تۇرپان شەھىرى «ئوت يۇرتىدا قىش مەدەنىيەت ئارقىلىق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش» پائالىيىتىنى قوزغاتتى
تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز پېڭ دەننى) 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، تۇرپان شەھىرى «ئوت يۇرتىدا قىش مەدەنىيەت ئارقىلىق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش» پائالىيىتىنى قوزغاتتى، پائالىيەتتە بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدىكى ئارىسال ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، ئاۋات - باي، ئىناق - گۈزەل، بەختلىك زامانىۋىلاشقان تۇرپان قۇرۇشقا يېتەكلىنىدۇ.
پائالىيەتتە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جوڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت بايرىقى ئاستىدا لېكسىيە سۆزلەش، رادىيو كانىيىدا تەشۋىق قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، «قانۇن ئىدارە قىلىش خەلق ئۈچۈن» قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش مۇلازىمىتى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىش بېجىرىشتە قانۇنغا ئاساسلىنىدىغان، ئىشقا يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەيدىغان، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلايدىغان قانۇنچىللىق كەيپىياتى يارىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى بېيىتىلىپ، خۇشال - خۇرام، ئىناق، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقىرى ئۆرلەيدىغان جەمئىيەت كەيپىياتى بەرپا قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پەن - تېخنىكا بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلۇپ، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى يېزا - كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، دېھقانلار ئاممىسىنى ئەمەلىي قوللىنىشچان ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە تەشكىللىنىدۇ.ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە يېزا كەيپىياتى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش، قەلبلەرنى ئىللىتىش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، مېھىر - مۇھەببەت ئارقىلىق يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ تىنچ - ئىتتىپاق، ئىناق - مۇقىم بولغان جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىش تەلەپ قىلىنغان. تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:哈提曼·帕塔尔