رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ ماكرون كىرىش سۆز يېزىپ بەردى

文摘   2024-11-21 12:25   新疆  
«جۇڭگو . تاڭ سۇلالىسى − كۆپ خىل ئېچىۋېتىلگەن بىر سۇلالە (7 - ئەسىردىن 10 - ئەسىرگىچە)» كۆرگەزمىسى باشلاندى

رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ ماكرون كىرىش سۆز يېزىپ بەردى
  
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى «جۇڭگو . تاڭ سۇلالىسى − كۆپ خىل ئېچىۋېتىلگەن بىر سۇلالە (7 - ئەسىردىن 10 - ئەسىرگىچە)» كۆرگەزمىسى 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى فىرانسىيە جىمېي دۆلەتلىك ئاسىيا سەنئەت مۇزېيىدا باشلاندى، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون ئايرىم - ئايرىم ھالدا كۆرگەزمىگە كىرىش سۆز يېزىپ بەردى. 
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى. 5 - ئايدا مەن فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو - فىرانسىيە ئىككى تەرەپ فىرانسىيە جىمېي دۆلەتلىك ئاسىيا سەنئەت مۇزېيىدا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان. مەن شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۈمكى، ئىككى دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، «جۇڭگو . تاڭ سۇلالىسى − كۆپ خىل ئېچىۋېتىلگەن بىر سۇلالە (7 - ئەسىردىن 10 - ئەسىرگىچە)» كۆرگەزمىسى قەرەلىدە باشلاندى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تاڭ سۇلالىسى جۇڭگو تارىخىدا ئەڭ گۈللەنگەن بىر سۇلالە بولۇپ، ئىقتىسادى گۈللەنگەن، مەدەنىيىتى روناق تاپقان، ئىدىيەسى سىغدۇرۇشچان، سەنئىتى گۈللەنگەن، مىللەتلەر يۇغۇرۇلغان. تاڭ سۇلالىسى مەدەنىيىتى ئاسىياغا تەسىر كۆرسەتكەن ھەم يىپەك يولى ئارقىلىق ياۋروپاغا تارقالغان. تاڭ سۇلالىسىنىڭ شېئىر، رەسىم، ئالتۇن - كۈمۈش بۇيۇمى قاتارلىق سەنئەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھازىرغىچە كىشىلەر تەرىپىدىن تەرىپلىنىپ كەلمەكتە. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ فىرانسىيە ۋە ياۋروپادىكى كۆرۈرمەنلەرنى شانلىق، پارلاق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن گۈللەنگەن تاڭ سۇلالىسى مەنزىرىسىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارغا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.    
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن فىرانسىيە مىللىتىنىڭ بىردەك ئۇزاق تارىخى ۋە شانلىق مەدەنىيىتى بار. ئىككى دۆلەت خەلقى ئەزەلدىن بىر - بىرىدىن زوقلىنىپ، بىر - بىرىنى جەلپ قىلىپ كەلدى، دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. بىز تارىخىي مەدەنىيەتتىن ئىلھام ئىزدەپ، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز گۈزەللىكىمىزدىن زوقلىنىپ، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىپ، تارىخىي ھېسسىيات ۋە دەۋر روھىنى جۇڭگو - فىرانسىيە دوستلۇقىغا سىڭدۈرۈپ، جۇڭگو - فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىمىز ۋە مول ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.
زۇڭتۇڭ ماكرون مۇنداق بىلدۈردى: فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ۋە مەدەنىيەت - ساياھەت يىلىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، جىمېي مۇزېيىدا داغدۇغىلىق ھالدا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. تاڭ سۇلالىسىنىڭ جۇڭگونىڭ مەدەنىيلىك تارىخىدىكى ئورنى ئالاھىدە، شانلىق مەدەنىيەتكە ۋە كىشىنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرىدىغان ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىگە ئىگە ھەم يىپەك يولى ئارقىلىق تاشقى ئالماشتۇرۇشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز سەنئەت بايلىقلىرىنى ياراتقان. تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ كۆرگەزمە فىرانسىيە - جۇڭگو مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا داۋاملىق مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم گەۋدىلەندۈردى.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە جۇڭگو دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى بىلەن فىرانسىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، جۇڭگودىكى ئون ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى 32 مەدەنىيەت يادىكارلىقى - مۇزېي ئاپپاراتىنىڭ 200 دانە(يۈرۈش)دىن ئارتۇق نەپىس مەدەنىيەت يادىكارلىقى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

مەنبە: تىيانشان تورى




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章