شى جىنپىڭ بىرازىلىيە تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

文摘   2024-11-19 13:16   新疆  

شى جىنپىڭ بىرازىلىيە تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى


تۈمەن چاقىرىملىق سەپەردە ياخشى دوست، تەقدىرداش بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ يەلكەن چىقىرىپ ئىلگىرىلەشنىڭ دەل پەيتى كەلدى

  

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىئودې ژانېيرو، 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى تېلېگراممىسى  شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، رىئودې ژانېيروغا بېرىپ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 19 ـ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم بىرازىلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش پەيتىدە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرازىلىيەنىڭ «سان پاۋلو يېباۋ گېزىتى»دە «تۈمەن چاقىرىملىق سەپەردە ياخشى دوست، تەقدىرداش بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ يەلكەن چىقىرىپ ئىلگىرىلەشنىڭ دەل پەيتى كەلدى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

تۈمەن چاقىرىملىق سەپەردە ياخشى دوست، تەقدىرداش بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ يەلكەن چىقىرىپ ئىلگىرىلەشنىڭ دەل پەيتى كەلدى


جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى  شى جىنپىڭ

زۇڭتۇڭ لۇلانىڭ تەكلىپى بىلەن، مەن پات ئارىدا بىرازىلىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن ھەم 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى رىئودې ژانېيرو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىمەن.
بىرازىلىيەنىڭ يېرى كەڭ، بايلىقى مول، مەنزىرىسى گۈزەل، مەدەنىيىتى كۆپ خىل بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ چوڭقۇر ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن دۆلەت. 200 نەچچە يىل ئىلگىرى، جۇڭگونىڭ چېيى، لىجى مېۋىسى، خۇش پۇراق ماتېرىياللىرى، فارفۇر بۇيۇملىرى قاتارلىقلار يىراق ئوكياندىن ئۆتۈپ بىرازىلىيەگە يەتكۈزۈلۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ـ سودا ئالاقىسىدىكى كۆۋرۈك بولۇپ، جۇڭگو ـ بىرازىلىيە خەلقلىرىنىڭ دوستانە ئالماشتۇرۇشىدىكى رىشتە بولغان.
1974 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. 50 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىپ، جانلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشى، تەقدىرداش بولۇشىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى.
ئىككى تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز دۆلەت خەلقى تاللىغان تەرەققىيات يولىنى چۈشەندى ۋە قوللىدى. بىرازىلىيە تۇنجى بولۇپ جۇڭگو بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان دۆلەت، شۇنداقلا تۇنجى بولۇپ جۇڭگو بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان لاتىن ئامېرىكىسى دۆلىتى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ كەلدى. جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمى مۇكەممەل، ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلاملىقلار ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ياخشى يۈرۈشۈۋاتقىنىغا 20 يىل بولغان بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ماسلاشتۇرۇش، پىلانلاش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى.
ئىككى تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو ئۇدا 15 يىل بىرازىلىيەنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلىنىپ، بىرازىلىيەنىڭ ئاساسلىق چەت ئەل مەبلىغى مەنبەسى دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن ئۈچ يىلدا، جۇڭگونىڭ بىرازىلىيە بىلەن بولغان يىللىق ئىمپورت سوممىسى بىردەك 100 مىليارد دوللاردىن ئاشقان. ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئىككى تەرەپنىڭ سودا قۇرۇلمىسى كۈنسېرى ئەلالىشىپ، ھەمكارلىق سەۋىيەسى سىجىل ئۆسۈپ، ئورتاق مەنپەئىتى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە بايلىقى، يېشىل تەرەققىيات، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا يارقىن نۇقتىلار گەۋدىلىنىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەرقايسىسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.
ئىككى تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇردى، ئۇلارنىڭ تەبىئىي يېقىنلىق تۇيغۇسى ۋە گۈزەل شەيئىلەرگە بولغان ئورتاق ئىنتىلىشى بار. بىرازىلىيەلىك داڭلىق شائىر ۋە يازغۇچى سېسىليا مېرېلېس، ماچادو دې ئاسىسلار ئىلگىرى جۇڭگونىڭ تاڭ شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مەنىۋى جەھەتتە زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان ئورتاقلىقىنى نامايان قىلغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇزىكا، ئۇسسۇل، مەززىلىك تائاملار، تەنتەربىيە قاتارلىقلار ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ رىشتىنى باغلايدىغان يېڭى كۆۋرۈككە ئايلاندى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇق ھېسسىياتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. بىرازىلىيەنىڭ ئوماق ھايۋىنى سۇ دېلفىنى، پوسانوۋا