تۇرپاندىكى 305 ئوقۇغۇچى «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سومكىسى»غا ئېرىشىدۇ

文摘   2024-11-21 19:23   新疆  
تۇرپان شەھىرىدىكى 305 ئوقۇغۇچى «بىر يۈەن فوندىنىڭ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سومكىسى»غا ئېرىشىدۇ


تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرىمىز مېھرىگۈل ئەخمەت، ۋاڭ زىجيې، راھىلە مەخمۇت خەۋىرى، فوتوسى: 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، «مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈپ ئىئانە قىلىش −ئوت يۇرتىنى ئىللىتتى. بىر يۈەن فوندىنىڭ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سومكىسى»نى ئايرىپ قاچىلاش ۋە تارقىتىشنى باشلاش مۇراسىمى ئىدىقۇت رايونىدىكى ساياھەت - مەدەنىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، شەھەر بويىچە 305 ئوقۇغۇچى «بىر يۈەن فوندىنىڭ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سومكىسى»غا ئېرىشىدىغان بولدى.

خىزمەتچى خادىملار بىر يۈەن فوندىنىڭ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سومكىسىنى ئايرىپ قاچىلىماقتا. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى مېھرىگۈل فوتوسى 

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى شېنجېن بىر يۈەن فوندى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق فوندى جەمئىيىتى تەشەببۇس قىلغان، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىدىقۇت رايونلۇق كومىتېتى يېتەكچىلىك قىلغان، شىنجاڭ قىزىل تاش خەير ـ ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى كارىز ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مەخسۇس فوندى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. «بىر يۈەن فوندىنىڭ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سومكىسى» تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەردىكى بالىلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تۈرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىشنى ئىللىق ئۆتكۈزۈش ۋە پىسخىك غەمخورلۇق جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە «بىر يۈەن فوندىنىڭ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سومكىسى»دىن جەمئىي 305ى تەييارلاندى، ھەربىر سومكىدا 365 يۈەن قىممىتىدىكى پاختىلىق كىيىم، قىشلىق ئاياغ، سومكا، ئويۇنچۇق، گۈزەل سەنئەت يۈرۈشلۈكى، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىشقا دائىر بالىلار ئوقۇشلۇقى قاتارلىقلار بار. 
شەھەرلىك خەير - ساخاۋەت باش جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى، كارىز ئاممىۋى مەنپەتدارلىق فوندى جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى ئەكبەر داۋۇت مۇنداق دېدى: ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سومكىسى تارقىتىش خىزمىتى پۈتۈن شەھەر دائىرىسىنى قاپلايدىغان بولۇپ، 20 نەچچە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا «بىر يۈەن فوندىنىڭ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سومكىسى» تارقىتىلىدۇ. 
كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىدىقۇت رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې فېڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مەقسىتى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كۈچلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، مېھىر - شەپقەت ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت. 




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章