دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەش
تۇرپان شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شياڭتەنگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردىخۇنەن گېزىتى. يېڭى خۇنەن ئابۇنىچىلار تېرمىنالى 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى (لى رۇڭرۇڭ) نېلۇپەردە ئەكس ئەتكەن تىيانشان قار لەيلىسى، ئۇزاق تارىخقا ئىگە خۇنەن - تۇرپان مۇھەببىتى. 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى قەيسەر قېيۇم پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شياڭتەنگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى. شياڭتەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇ خېبو قاتناشتى.
تۇرپان شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شاۋشەندىكى ماۋ زېدۇڭ مەيدانىدا يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ مىس ھەيكىلىگە گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلماقتا. (چېن شۈدۇڭ فوتوسى)
خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى، تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چېن جاڭجيې، خۇنەن ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ 2 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى ياڭ گۇشېڭ، تۇرپان شەھىرى رەھبەرلىرىدىن ئۆمەرجان مەمەت، ما جېڭبىن، جوۋ لياڭ، ئامانگۈل ئادىل، شياڭتەن شەھىرى رەھبەرلىرىدىن ۋۇ جىشيۇڭ، ليۇ شىنخۇا، ليۇ جۈن، دىڭ چېڭ، لى گودا قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.تۇرپان شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى جىلى ئاپتوموبىلى گۇرۇھىدا تەكشۈرۈشتە بولماقتا. (فاڭ ياڭ فوتوسى)تۇرپان شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەي ئەيگو كەپشەرلەش ئىشخانىسىدا تەكشۈرۈشتە بولماقتا. (فاڭ ياڭ فوتوسى)
شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تۇرپان شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شاۋشەنگە بېرىپ، ماۋ زېدۇڭ مەيدانىدا يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ مىس ھەيكىلىگە گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى، تەزىم قىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى ھەم ماۋ زېدۇڭ خاتىرە سارىيى، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. چۈشتىن كېيىن، ۋەكىللەر ئۆمىكى لەنسى پەن – تېخنىكىسى، جىلى ئاپتوموبىلچىلىقى ۋە شياڭگاڭ گۇرۇھى 5G ئاپتوماتلاشقان پولات زاۋۇتى، بەش مېتىرلىق كەڭلىكتىكى قېلىن تاختا زاۋۇتى، ئەي ئەيگو كەپشەرلەش ئىشخانىسىغا بېرىپ، شياڭتەن شەھىرىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى.سۆھبەت يىغىنى نەق مەيدانى. (فاڭ ياڭ فوتوسى)پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا، قەيسەر قېيۇم تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن شياڭتەن شەھىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان تۇرپان شەھىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ھەم تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: خۇنەن - تۇرپان ئىككى جاينىڭ دوستلۇقى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، بۇ قېتىمقى شياڭتەن سەپىرىمىز بىر قېتىملىق مىننەتدارلىق سەپىرى، ئۆگىنىش سەپىرى، ھەمكارلىق سەپىرى. ئىككى جاينىڭ كەسىپلەرنى جەلپ قىلىش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئورتاق ئىلگىرىلەشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
خۇ خېبو تۇرپان شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شياڭتەنگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى ماۋ جۇشىنىڭ يۇرتىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، قويۇق دوستلۇقىنى، شياڭتەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنى، شياڭتەندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە بارغان كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، كۆيۈنىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. ھازىر، شياڭتەن چاڭشا، جۇ جوۋ، شياڭتەننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش، كەسىپ زەنجىرى، كەسىپ ئېكولوگىيەسى، قاتناش ئەشيا ئوبوروتى، سىياسەت، تۈزۈملەرنى توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ پارلاق يولىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە. ئىككى جاينىڭ دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، قىزىل تەتقىقات - ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شياڭتەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە، يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەپ، ئاۋات - باي، ئىناق - گۈزەل، بەختلىك زامانىۋىلاشقان تۇرپان قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ قوشىدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:哈提曼·帕塔尔