ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنى ئېچىلدى

文摘   2024-11-18 12:20   新疆  

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى


پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، جاڭ جۇ قاتناشتى
   
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرى  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 6 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ئالاقىدار ھۆججەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، قاراپ چىقىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارارى»دىكى مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش ئىش تەقسىماتى لايىھەسى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھاتى بويىچە ئۈچ يىللىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەت لايىھەسى مۇھاكىمە قىلىندى، مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى لايىھەنى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت ھەرىكەت قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئالدىنقى يۆنىلىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يۇقىرى ئۈنۈم، زور سالماق بىلەن ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئىسلاھاتنى ياخشى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇپ، بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ ماسلاشتۇرۇپ، بىۋاسىتە ئۆتكەلنى ئىگىلەپ ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇشى كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مالىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى مۇھاكىمە قىلىندى، مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭنىڭ مالىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى زۆرۈر ھەم تەخىرسىز بولۇپ، مۇھىم، چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىش ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ناھىيە دەرىجىلىك مالىيە كۈچىنىڭ تەكشى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ مالىيەسىنىڭ يۈرۈشۈش ئومۇمىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى مەخسۇس گۇرۇپپىسى، تەبىئىي بايلىق نازارىتى، قاراماي شەھىرىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 12 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ھەمدە قېزىلما بايلىقنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بويىچە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ۋە ئېكولوگىيە ساھەسى ئىسلاھاتىدىكى تۈرلەر كۆپ، ۋەزىپە ئېغىر. مەخسۇس گۇرۇپپا «بىرلىككە كەلتۈرۈش» فۇنكسىيەسىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، چوڭ ئىشلارنى تۇتۇشقا، چوڭ ئىشلارنى پىلانلاشقا ماھىر بولۇپ، دىققەتنى يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، غەربىي شىمال ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە سىجىل كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇملۇقىغا مۇلازىمەت قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقى ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كانچىلىق ھوقۇقىنى تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خوتەننىڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىشنى تىزىملاش ئىسلاھاتى بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ كۈچ قوشۇش دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغاپ، نۇقتىلىق قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش - ئېچىش ۋە يېشىل كانچىلىق تەرەققىياتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا، كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 6 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا چۈشىنىپ، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھاتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، توغرا ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات ۋەزىپە - تەلەپلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم ئىسلاھات ئىشلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چوڭقۇر ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئالدىنقى يۆنىلىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. ھەقىقىي تۈردە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئىسلاھات مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ماس ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، چېن مىڭگو، ۋاڭ جيەنشىن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە: تىيانشان تورى




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章