قەيسەر قېيۇم تۇرپان كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە دەرس سۆزلىدى

文摘   2024-11-18 19:14   新疆  
قەيسەر قېيۇم تۇرپان كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس سۆزلىدى

  تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز پېڭ دەننى، ئەنۋەر غوپۇر) 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى قەيسەر قېيۇم تۇرپان كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە كېلىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى «غايىلىك، مەسئۇلىيەتچان، نەتىجە يارىتالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇشقا ئىرادە تىكلەش» باش تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارغا بىر مەيدان جانلىق ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرس سۆزلىدى. مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئابلىمىت ئابلىز ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئىدىيىۋى ـ سىياسىي دەرس نەق مەيدانى. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى پېڭ دەننى فوتوسى

دەرس جەريانىدا، قەيسەر قېيۇم ئۆزىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «ئۇلۇغۋار غايە تىكلەش، <بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش>نى كۈچەيتىپ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، ئەڭ ياخشى دەۋردىن بەھرىلىنىپ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ قالتىس كىشىلىك ھايات يارىتىش»تىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن ئۆگىنىش مەزمۇنىنى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك بايان قىلدى.
قەيسەر قېيۇم مۇنداق دېدى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، بۇ، كەڭ ياشلارنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىش، خىسلىتىنى بەسلىشىپ كۆرسىتىشىنى پايدىلىق پۇرسەت ۋە كەڭ سەھنە بىلەن تەمىنلەيدۇ. يېڭى دەۋردىكى ياش بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەقىقىي تۈردە «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشنى ئەڭ مۇھىم ئىش بىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىشەنچ بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىشىمىز، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇشىمىز كېرەك.

ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار دەرسنى ئەستايىدىل ئاڭلىماقتا. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى پېڭ دەننى فوتوسى

قەيسەر قېيۇم مۇنداق تەكىتلىدى: تۇرپان كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى غايىلىك، مەسئۇلىيەتچان، نەتىجە يارىتالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان، شۆيۈەننىڭ تەرەققىياتى تۇرپاننىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تۇرپاننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات ئېھتىياجىغا يەنىمۇ زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت ئوقۇتۇشى بىلەن نەزەرىيە ئوقۇتۇشىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەلىيەت داۋامىدا نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتۇش جەريانىدا كەسپىي دەرسلىكلەردىكى ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيە ئامىللىرىنى قېزىپ چىقىپ، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيەنى كەسپىي دەرس ئوقۇتۇشىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك. كۆپ مەنبەلەشكەن باھالاش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى، يېڭىلىق يارىتىش روھى، كوللېكتىپ ھەمكارلىشىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، تۇرپاننىڭ تەرەققىياتى ۋە دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشى كېرەك.
قەيسەر قېيۇم كەڭ ياش ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئۆگىنىش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، بىلىم ۋە ماھارەتنى پۇختا ئۆگىنىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ، تىرىشىپ غايىلىك، مەسئۇلىيەتچان، جاپاغا چىدايدىغان، كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلىغان يېڭى دەۋر ياخشى ياشلىرىدىن بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا كىشىلىك ھايات غايىسىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەن بار» دېگەن دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىپ، «ئۆزىدىن ھالقىش»تەك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە قالتىس كىشىلىك ھايات يارىتىش كېرەك. 




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章