شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن لىمادا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

文摘   2024-11-19 13:16   新疆  
شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن لىمادا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى
 

شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لىمادا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لىما، 11 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خەن مو، ياڭ يىجۈن)  شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لىمادا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن تۆت يىلدا، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە گەرچە تۈرلۈك ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرگەن بولساقمۇ، لېكىن يەنە سۆھبەت ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بىز ئىككى تەرەپ كوللېكتىپىنىڭ كېڭىشىش ئارقىلىق جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ بەزى يېتەكچى پىرىنسىپلىرىنى بېكىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت سۆھبىتى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ توغرا يولغا قايتىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، 20 نەچچە ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە يېڭىدىن بەرپا قىلىپ، دىپلوماتىيە، خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد ـ سودا، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، ئارمىيە، زەھەر چەكلەش، قانۇن ئىجرا قىلىش، يېزا ئىگىلىكى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردە ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.
ئۆتكەن تۆت يىللىق تەجرىبىلەر يەكۈنلەشكە ئەرزىيدۇ، ئىلھامنى ئەستە تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ، مېنىڭچە بۇنىڭدا ئاز دېگەندىمۇ تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتا بار.
بىرىنچى، توغرا ئىستراتېگىيەلىك تونۇش بولۇشى كېرەك. «تۇسىدېد توزىقى» تارىخىي قىسمەت ئەمەس، «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش»نى قوزغاشقا بولمايدۇ ھەم ھېچكىم يېڭەلمەيدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەش ئاقىلانىلىك ئەمەس، قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، شۇنداقلا ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ.
ئىككىنچى، گېپى گەپ بولۇشى، دېگىنىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. ئادەمدە سەمىمىيەت بولمىسا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. جۇڭگو تەرەپ دېگىنىنى قىلىدۇ، لېكىن ئەگەر ئامېرىكا تەرەپنىڭ ھەمىشە دېگىنى بىلەن قىلغىنى بىردەك بولمىسا، بۇ، ئامېرىكىنىڭ ئوبرازىغا ناھايىتى پايدىسىز، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.
ئۈچىنچى، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەت ئالاقىسىدە، ھەرقانداق بىر تەرەپ ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنسا بولمايدۇ، شۇنداقلا ئاتالمىش «ئەمەلىي كۈچى، ئورنى»نى چىقىش قىلىپ قارشى تەرەپنى باسسا بولمايدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆز دۆلىتىنىڭ باشلامچىلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قارشى تەرەپنى يوللۇق تەرەققىيات ھوقۇق ـ مەنپەئىتىدىن مەھرۇم قىلسا بولمايدۇ.
تۆتىنچى، قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەككە خىرىس قىلىشقا بولمايدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەت، بەزى زىددىيەت، ئىختىلاپلاردىن ساقلىنالىشى تەس، لېكىن بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ، توقۇنۇشۇپ قېلىش ۋە قارشىلىشىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى، جەزمەن قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەك. تەيۋەن مەسىلىسى، دېموكراتىيە ـ كىشىلىك ھوقۇق، يول ـ تۈزۈم، تەرەققىيات ھوقۇق ـ مەنپەئىتى جۇڭگونىڭ تۆت قىزىل سىزىقى، خىرىس قىلىشقا بولمايدۇ. بۇلار جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم مۇداپىئە رېشاتكىسى ۋە خەۋپسىزلىك تورى.
بەشىنچى، كۆپرەك سۆھبەتلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش كېرەك. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ئازايماستىن، بەلكى تېخىمۇ كۆپەيدى. مەيلى ئىقتىساد ـ سودا، يېزا ئىگىلىكى، زەھەر چەكلەش، قانۇن ئىجرا قىلىش، ئاممىۋى ساقلىق ساقلاش قاتارلىق ساھەلەردە بولسۇن ياكى كىلىمات ئۆزگىرىشى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يەرشارىۋى خىرىسلار ھەمدە خەلقئارا قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە يۈزلىنىشتە بولسۇن، ھەممىسى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقىغا ئېھتىياجلىق. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق تىزىملىكىنى ئۇزارتىپ، ھەمكارلىق تورتىنى چوڭايتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
ئالتىنچى، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك. جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا باشتىن ـ ئاخىر ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى كۆزلەپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ بېرىش ـ كېلىشى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن كۆۋرۈك سېلىپ يول ياسىشى، شۇنداقلا كاشىلا ۋە توسالغۇلارنى تۈگىتىشى، «قىزغۇچ تومۇزغا ئۈنۈمى»نى سۈنئىي پەيدا قىلماسلىقى كېرەك.
