ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

文摘   2024-11-17 17:34   新疆  

13 - نۆۋەتلىك ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى


تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى ليۇ زىئاڭ، ليۇ جيەن، ليۇ يۈجيېلار خەۋىرى، فوتوسى:  11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، بەش كۈن داۋاملاشقان 2024 - يىللىق شىنجاڭ . تۇرپان 13 - نۆۋەتلىك ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسى دېيىلدى) مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى قەيسەر قېيۇم، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس شياۋ جيەنۋۇ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىرلار ۋە كوللېكتىپقا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى نەق مەيدانى. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ زىئاڭ فوتوسى


بۇ قېتىمقى ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش موتوسىكلىت راللى  مۇسابىقىسىدە زاكىر ياقۇپ، شى خاۋيۈ، سۇلايمان داۋۇت قاتارلىق ئاپتوموبىل ماھىرلىرى ئالاقىدار گۇرۇپپا ئايرىمىسى بويىچە چېمپىيون بولدى. 

بۇ نۆۋەتلىك ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش موتوسىكلىت راللى  مۇسابىقىسىنىڭ مۇساپىسى 1000 كىلومېتىر بولۇپ، مۇسابىقە يولى قۇملۇق، چۆللۈك، قۇم بارخانلىرى، دەريا قىنى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان، مۇسابىقىدە ئىككى چاقلىق موتوسىكلىت ئاشكارا گۇرۇپپىسى، U 45 گۇرۇپپىسى، يېڭى ئېنېرگىيە گۇرۇپپىسى، تۆت چاقلىق  موتوسىكلىت UTV گۇرۇپپىسى قاتارلىق تۈرلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) لەردىن كەلگەن 16 موتوسىكلىت ئەترىتى، 110 موتوسىكلىت ماھىرى مۇسابىقىگە قاتناشتى. تۆت مۇسابىقە بۆلىكىدە كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق، 105 موتوسىكلىت ماھىرى پۈتۈن مۇساپىدە مۇسابىقىنى تاماملىدى. 

شىنجاڭ موتوسىكلىت تەنھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى سەي يۈنخۇي  تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە تۇرپاننىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىلىپلا قالماي، يەنە مۇسابىقە كاپالىتى جەھەتتە «ئېلېكتىرونلۇق لىنىيە قوللانمىسى»، سىگنالىنى كونترول قىلىش سۇپىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلىپ، داڭلىق مۇسابىقە ماركىسىنىڭ «قىممىتى» يەنە بىر قېتىم ئۆستۈرۈلدى.  مۇسابىقە مەزگىلىدە، ماھىرلار باتۇرلۇق بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىىدىغان، تاماشىبىنلار تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مەدەت بېرىدىغان، پائال ئالغا ئىلگىرىلەپ،  قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان تەنتەربىيە ھەرىكىتى روھىنى ناھايىتى ياخشى  نامايان قىلدى.


يېپىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانى. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ زىئاڭ فوتوسى

3 - مۇسابىقە بۆلىكىدىكى  1 - لىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، موتوسىكلىت ماھىرى سۇنېل موتوسىكلىت قوزغىلىش نۇقتىسىغا 80 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بالون ئېتىلىپ، پولات چەمبەرلىك بالون ئارقىلىق پۈتۈن مۇساپىنى تاماملىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسىنىڭ سېھرىي كۈچى مۇشۇ يەردە، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش  دەل بۇ مۇسابىقىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى يادروسى. 

ئۇدا ئون نەچچە نۆۋەت مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، سەككىز قېتىم چېمپىيون بولغان موتوسىكلىت ماھىرى زاكىر مۇنداق دېدى: ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسىنىڭ بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈلۈپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى موتوسىكلىت ھەۋەسكارلىرىنى قاتنىشىشقا ھەم گۈزەل شىنجاڭ مەنزىرىسى، بىپايان قۇملۇق مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى مۇسابىقىنى ۋاسىتە قىلىپ، ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، تۇرپاننىڭ ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ئادىمىيىتىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تونۇشتۇردى. كەلگۈسىدە، تۇرپان داۋاملىق پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، مەدەنىيەت – تەنتەربىيە - ساياھەتنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章