شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ، «مېڭشياڭ» ناملىق بۇرغىلاش ـ چارلاش ئوكيان پاراخوتىنىڭ پۈتۈپ سەپكە قوشۇلغانلىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدىدېڭىز ـ ئوكيان پەن ـ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا دېڭىز ـ ئوكيان ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك«مېڭشياڭ» ناملىق بۇرغىلاش ـ چارلاش ئوكيان پاراخوتى پۈتۈپ سەپكە قوشۇلۇش پەيتىدە، تەتقىق قىلىشقا قاتناشقان، ياساشقا قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە بارلىق يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!«مېڭشياڭ» ناملىق پاراخوتنىڭ دېڭىز سىنىقىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقى ھەم رەسمىي تۈردە سەپكە قوشۇلغانلىقى دۆلىتىمىزنىڭ چوڭقۇر دېڭىزغا كىرىش، چوڭقۇر دېڭىزنى چارلاپ تەكشۈرۈش، چوڭقۇر دېڭىزنى ئېچىش جەھەتتە مۇھىم بىر قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، دېڭىز ـ ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى، پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن يەنە بىر زور نەتىجە. سىلەر يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ،كۆپ تۈرلۈك دۇنياۋى تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو پەن ـ تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشى، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشى ۋە بۇرچ ـ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدىڭلار.سىلەرنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، بۇ زور پەن ـ تېخنىكا قۇرۇلمىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دېڭىز ـ ئوكيان پەن ـ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا دېڭىز ـ ئوكيان ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
2024 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى تېلېگراممىسى دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا لايىھەلەپ ياسىغان «مېڭشياڭ» ناملىق تۇنجى بۇرغىلاش ـ چارلاش ئوكيان پاراخوتى 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى گۇاڭجوۋدا رەسمىي تۈردە سەپكە قوشۇلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، قىزغىن تەبرىكلىدى.شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: «مېڭشياڭ» ناملىق پاراخوتنىڭ دېڭىز سىنىقىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقى ھەم رەسمىي تۈردە سەپكە قوشۇلغانلىقى دۆلىتىمىزنىڭ چوڭقۇر دېڭىزغا كىرىش، چوڭقۇر دېڭىزنى چارلاپ تەكشۈرۈش، چوڭقۇر دېڭىزنى ئېچىش جەھەتتە مۇھىم بىر قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، دېڭىز ـ ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى، پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن يەنە بىر زور نەتىجە. سىلەر يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ تۈرلۈك دۇنياۋى تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو پەن ـ تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشى، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشى ۋە بۇرچ ـ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدىڭلار.شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سىلەرنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، بۇ زور پەن ـ تېخنىكا قۇرۇلمىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دېڭىز ـ ئوكيان پەن ـ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا دېڭىز ـ ئوكيان ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.«مېڭشياڭ» ناملىق پاراخوتنىڭ سەپكە قوشۇلۇش پائالىيىتى 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى گۇاڭجوۋدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خې لىفېڭ پائالىيەتكە قاتنىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى، «مېڭشياڭ» ناملىق پاراخوتنىڭ رەسمىي تۈردە سەپكە قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەبرىك خېتى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە دۆلىتىمىز چوڭقۇر دېڭىز ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. مۇھىم تەبرىك خەتنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «مېڭشياڭ» ناملىق پاراخوتنى يۈرۈشتۈرۈش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىجادىي خاراكتېرلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، «مېڭشياڭ» ناملىق پاراخوت قۇرۇلۇشىدىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، چوڭقۇر دېڭىز ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك.«مېڭشياڭ» ناملىق بۇرغىلاش ـ چارلاش ئوكيان پاراخوتىنىڭ ئومۇمىي تونناژى تەخمىنەن 33 مىڭ توننا، سۇ چىقىرىش مىقدارى 42 مىڭ 600 توننا، سىجىل يۈرۈش ئىقتىدارى 15 مىڭ دېڭىز مىلى، ئەڭ چوڭ بۇرغىلاش چوڭقۇرلۇقى 11 مىڭ مېتىر بولۇپ، پۈتۈن يەرشارى دېڭىز تەۋەسىدىكى چەكسىز سۇ رايونىدا مەشغۇلات قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان.مەنبە: تىيانشان تورى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:哈提曼·帕塔尔