دەريا - كۆل يەر بۆلىكىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش خىزمىتى تاماملاندى

文摘   2024-11-19 19:22   新疆  
تۇرپان شەھىرىنىڭ 2024 - يىللىق دەريا - كۆلگە ئائىت يىراقتىن سېزىلگەن يەر بۆلىكىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى

تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋەن جىگاڭ) يېقىندا، تۇرپان شەھىرى ئاپتونوم رايونلۇق باش دەريا - كۆل باشلىقىنىڭ 4 - نومۇرلۇق بۇيرۇقىدىكى تەلەپ بويىچە 2024 - يىللىق سۇچىلىق مىنىستىرلىقى يوللىغان دەريا - كۆلگە ئائىت يىراقتىن سېزىلگەن يەر بۆلىكىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدى.
بۇ قېتىم تۇرپان شەھىرىگە يوللانغان ۋەزىپە جەمئىي ئىككى تۈركۈمدە گۇمانىي مەسىلە بار دەپ قارالغان 269 يەر بۆلىكى بولۇپ، بۇ تۇرپاندىكى 24 دەريا، بەش سۇ ئامبىرىغا مۇناسىۋەتلىك. تۇرپان شەھەرلىك دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى سۇچىلىق، قاتناش، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى، تەبىئىي بايلىق، يېزا ئىگىلىكى - يېزا قاتارلىق ئورۇنلاردىن خىزمەت مەخسۇس بەنى تەشكىللەپ، 269 يەر بۆلىكىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا مۇنداق بېكىتتى: ئۈرۈمچىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تېگىشلىكى 1، ئىھاتە ئورمان 10، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇق چېكى دائىرىسىگە كىرىدىغىنى 21، سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئىسپاتى بار بولغىنى 130، تارىختىن قېپقالغان مەسىلە 61، ئېنىقلاپ تۈزىتىلگىنى 15، دەريا يولىنى باشقۇرۇش دائىرىسىنىڭ سىرتىدا بولغىنى 16، باشقىلار 2، تۆت قالايمىقان مەسىلە 14.
بۇنىڭ ئىچىدە، ھەرقايسى ئورۇنلار تۈرگە ئايرىش بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىجازىتى بار دەرياغا ئالاقىدار قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە قارىتا، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىجازەت ئۇچۇرلىرىنى توپلىدى، رەتلىدى؛ سۇچىلىق تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈش پىكرى بار، لېكىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىجازىتى بولمىغان يەر بۆلىكىگە قارىتا، باشقۇرۇش ھوقۇقى بار سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن ئالاقىلىشىپ يازما ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى؛ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىجازىتىمۇ يوق، تەكشۈرۈش خاتىرىسىمۇ يوق يەر بۆلىكىگە قارىتا، ئالاقىدار مەسئۇل ئورۇنلارنى ماسلاشتۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنى باھالاش دوكلاتى يېزىش ھەم باشقۇرۇش ھوقۇقى بار سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللاشقا تەشكىللەپ، دەرياغا چېتىشلىق قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ كەلكۈن ئاققۇزۇش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئىسپات چىقاردى؛ تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا، يەر بۆلىكى تەۋە جايدىكى ئاھالىلەر ھەم كەنت، مەھەللە كادىرلىرىنى پائال زىيارەت قىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ، تەزكىرە قاتارلىق ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقىپ، ئالاقىدار مەسئۇل ئورۇن بىلەن ئالاقىلىشىپ، يەر - مۈلۈك قۇرۇلۇشىنىڭ يىل دەۋرى ئىسپاتى چىقاردى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا، تەرتىپى ئېنىق بولغان يەر بۆلىكىنى تۈرگە ئايرىش ھېسابات دەپتىرى ۋە تەپسىلىي بولغان تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش ماتېرىيالىنى تۇرغۇزۇشقا ياخشى ئاساس سېلىندى.
تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، شەھىرىمىز ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەردىن تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈشكە ئالاقىدار قايتما ئىنكاس ماتېرىياللىرىنى ئەستايىدىل رەتلەپ، شەھەرلىك دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەركەزلىك تەكشۈرۈشىگە ۋاقتىدا تاپشۇرۇشنى، تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئاندىن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈشىگە تاپشۇرۇشنى، يەر بۆلىكىنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈشنى بىر قېتىمدىلا ئۆتكۈزۈش، ئاپتونوم رايوننىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنى %96 تىن ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
كېيىنكى قەدەمدە، تۇرپان شەھىرى دەريا - كۆللەرگە ئائىت يىراقتىن سېزىلگەن يەر بۆلىكىنى قايتا تەكشۈرۈش بىلەن دائىملاشقان «تۆت قالايمىقاننى تۈگىتىش» خىزمىتىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق دەريا - كۆل، سۇ ئامبارلىرىغا چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ئېنىقلاپ تۈزىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «قايتا قاراپ چىقىش» بىلەن نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، چارلاپ تەكشۈرۈشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، دەريا - كۆل، سۇ ئامبارلىرىنى باشقۇرۇش - قوغداشنىڭ دائىملاشقان، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章