شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىئودې ژانېيرو، 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چياۋ جىخۇڭ، لياۋ سىۋېي) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىئودې ژانېيرودا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە مېكسىكا زۇڭتۇڭى سېنباۋۇم بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ سېنباۋۇمنىڭ مېكسىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال زۇڭتۇڭ بولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2013 - يىلى مەن مېكسىكىدا زىيارەتتە بولغان، شۇ قېتىمقى زىيارەت مەندە چوڭقۇر ھەم ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇرغانىدى. جۇڭگو - مېكسىكا ئىككى دۆلەت ئۇزاق دوستلۇق ئەنئەنىسىگە ئىگە، ئىككى تەرەپ ئالاقىلىشىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ يۈكسەك ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى مەزگىلدە ھەر تەرەپلىمە تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو - مېكسىكا ئىككى دۆلەتنىڭ نۇرغۇن خەلقئارا مەسىلىلەرگە بولغان قارىشى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئىدىيەسى ماس كېلىدۇ، ئوخشاشلا ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ مېكسىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپچىلىك ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:哈提曼·帕塔尔