پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىغا مۇشتەرى قوبۇل قىلىش خىزمىتى

文摘   2024-11-23 18:19   新疆  
تۇرپان شەھىرىنىڭ 2025 - يىللىق پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىغا مۇشتەرى قوبۇل قىلىش خىزمىتى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى



تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز پېڭ دەننى) يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تۇرپان شەھەرلىك شۆبە شىركىتى (تۇرپان شەھەرلىك پوچتا شۆبە شىركىتى) شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىپ، 2025 - يىللىق پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىغا مۇشتەرى قوبۇل قىلىش، تارقىتىش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتتى.

ئالدىنقى مەزگىلدە، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى «2025 - يىللىق پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىغا مۇشتەرى قوبۇل قىلىش، تارقىتىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى، تۇرپان شەھەرلىك پوچتا شۆبە شىركىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىنى تەشكىللەپ ئاچتى ھەم ئاساسلىق رەھبەرلەر مەسئۇل بولىدىغان، ئالاقىدار تارماقلار ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان خىزمەت تۈزۈمىنى ئورناتتى.

مۇشتەرى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۇرپان شەھەرلىك پوچتا شۆبە شىركىتى تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش، تور نۇقتىلىرىدىكى خادىملارنى مەھەللە، ئولتۇراق رايونلارغا چوڭقۇر چۆكۈشكە تەشكىللەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، 2025 - يىللىق گېزىت - ژۇرناللارغا كەڭ كۆلەمدە مۇشتەرى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى تەشۋىق قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرى، ئاممىنىڭ پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ مۇشتەرى بولۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم بازا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنىڭ نوپۇزلۇق يولى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە. پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش، ئۆگىنىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە ئاممىۋى پىكرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، زورايتىپ، ئىدېئولوگىيە ئاساسىي بازىسىنى چىڭ ساقلاش كېرەك.

ھازىرغا قەدەر، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، شەھەرلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت ئىدارىسى، شەھەرلىك تەمىنات - سودا كوپىراتىپى قاتارلىق ئورۇنلار مۇشتەرى بولۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى، شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسى، تۇرپان شەھەرلىك پوچتا شۆبە شىركىتى، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق ئورۇنلار مۇشتەرى بولۇش ۋەزىپىسىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ تاماملىدى.




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章