شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

文摘   2024-11-19 13:16   新疆  
شى جىنپىڭ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 31 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

  

شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 31 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى پېرۇنىڭ لىما يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم «دەۋر مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 31 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى پېرۇنىڭ لىما يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم «دەۋر مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ رەھبەرلىرى، ۋەكىللىرى بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لىما، 11 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار نى سىيى، جياڭ يەن) شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 31 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى پېرۇنىڭ لىما يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم «دەۋر مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ يىغىن مەيدانىغا يېتىپ كەلگەندە، زۇڭتۇڭ بورۇئارتنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.
شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ زور تەرەققىيات، زور گۈللىنىش، زور يۇغۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يەرشارىۋى ئىقتىسادتىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بۆلەككە ۋە ئاساسلىق ئېشىش موتورىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىمۇ جۇغراپىيەلىك سىياسىي، يەككە تەرەپچىلىك ۋە قورۇقچىلىق كۈچىيىش قاتارلىق خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى يارىتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ ئۈچ تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى:
بىرىنچى، ئېچىۋېتىلگەن، يۇغۇرۇلغان ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئوچۇق ئىقتىساد چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداش كېرەك. بۈگۈن، بىز ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى يېتەكچى ھۆججىتىنى ماقۇللايمىز، ئىشىنىمىزكى بۇ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئوچۇق ئىقتىساد تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگو ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد ـ سودا قائىدىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىشنى پائال كېڭەيتىدۇ، ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىللە رەقەملىك ۋە يېشىل ساھەدىكى سودا كېلىشىمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە كېڭىشىپ، پۈتۈن يەرشارىغا يۈزلەنگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونى تورىنى سىجىل كېڭەيتىشنى خالايدۇ.
ئىككىنچى، يېشىل، ئىجادىي ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ئېشىش قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، كىۋانت ئۇچۇرى، ھاياتلىق ـ ساغلاملىق قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەردە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئوچۇق، ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتىش بولمىغان يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى يارىتىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يۈكسىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك بولغان، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، رەقەملەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇشنىڭ ماس تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتىنى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك. جۇڭگو شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن يېشىل، ئىجادىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا، «يەرشارىۋى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چېگرا ھالقىپ يۆتكىلىش ھەمكارلىق تەشەببۇسى»نى ئېلان قىلىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق، بىخەتەر چېگرا ھالقىپ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
ئۈچىنچى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. ئىقتىساد ـ تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ۋە ئاجىز توپلارغا مەدەت بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ «تورت»نى بىرلىكتە چوڭايتىپ ھەم ياخشى تەقسىملەپ، تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي گەۋدە، تېخىمۇ كۆپ خەلق ئاممىسىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا ئاھالە كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ توپلىشىش شەكلىدە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تەشەببۇسلارنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگو ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2026 ـ يىللىق ساھىبخانلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا ـ  تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەلقلەرگە بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش − جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ئالغا بېسىش تارىخىي مۇساپىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا 300 تۈرلۈكتىن ئارتۇق مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەر بويىچە سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ داۋاملىق جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تېز پويىزىغا ئولتۇرۇپ، تىنچ تەرەققىي قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش، ئورتاق گۈللىنىشتىن ئىبارەت دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى قارشى ئالىدۇ.
يىغىنغا پېرۇ زۇڭتۇڭى بورۇئارت رىياسەتچىلىك قىلدى، باش تېمىسى «كۈچ قوشۇش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت.
يىغىندا «2024 ـ يىللىق ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر ماچۇ پىچۇ خىتابنامىسى» «ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قارالمىسىغا دائىر يېڭى نەزەر توغرىسىدىكى بايانات» ۋە «مۇنتىزىم بولۇشقا ۋە يەرشارىۋى ئىقتىسادقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى لىما يول خەرىتىسى»دىن ئىبارەت ئۈچ نەتىجە ھۆججىتى ئېلان قىلىندى.
11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنىڭ قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.
ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەنبە: تىيانشان تورى




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章