ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى يېقىندا ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ مەخسۇس تېمىدىكى ئۆگىنىش، مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە ـ مىنىستىرلىق دەرىجىلىكلەر مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئۆگىنىش تەسىراتى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىسلاھات پىكىر يولى، تەدبىرى ئارقىلىق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
2022 ـ يىلى ۋە 2023 ـ يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇدا ئىككى يىل شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى، يول باشلاپ يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تېخىمۇ تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە ـ مېخانىزم توسالغۇلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلارنى «تۆتتە ئاساسىي قاتلامغا بېرىش»نى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىشكە تەشكىللەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، كەڭ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇردى، تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلدى.
ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش جەريانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ سۆز قىلىپ، ھاسىلاتى، تەسىراتى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كونكرېت خىزمەت تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىجىل تۈردە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر قاتار تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىسلاھات پىكىر يولى ۋە چارىسى ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى كەيپىياتنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز.
كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ئالماشتۇرغان، مۇھاكىمە قىلغاندىكى سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ ئۈچۈن كۆرسىتىپ بەرگەن داغدام يول، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۇتقىسى ۋە جېنى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، سىجىل تۈردە چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، مەسىلىلەرنى ئويلاش، تەدبىر بەلگىلەش، ئىش بېجىرىشتە ئالدى بىلەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدىن قوللانما تېپىش، ئاساس تېپىش، چارە تېپىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىشىمىز، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە ـ مىنىستىرلىق دەرىجىلىكلەر مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى قەتئىيلىك ۋە ئاڭلىقلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق تەدبىر» ۋە «مۇھىم ئەڭگۈشتەر»نى ياخشى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي ئۇسۇلنى ئىگىلەپ، ئىقتىدار ۋە قابىلىيەتنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى ئىسلاھات ـ تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقتىكى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە تۈرتكە بولۇشتىكى ھەل قىلغۇچ تەدبىر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان تارماقلاردىكى يولداشلارنى يېتەكلەپ بىرىنچى سەپكە چۆكۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەت ـ دىن، ئىدېئولوگىيە، چەت ئەلگە چېتىشلىق كۈرەش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، سىرتقا ئېچىۋېتىش، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، تۈگۈننى ئانالىز قىلىپ، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، «بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تېپىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەم ـ كوتسىز ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:哈提曼·帕塔尔