شى جىنپىڭ يازما نۇتۇق سۆزلىدى

文摘   2024-11-18 19:14   新疆  
شى جىنپىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا يازما نۇتۇق سۆزلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لىما، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جاۋ كەي، جېڭ كەيجۈن) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لىمادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا - سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا «دەۋر يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، دۇنيانىڭ گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا يازما نۇتۇق سۆزلىدى. 
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، بىرى گۈللەنسە ھەممىسى گۈللىنىدىغان، بىرى زىيانغا ئۇچرىسا ھەممىسى زىيانغا ئۇچرايدىغان مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشى كېمىنى سۇنىڭ ئېقىشىغا قارشى ھەيدەيدىغان، ئىلگىرىلىمىسە چېكىنىپ كېتىدىغان كەسكىن سىناققا دۇچ كەلدى. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى قايسى يولغا مېڭىشى كېرەك، بىزنىڭ تاللىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى ۋە پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى، گەرچە تەتۈر شامال ۋە قايتما دولقۇنغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىش يۈزلىنىشى ئەزەلدىن ئۆزگەرگىنى يوق، بىر - بىرىگە تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان دۇنيانى تۈرلۈك ناملار ئارقىلىق جاھىللىق بىلەن پارچىلىۋېتىش تارىخنى كەينىگە ياندۇرغانلىق. قانچىكى مۈشكۈل پەيتتە، ئىشەنچنى شۇنچە چىڭىتىش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىش يۆنىلىشىگە توغرا يېتەكچىلىك قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان، تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئوخشاش بولمىغان توپقا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.
بىرىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پەن - تېخنىكا ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، بىلىم ۋە تېخنىكىنىڭ پۈتۈن يەرشارىدا يۆتكىلىشىگە كۈچ قوشۇش كېرەك.
ئىككىنچى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىكى ھوقۇق باراۋەرلىكى، پۇرسەت باراۋەرلىكى، قائىدە باراۋەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۇنيانىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقى نامراتلارنىڭ بارغانسېرى نامراتلىشىشى، بايلارنىڭ بارغانسېرى بېيىشى ئاساسىغا قۇرۇلسا بولمايدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىلا ھەقىقىي تەرەققىيات ھېسابلىنىدۇ. ئادەمنى ئاساس قىلىدىغان، تەرەققىيات تېخىمۇ تەڭپۇڭ بولغان، پۇرسەت تېخىمۇ باراۋەر بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىش يولىدا مېڭىپ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆتكەن 30 يىلدا، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى كۈچلۈك ئېشىشنى ساقلاپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان «ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى مۆجىزىسى»نى ياراتتى. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىزنىڭ باشتىن - ئاخىر رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا كۈچ چىقارغانلىقىمىز، باشتىن - ئاخىر ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئوچۇق رايونچىلىقتا چىڭ تۇرغانلىقىمىز، باشتىن - ئاخىر ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىش چوڭ ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ۋە بىر - بىرىمىزنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرغانلىقىمىزدىن كەلگەن. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى داۋاملىق تۈردە ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان پاراۋۇز بولۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئېچىۋېتىلگەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى، سىغدۇرۇشچان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىن ئىبارەت ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىنى جۇلالاندۇرۇپ، يېشىل ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى، رەقەملىك ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى يېڭى ۋىۋىسكىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىياتىنىڭ كېيىنكى «ئالتۇن 30 يىل»ىنى يارىتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. جۇڭگو ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە يەرشارىۋى ئىقتىسادقا كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشىدۇ. جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئەڭ چوڭ موتورلۇق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشقا تولۇق ئىشەنچى بار. جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىدۇ. جۇڭگو يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، داۋاملىق تۈردە يەرشارىۋى يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، يەرشارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگو تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىش ۋە يەككە تەرەپلىك ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى چىقىرىپ، دۇنياغا يۈزلەنگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونى تورىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن دۇنيا بىلەن داۋاملىق تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇنداقلا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا يەنىمۇ بەخت يارىتىدۇ. بىز ئېچىۋېتىش، تۇتاشتۇرۇش روھىنى ئەمەلدە كۆرسەتسەكلا، تىنچ ئوكيان گۈللىنىش، ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان راۋان يولغا ئايلىنالايدۇ. ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى خىرىسقا ئورتاق يۈزلىنىپ، دۇنيانىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەيلى.
مەنبە: تىيانشان تورى




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章