شەھىرىمىزنىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ھەم پاكلىق خىزمىتى يىغىنى

文摘   2024-11-15 18:30   新疆  
2024 - يىللىق تۇرپان شەھىرىنىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ھەم شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2 - قېتىملىق پاكلىق خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى


شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۇرپان شەھىرىنىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت، پاك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك


تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز لى يەنچياڭ، جاڭ مىڭشيەن) 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 2024 - يىللىق تۇرپان شەھىرىنىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ھەم شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2 - قېتىملىق پاكلىق خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى قەيسەر قېيۇم يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋېي چېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، نەتىجىلەر خۇلاسىلىنىپ، يېتەرسىزلىكلەر تېپىپ چىقىلىپ، ئىدىيە يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملىنىپ، شەھىرىمىزنىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت، پاك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، پۈتۈن شەھەر ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەندى.

قەيسەر قېيۇم مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت ۋە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، ھۆكۈمەت ئىستىلى قۇرۇلۇشى سىجىل كۈچەيتىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە بېكىتىلگەن ئىشلىرىنىڭ بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلىشىشى، ھەربىر ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىندى.

قەيسەر قېيۇم مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ «1535» خىزمەت تەپەككۇرىنى چىڭ كۆزلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سىستېما تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، پاك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىغا بىرلەشتۈرۈپ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قابىل ھۆكۈمەت بىلەن ئۈنۈملۈك بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، نىزام چىقىرىش، تۈزىتىش كىرگۈزۈش، بىكار قىلىش، ئىزاھلاشنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، تۇرپاننىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى قانۇن، سىياسەتلەردىكى ئاجىز ھالقىلار ۋە بوش قالغان نۇقتىلارنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ، ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىقنىڭ بىر - بىرىگە ھەمراھ بولۇشى، ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەشنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، مۇھىم مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مۇھىم مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەشتە ئىز قوغلاپ قايتما ئىنكاس قىلىش تۈزۈمى ۋە ئۆمۈرلۈك جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە قارار بەلگىلەش، قانۇن بويىچە سىياسەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئادىل، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدىيەسى ۋە شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەش ۋە نازارەت قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ ئاشكارا بولۇشى، جەريانىنىڭ قېلىپلاشقان بولۇشى، نەتىجىسىنىڭ ئادىل بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەت - ماجىرالارنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئالدىنى ئېلىش، مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش - تۈگىتىش ئۇنىۋېرسال مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي دەۋا تالاش - تارتىشلىرىنى تۈگىتىش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇپ، قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، كىچىك ئىشلارنى كەنت (مەھەللە)تىن چىقارماسلىق، چوڭ ئىشلارنى يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)دىن چىقارماسلىق، ئېغىر زىددىيەتلەرنى يۇقىرىغا ئىتتىرىپ قويماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنىڭ سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئازادە، ياخشى بولغان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى يارىتىش كېرەك.

يىغىندا 2024 ـ يىلى 1 ـ ئايدىن 10 ـ ئايغىچە بولغان قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، ھەرقايسى رايون، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، شەھەرلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە، رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، شەھەرلىك ئېكولوگىيە ـ مۇھىت ئىدارىسى قاتارلىقلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

شەھەر رەھبەرلىرىدىن ئەنۋەر ئابلىز، تاڭ زوبىن، جوۋ لياڭ، ئابلىمىت ئابلىز، ئوسمان نىياز يىغىنغا قاتناشتى.




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章