ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى

文摘   2024-11-21 12:25   新疆  
ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2024 - يىللىق 2 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۇنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، جاڭ جۇ قاتناشتى

  

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خەۋىرى  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 2024 - يىللىق 2 - قېتىملىق يىغىن ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىكلەر مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۇنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، سۇ بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقى ئومۇمىي يىرىك پىلانى ئارىلىق نەتىجىسى، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالى، شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىدىن ۋاڭ خاۋ، دېڭ مىڭجياڭ، شياۋ ۋېنجياۋ، چېن شياڭشېڭ، ياڭ چىڭ قاتارلىقلار پىكىر ئالماشتۇردى ۋە مۇزاكىرە قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۇنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، تارىخقا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالى، سۇ ئەھۋالىغا قويۇپ، سىستېمىلىق تەپەككۇر ئارقىلىق سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش ئىدىيەسى، مېخانىزمى، ئۇسۇلىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى قۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا تارىم دەرياسىنىڭ «توققۇز مەنبە، بىر غول ئېقىن»ىنى مۇھىم نۇقتا، شىمالىي شىنجاڭدا «ئالتە دەريا، بىر كۆل»نى مۇھىم نۇقتا قىلغان سۇ بايلىقىنى مەركەزلىك بىرتۇتاش باشقۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، سۇ بايلىقىدا بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئايرىۋېتىلگەن، ۋادىنى كۆپ تەرەپ باشقۇرىدىغان ئەندىزىنى بۇزۇپ تاشلىدى؛ دىققەتنى سۇ بايلىقىنىڭ زامان - ماكان جەھەتتىكى تارقىلىشى تەكشى بولماسلىق مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، سۇ تېجەشنى ئاچقۇچ، سۇ ساقلاشنى ئاساس، سۇ تەڭشەشنى تولۇقلىما، سۇ كۆپەيتىشنى كاپالەت قىلىپ، بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتتى، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى تېخىمۇ سىستېمىلىشىش، ئىلمىيلىشىش، ئىنچىكىلىشىشكە يۈزلەندى، سۇنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشتىكى تىرەكلىك كۈچى، تۆھپە قوشۇش كۈچى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. بولۇپمۇ سۇ بايلىقىنىڭ كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ھوسۇلى، كىرىمى سىجىل ئېشىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتى سىجىل مۇستەھكەملىنىپ، ياخشىلىنىپ، چۆللىشىپ كەتكەن ۋە قۇملىشىپ كەتكەن يەر كۆلىمىدە قوش ئازىيىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە قۇملىشىپ كەتكەن يەر كېڭەيگەن بىردىنبىر ئۆلكە بولۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى.
كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇزاكىرىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۇنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سۇ مەسىلىسىنىڭ تارىخى، رېئال ئەھۋالى ۋە كەلگۈسىنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئېكولوگىيە جەھەتتىن چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت يۈكلىگەن شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورون بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەرقايسى تەرەپلەرنى شىنجاڭنىڭ سۇ مەسىلىسىگە تېخىمۇ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا قاراشقا، شىنجاڭنىڭ سۇ خىزمىتىنى تېخىمۇ سىستېمىلىق، ئىلمىي پىلانلاشقا، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىدىن تېخىمۇ دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: سۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى. سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى قانچە يۇقىرى بولسا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، ئىككى قولدا كۈچەش»تىن ئىبارەت سۇنى ئىدارە قىلىش پىكىر يولىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى ئىلمىي باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۆسۈش ئېغىزىنى دەل جايىدا تېپىپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇ كۆپەيتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ بويىچە بىرلىككە كەلگەن سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىك بىلەن بىڭتۇەن، ۋادى بىلەن رايون ماس ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىنى ئىلمىي تەقسىملەش، دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇنىڭدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تۈزۈلمە - مېخانىزم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، كەلگۈسىنى كۆزلەپ، بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشلىرىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ سۇ تورى ئاساسىي رامكىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، سۇ بايلىقىنى تەڭشەش، ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ كەلكۈن سۈيىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ھاسىلىي سۇ، قىرتاق سۇ، بۇلۇت سۈيى قاتارلىق بايلىقلاردىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك. سۇ تېجەش خىزمىتىنى ئۇزاققىچە چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، بىر تۈركۈم چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونلىرىدا سۇ تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بويىچە سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى دەۋردىكى «كارىز»نى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سۇ ئېكولوگىيەسى، سۇ مۇھىتىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى سىستېمىلىق ياخشى تۇتۇپ، يەر ئاستى سۈيى زىيادە تارتىلغان رايونلارنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تۈردە يەر ئاستى سۈيىنى تارتىش مىقدارىنى قېزىشقا بولىدىغان دائىرە ئىچىدە تىزگىنلەش كېرەك؛ دەريا، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ۋادىلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، سۇ بايلىقىنى قوغداش، سۇ مۇھىتىنى تۈزەش، سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك.
تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، چېن مىڭگو، ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى، ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەنبە: تىيانشان تورى




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章