مۇزىكىسى، خاس ئۇسسۇلى سامبا ۋە جەڭ ئۇسسۇلى جۇڭگودا كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى، جۇڭگونىڭ باھار بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرى، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى قاتارلىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بارغانسېرى كۆپلىگەن بىرازىلىيە خەلقىگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتتى، ئىككى دۆلەت ياشلىرى، مۇخبىرلىرى، ئالىملىرىنىڭ ھەمتۈرتكىسى كۆپەيدى، يەرلىكلەر ئالاقىسى پائال جانلاندى. بۇ يىل، ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەيدىغان بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بىر مەيدان ئېسىل مەدەنىيەت مەرىكىسىنى تەقدىم قىلدى. بۇ نەچچە كۈندە، مەن بىرازىلىيە ـ جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتى، بىرازىلىيەدىكى داشۆ ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلىرى، رىئودې ژانېيرو كوپاكابانا قەلئەسى مۇزىكا ئۆمىكى قاتارلىق بىرازىلىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى 100دىن ئارتۇق دوستانە زاتتىن كەلگەن خەتنى ئارقا ـ ئارقىدىن تاپشۇرۇۋالدىم، ئۇلار ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان قىزغىن ئۈمىدىنى ئىپادىلەپتۇ، بۇنىڭدىن مەن ئىنتايىن تەسىرلەندىم.
ئىككى تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر تىنچ تەرەققىي قىلىش، ئادىللىق، ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇردى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان قارىشى بار. ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانى بىلەن كۆپ تەرەپچىلىكنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملار ئىچىدە يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مۇھىم قارالمىلاردا قويۇق ماسلىشىشنى ساقلاپ كەلدى. يېقىندا، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە بىرلىكتە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى «ئالتە نۇقتىلىق ئورتاق تونۇش»نى ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپ ئىنكاسىغا ئېرىشتى. جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە قول تۇتۇشۇپ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ رولى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا ئاكتىپ كۈچ قوشتى.
ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، يېڭى خىرىس، يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئارقا ـ ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. «كېمىلەر ئۈزىدۇ ھەريان بەسلىشىپ، دولقۇن يېرىپ ماڭغانلار ئالدىدا ھامان؛ مىڭلىغان كېمىلەر چۈشسە بەيگىگە، غالىب كېلىدۇ باتۇرلار ھامان.» شەرقىي ۋە غەربىي يېرىم شاردىكى ئىككى چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ـ بىرازىلىيە ئىككى دۆلەت تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن «شامالنى بۆسۈپ ئۆتكۈچى» ۋە «دولقۇن قوغلىغۇچى» بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ يېڭى يول ئېچىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىككى دۆلەت خەلقى ھەمدە ئىنسانىيەتكە مەنسۇپ بولغان تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ مېڭىشى كېرەك.
بىز جۇڭگو ـ بىرازىلىيە دوستلۇقىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلىشىمىز كېرەك. ئىككى تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت، سىياسىي پارتىيە، قانۇن چىقىرىش ئورگىنى قاتارلىق ھەرقايسى قاتلام ـ دەرىجىلىكلەر، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئارىلىشىشنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە تەرەققىيات تەجرىبىلىرى جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق كومىتېتى، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەتلىشىش قاتارلىق ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ رولىنى داۋاملىق تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىم، پىشىپ يېتىلگەن چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
بىز جۇڭگو ـ بىرازىلىيە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش، خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ياخشىلاشنى مۇھىم نىشان قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. ھازىر، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى تېز سۈرئەتتە ئەۋج ئالماقتا، ئىككى تەرەپ دەۋر پۇرسىتىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى بىرازىلىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىكلىكى، ئومۇميۈزلۈكلۈكى، ئىجادىيلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشقان، خەلققە ئۇزاققىچە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئۈلگىلىك تۈرلەرنى يارىتىپ، ئۆز دۆلىتى ۋە رايونىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
