگە يېتىپ باردى.

مەنبە: تىيانشان تورى




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章