شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

文摘   2024-11-17 17:34   新疆  
شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى


تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز پېڭ دەننى) 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى، يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 17 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، خۇبېيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭدۇڭ جۇخەي شەھىرىدىكى ئاپتوموبىل ھەيدەپ پىيادىلەرنى سوقۇش دېلوسىغا قارىتا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، شەھىرىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى  مۇھاكىمە قىلىندى. شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شۆلياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاڭلىق ھالدا ئۇنى شەھىرىمىزنىڭ ئىسلاھاتنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك، يېڭى بىر نۆۋەتلىك باغچە رايونى يىرىك پىلانىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، كۈچلۈك توپلاش، تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدار دەرىجىسىگە ئىگە زامانىۋى تۈگۈن ئىقتىسادى رايونى ۋە ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىسادى رايونى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇبېيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «يەتتە چوڭ كەسىپ توپىدىكى نۇقتىلىق 18 كەسىپ زەنجىرى»نى چۆرىدەپ زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كېڭەيتىپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى زورايتىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل تۈردە كارخانىلاردا، ھەرقايسى كەسىپلەردە، تەرەققىيات جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كەنتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي قوللىنىشچان كەنت يىرىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى «تۆت چوڭ خاس كەسىپ» ۋە كۆپ خىل تىجارەت يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت بايلىقىنى قوغداش بىلەن مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى ئالدىن يۈرۈش رايونىنى يۇقىرى سەۋىيەدە قۇرۇشنى چۆرىدەپ، تۇرپاننىڭ مول مەدەنىيەت بايلىقىنى تولۇق قېزىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخىي ماتېرىيال سىستېمىسى، سۆز سىستېمىسى، نەزەرىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك. يېڭىچە مەدەنىيەت كەسىپ ھالىتى ۋە مەدەنىيەت ئىستېمال ئەندىزىسىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ئېسىل بىر تۈركۈم ساياھەت لىنىيەلىرىنى پىلانلاپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، قىش، ئەتىياز پەسىللىك مەدەنىيەت بايلىقىنى يەنىمۇ قېزىپ، «تۆت پەسىللىك پۈتۈن رايون ئومۇمىي خەلق ساياھىتى» يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىل باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ ـ خەتەر ئېڭى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېغىر خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تورىنى زىچ، پۇختا توقۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك زىددىيەت - ماجىرالارنى بىخ ھالىتىدە تۈگىتىپ، ئادەم زىچ توپلىشىدىغان سورۇنلار، چوڭ تىپتىكى پائالىيەت قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، چېكىدىن ئاشقان دېلو يۈز بېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش بىلەن جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك جىددىي تاقابىل تۇرۇش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھەلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، تۇرپاننىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي قېلىپلاشقان، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك بولغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسىي تەكشۈرۈشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان مەسىلىلەر، ئامما ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى چىڭ كۆزلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتىنى دائىملىق ياخشى ئىشلەپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)لارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا كۈچ قوشۇش ۋە يۈكنى يېنىكلىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئەۋزەللىكىنى جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ياشانغانلار - بالىلار ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. «ئىستىل ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش يىلى، سۈپەت - ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش يىلى، ئاممىنىڭ رازىمەنلىكىنى ئۆستۈرۈش يىلى» پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشنى چىڭ كۆزلەپ، سىجىل كۈچەپ سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بۇ يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش ۋە كېلەر يىللىق خىزمەتلەردە ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章