شى جىنپىڭ بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

文摘   2024-11-23 18:19   新疆  
شى جىنپىڭ بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
  

شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرازىلىيەدىكى زۇڭتۇڭ سارىيىنىڭ لىمىڭ سارىيىدا بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بىرازىلىيە، 11 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار نى سىيى، چېن ۋېيخۇا) شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرازىلىيەدىكى زۇڭتۇڭ سارىيىنىڭ لىمىڭ سارىيىدا بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئورۇن بېكىتمىسىنى قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ ئادىل دۇنيا ۋە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل پىلانېتا بەرپا قىلىدىغان جۇڭگو ـ بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە كۆتۈرۈشنى جاكارلىدى.

باش ياز مەزگىلىدىكى بىرازىلىيەدە ھاۋا ئوچۇق ئىدى. لىمىڭ سارىيىدا ئوت ـ چۆپلەر ياپيېشىل بولۇپ، 450 نەپەر ھەيۋەتلىك ھۆرمەت قاراۋۇلى رەتلىك سەپ تۈزۈپ تۇراتتى. 120 نەپەر ئاتلىق ئەسكەرنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشىدا، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن لىمىڭ سارىيى ئالدىدىكى مەيدانغا يېتىپ كەلدى.

زۇڭتۇڭ لۇلا ۋە رەپىقىسى روسانگېلا شى جىنپىڭنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەم شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق، كاتتا قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو ۋە بىرازىلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە ھۆرمەت قاراۋۇللىرى مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى. جۇڭگو ـ بىرازىلىيە ئۆسمۈرلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالدى. بىرازىلىيە سەنئەتكارلىرى «مېنىڭ ۋەتىنىم» دېگەن ناخشىنى جۇڭگو تىلىدا ئېيتتى.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا قارشى تەرەپنىڭ ھەمراھ بولۇپ كەلگەن خادىملىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ سالاملاشتى.

قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ بىرازىلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 50 يىل بولغان بۇ مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە يىلدا بىرازىلىيەدە زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. بايا زۇڭتۇڭ لۇلا مەن ئۈچۈن ئەڭ ئالىي ھۆرمەت بىلەن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ھەمدە جۇڭگو خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە شەرقىي، غەربىي يېرىم شاردىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىككى چوڭ دۆلەت. ئۆتكەن 50 يىلنى ئەسلىسەك، جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتى تاغ ـ دېڭىزلاردىن ھالقىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ دوستانە ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك توغرا بولغان چىقىشىپ ئۆتۈش يولىنى ئاچتى. بىرازىلىيە جۇڭگو بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان تۇنجى دۆلەت، جۇڭگو بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان تۇنجى لاتىن ئامېرىكىسى دۆلىتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن ۋە زۇڭتۇڭ لۇلانىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئىككى دۆلەت كۈنسېرى تەقدىرداش بولغان ئىشەنچلىك دوستلارغا، تىنچلىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاكتىپ كۈچكە ئايلاندى، جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىدى، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ كۈچى ۋە ساداسىنى زورايتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈن بىز جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئورۇن بېكىتمىسىنى قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ ئادىل دۇنيا ۋە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل پىلانېتا بەرپا قىلىدىغان جۇڭگو ـ بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە كۆتۈرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى بىرازىلىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرىمىز، بۇ، جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدىكى يەنە بىر تارىخىي پەيت بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يەرشارىۋى خاراكتېرى، ئىستراتېگىيە خاراكتېرى، ئۇزاق مەزگىل خاراكتېرىنى نامايان قىلدى، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ قول تۇتۇشۇپ خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش، دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو تەرەپ بىرازىلىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالىنى قەلبىگە پۈكۈپ، خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى كۆزلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، بىر ـ بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان «ئالتۇن ھەمراھ»لاردىن بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، تېخىمۇ ئادىل دۇنيا ۋە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل پىلانېتا بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ كەلگۈسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا تۆت جەھەتتىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرىنچى، تەقدىرداش بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىك، زېمىن پۈتۈنلۈكى قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەتكە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە قەتئىي ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى ـ ھەمكارلىشىشى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. مەدەنىيەت، مائارىپ، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

ئىككىنچى، تەرەققىياتتا بىللە بولۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى بىرازىلىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش تارىخىي پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، ئىقتىساد ـ سودا، ئۇل ئەسلىھە، پۇل مۇئامىلە، پەن ـ تېخنىكا، مۇھىت قوغداش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالەم قاتنىشى، يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسى، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بىرازىلىيە تەرەپنىڭ «ئاچارچىلىقنى تۈگىتىش» پىلانىنى قوللاپ، بىرازىلىيە تەرەپ بىلەن نامراتلارنى ئازايتىش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى خالايدۇ.

