2 - تۈركۈمدىكى تۇرپان تاراتقۇ مۇخبىرلىرى تەربىيەلىنىش ئۈچۈن خۇنەنگە يېتىپ باردى
تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز شياڭ رۇڭ) 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، 2 - تۈركۈمدىكى تۇرپان شەھىرىنىڭ يۇغۇرما تاراتقۇ ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش كۇرسى خۇنەندە باشلاندى. شەھەر، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن كەلگەن 10 مۇخبىر خۇنەن رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات مەركىزى ۋە خۇنەن مەركىزىي شەھەر قانىلىدا بىر ئاي تەربىيەلىنىدۇ.
كۇرسانتلار خۇنەن رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. سۇڭ چىنرۇڭ فوتوسى
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى يولغا قويغان شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش تۈرىنىڭ بىرى بولۇپ، تۇرپاندىكى شەھەر، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ كەسپىي ساپاسى ۋە كەسپىي قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېڭى تاراتقۇلارنى يۈرۈشتۈرۈش، مەزمۇندا يېڭىلىق يارىتىش، تارقىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، خۇنەن - تۇرپان ئىككى جاينىڭ تاراتقۇ ساھەسىدىكى چوڭقۇر ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان.
شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ئاخبارات - تەشۋىقات (شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش) گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لېي كۇن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش خۇنەننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مەدەنىيەت، تاراتقۇ ساھەسىدىكى بىر قېتىملىق جانلىق ئەمەلىيىتى بولۇپ، تۇرپاننىڭ تاراتقۇ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىلىشىگە ياردىمى بولۇپلا قالماي، يەنە ئىككى جايدىكى تاراتقۇلار ئارىسىدىكى ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش ۋە مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشنى كۆۋرۈك قىلىپ، تېخىمۇ ئۇزاق، مۇقىم، چوڭقۇر بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، تۇرپان ھېكايىسى، خۇنەن ھېكايىسىنى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ يىراققا تارقىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:哈提曼·帕塔尔