بىز جۇڭگو ـ بىرازىلىيە خەلقىنىڭ دوستلۇق ئاساسىنى پۇختىلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مەدەنىيىتى مول رەڭدار، جەلپ قىلىش كۈچى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ، بىر ـ بىرىنى جەلپ قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولغان ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، سەھىيە، تەنتەربىيە، ساياھەت، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنى قارشى تەرەپ خەلقىنىڭ قەلبىدە تېخىمۇ ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، جانلىق تەسىراتقا ئىگە قىلىپ، جۇڭگو ـ بىرازىلىيە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خەلق ئىچى ئەلچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مەدەنىيلىكىنى دوستانە ئالاقىلىشىش داۋامىدا ئىناق بىللە ئۆتۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، دۇنيا مەدەنىيلىكى گۈلزارلىقىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشى كېرەك.
بىز جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك. ھازىر، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى» كوللېكتىپ قەد كۆتۈرۈۋاتىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاۋازى ۋە ئىلتىماس ـ تەلىپى ھازىرقى خەلقئارا ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا تېخى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلمىدى. دۇنيادىكى ئاساسلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز تارىخ بىزگە يۈكلىگەن مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، كەڭ «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»دىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، يەرشارىۋى خىرىسقا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن جۇڭگو ـ بىرازىلىيە تۆھپىسىنى قوشۇشىمىز كېرەك.
مېنىڭ بۇ قېتىم بىرازىلىيەگە زىيارەتكە كېلىشىمدىكى يەنە بىر مۇھىم مەقسىتىم 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش. 20 دۆلەت گۇرۇھى خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىكى مۇھىم سۇپا. بىرازىلىيە رەئىس دۆلەت بولغاندىن كېيىن، «ئادىل دۇنيا ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل پىلانېتا بەرپا قىلىش» باش تېمىسىنى بېكىتىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، رىئودې ژانېيرو باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدى. زۇڭتۇڭ لۇلا «ئاچارچىلىق ۋە نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇش»نى رىئودې ژانېيرو باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسلىق قارالمىسى قىلىپ، «ئاچارچىلىق ۋە نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇش يەرشارىۋى ئىتتىپاقى» قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ ھەم پائال قوللايدۇ.
ئادىل دۇنيا بەرپا قىلىش 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپى ئاساسىدا، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»دىكى دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللىشىغا ئېھتىياجلىق. تەرەققىياتنى 20 دۆلەت گۇرۇھى ھەمكارلىقىدىكى يادرولۇق ئورۇنغا قويۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 ـ يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالدىنقى خىزمەت قىلىپ، يەرشارىۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان، تېخىمۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تېخىمۇ ئېلاستىكلىققا ئىگە يەرشارىۋى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، كەمسىتىش بولمىغان خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك.
ئىمكانىيەتلىك سىجىل پىلانېتا بەرپا قىلىش 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ئېھتىياجلىق. يېشىل، تۆۋەن كاربون، مۇھىت قوغداش، ئېنېرگىيەدە تىپ ئۆزگەرتىش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق، ئەمما پەرقلىق مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مەبلەغ، تېخنىكا، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»دىكى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ مەدەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. 32 يىل ئىلگىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىت ۋە تەرەققىيات يىغىنى رىئودې ژانېيرودا ئۆتكۈزۈلۈپ، «21 ـ ئەسىر قارالمىسى» قاتارلىق مۇھىم نەتىجىلەر ھاسىل قىلىنغان. 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ رىئودې ژانېيرودا جەم بولۇشىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم قارالما دەل يەرشارىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىنى مۇزاكىرە قىلىش. رىئودې ژانېيرو باشلىقلار يىغىنىنىڭ يەرشارىۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تېخىمۇ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك ئىشەنچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئىشىنىمەنكى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى رىئودې ژانېيرو باشلىقلار يىغىنى چوقۇم مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى تارىخىي مۇساپىسىدە روشەن «بىرازىلىيە ئىزى» قالدۇرىدۇ. مەنمۇ زۇڭتۇڭ لۇلا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى «ئالتۇن 50 يىل»غا كىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تېخىمۇ ئادىل ۋە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە: تىيانشان تورى




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章