تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ جيې) 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، تۇرپان شەھەرلىك مائارىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 1 ـ قۇرۇلتىيى شەھەرلىك ئوقۇتقۇچىلار تەرەققىيات مەركىزىدە ئېچىلدى.
قۇرۇلتايدا 1 - نۆۋەتلىك مائارىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كومىتېتى، خىراجەت تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەر كومىتېتى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى. ئارقىدىن، 1 - نۆۋەتلىك مائارىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، يىغىندا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى، خىراجەت تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاياللار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى.
شەھەرلىك مائارىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى پېڭ جىيۈەن مۇنداق بىلدۈردى: مائارىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كومىتېتى مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئارقىلىق مائارىپ ئىشلىرىغا ياردەم بېرىپ، پۈتۈن شەھەر مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ قوشىدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:哈提曼·帕塔尔