شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

文摘   2024-11-22 19:08   新疆  
تۇرپان شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى مەدىنۇر، ئالىيە خەۋىرى، فوتوسى:11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، تۇرپان شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى توقسۇن ناھىيەسىدە ئېچىلدى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر مەمەت ساۋۇت يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەنۋەر ئابلىز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر دۇ خەنۋېي، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئابلىمىت ئابلىز يىغىنغا قاتناشتى.


يىغىنغا قاتناشقۇچىلار توقسۇن ناھىيەسى شا بازىرىنىڭ خۇڭدى ئەمگەك مۇلازىمىتى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.


 يىغىنغا قاتناشقۇچىلار توقسۇن ناھىيەسى ئىلانلىق بازىرىنىڭ ئەنشى كەنتىدىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.


يىغىندىن ئىلگىرى، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار توقسۇن ناھىيەسى شا بازىرىنىڭ خۇڭدى ئەمگەك مۇلازىمىتى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، توقسۇن بازىرىنىڭ تيەنچۈەن مەھەللىسى، توقسۇن ناھىيەلىك كۇتۇپخانا، ئىلانلىق بازىرى ئەنشى كەنتىدىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسى، توقسۇن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى قاتارلىق جايلارنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئالاقىلىشىش پونكىتىنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتى، مائارىپ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەر ئالاقىلىشىش پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەم يۈرۈشۈشى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ئاۋازغا قويۇش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. يىغىن مەزگىلىدە، يەتتە ۋەكىل خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.


 يىغىنغا قاتناشقۇچىلار توقسۇن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.


 سۆھبەت يىغىنى مەيدانى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردە پۈتۈن شەھەردىكى خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك؛ كۈچەش مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نازارەت قىلىش ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش پىرىنسىپىنى ئىگىلەپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ نازارەتچىلىك قانۇنى»نى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، يېڭى دەۋردە پۈتۈن شەھەردىكى خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئورۇن بەلگىلەش پىرىنسىپى، يۆنىلىشى، قانۇنىيىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەش كېرەك؛ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇھىم نۇقتىنى توغرا تېپىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئەمەلىي نازارەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ قايتا ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پۈتۈن شەھەر خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. 




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章