ئۈچىنچى، مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى قوغداش ئۈچۈن جۇڭگو ـ بىرازىلىيە كۈچىنى نامايان قىلىش كېرەك. ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئادىل سۆز قىلىش، ئادىل ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بىرازىلىيەنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىر كۈچىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىرازىلىيەنىڭ خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، بىرازىلىيە تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئىچىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرازىلىيەنىڭ كېلەر يىلى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى قوللاپ، «بۈيۈك كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇش، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تېخىمۇ جاراڭلىق ساداسىنى ياڭرىتىشنى خالايدۇ.

تۆتىنچى، بەخت ـ سائادەتتىمۇ، جەبىر ـ جاپادىمۇ بىللە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو ـ بىرازىلىيە تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك. جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشلامچىلىق بىلەن ئورتاق كېڭىشىپ، ئورتاق مەسلىھەتلىشىپ، «يەرشارىدىكىلەر جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولۇش»قا تۈرتكە بولۇپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك يەرشارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بىرازىلىيەنىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» 30 ـ قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىگە مەدەت بېرىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 10 يىل ئىلگىرى، مەن بىرازىلىيەدە لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئىجادىي، ئوچۇق، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولغانىدىم. جۇڭگو تەرەپ بىرازىلىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرىنى داۋاملىق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب رايونىنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكى ۋە ئېھتىياجى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

لۇلا مۇنداق بىلدۈردى: بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگو ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۆزئارا تايىنىدىغان ياخشى دوستلار، جۇڭگو بىرازىلىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى، جۇڭگو خەلقى بىرازىلىيە خەلقىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك دوستى. بۇ يىل بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنىدە بىرازىلىيەدە يەنە بىر قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. بايىقى قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا، مەن بىرازىلىيە سەنئەتكارىنى «مېنىڭ ۋەتىنىم» ناملىق جۇڭگو تىلىدىكى داڭلىق ناخشىنى ئېيتىشقا ئالايىتەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ مەن بۇلتۇر جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتىم ھەم بىرازىلىيە خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى ئىپادىلىدىم. ئۆتكەن 50 يىلدا، بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بىرازىلىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ ئادىل دۇنيا ۋە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل پىلانېتا بەرپا قىلىدىغان بىرازىلىيە ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىرازىلىيە «ئېشىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش پىلانى» «يېڭى سانائەت پىلانى» «جەنۇبىي ئامېرىكىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش يولى پىلانى» قاتارلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، بۇلار جۇڭگو تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى بىرازىلىيەنىڭ قايتا سانائەتلەشتۈرۈش مۇساپىسىگە زور كۈچ قوشۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى ـ ھەمكارلىشىشى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەيدۇ. ئىككى تەرەپ خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۇل ئەسلىھە، پۇل مۇئامىلە، كەسىپ زەنجىرى، پەن ـ تېخنىكا، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تېزلىتىشى ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بىرازىلىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىمىز. بىرازىلىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئەشيا ئوبوروتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگو ۋە لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن جۇڭگونىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىرازىلىيە تەرەپ «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش»قا قارشى تۇرۇپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە باراۋەر، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدىكى يەرشارىۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشتىكى سۆز ھوقۇقى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. بىرازىلىيە تەرەپ يەنە جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسى قاتارلىق قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى تىنچ ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى بىرازىلىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى يېڭى ئابىدىگە ئايلىنىپ، بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىرازىلىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ ئادىل دۇنيا ۋە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل پىلانېتا بەرپا قىلىدىغان جۇڭگو ـ بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتى»نى ئورتاق ئىمزالىدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن بىرازىلىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى <ئېشىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش پىلانى> <بىرازىلىيەنىڭ يېڭى سانائەت پىلانى> <ئېكولوگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش پىلانى> <جەنۇبىي ئامېرىكىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش يولى پىلانى> بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ھەمكارلىق يىرىك پىلانى»نى ئىمزالاشقا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى.

زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ يەنە ئىقتىساد ـ سودا، سېلىنما، يېزا ئىگىلىكى، رەقەملىك ئىقتىساد، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، پەن ـ تېخنىكا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يەرشارىۋى تەرەققىيات ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى 30 نەچچە تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەنبە: تىيانشان تورى




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章