يەتتىنچى، چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىش كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى ھەر ۋاقىت ئويلىشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يەرشارىنى ئاممىۋى مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيانىڭ ئىتتىپاقلىشىشى ئۈچۈن ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، جۈملىدىن ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشنى قانات يايدۇرۇشى، ئۆزئارا خورىتىش بىلەن شۇغۇللانماسلىقى، باشقا دۆلەتلەرنى تەرەپ تاللاپ شۇ تەرەپتە تۇرۇشقا مەجبۇرلىماسلىقى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيانقى تەجرىبە ۋە ئىلھاملارنى دەلىللىدى. ئەگەر ئىككى دۆلەت ھەمراھلاردىن بولۇپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قالسا، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلالالايدۇ. ئەگەر قارشى تەرەپنى رەقىب دەپ قاراپ، يامان سۈپەتلىك رىقابەتلەشسە، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتى داۋالغۇشقا ئۇچرايدۇ، ھەتتا چېكىنىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا داۋالغۇش ـ ئەنسىزلىك، توقۇنۇش كۆپ يۈزبېرىۋاتىدۇ، ئىنسانلار مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى دەۋر ئاساسىي رېڭى بولماسلىقى كېرەك، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يەڭگىلى بولىدۇ. «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش» ھەل قىلىش يولى ئەمەس، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن ئورتاق تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ. «كىچىك ھويلىغا ئېگىز تام قوپۇرۇش» چوڭ دۆلەتلەر قىلىدىغان ئىش ئەمەس، ئېچىۋېتىپ ئورتاق بەھرىلەنگەندىلا، ئاندىن ئىنسانلارغا بەخت ياراتقىلى بولىدۇ. جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ھەم ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەم ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ توغرا بولغان چىقىشىپ ئۆتۈش يولى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ پىلانېتتا ئۇزاققىچە تىنچ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنياغا كۆپرەك ئېنىقلىق قوشۇشى، دۇنيانى كۆپرەك ئاكتىپ كۈچ بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچ چىقىرىش نىشانى ئۆزگەرمىدى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدا جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش پىرىنسىپى ئۆزگەرمىدى، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش مەيدانى ئۆزگەرمىدى، جۇڭگو ـ ئامېرىكا خەلقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئارزۇسى ئۆزگەرمىدى. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن داۋاملىق تۈردە سۆھبەتلىشىشنى ساقلاپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇپ ـ تىزگىنلەپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەستە قولغا كەلگەن مۇقىم ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ تەيۋەن، ئىقتىساد ـ سودا، پەن ـ تېخنىكا، تور بىخەتەرلىكى، نەنخەي دېڭىزى، ئۇكرائىنا كىرىزىسى ۋە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىنى ئىزاھلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك قىلمىشى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى بىلەن ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدۇ. ئامېرىكا تەرەپ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقىنى قوغدىماقچى بولسا، ئاچقۇچلۇقى لەي چىڭدې ۋە مىنجىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، تەيۋەن مەسىلىسىنى قاتتىق ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە ئېنىق قارشى تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى قوللىشى كېرەك.
جۇڭگو خەلقىنىڭ تەرەققىيات ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى تارتىۋېلىشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەر دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا ئېھتىياجلىق، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۇقۇمىنى كېڭەيتىۋېتىشكە بولمايدۇ، بۇنى باھانە قىلىپ باشقا دۆلەتلەرگە يامان غەرەزدە چەكلىمە قويۇشقا ۋە ئۇلارنى زەربە بېرىپ بېسىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.
ئاتالمىش جۇڭگو تور ھۇجۇمىنى يولغا قويدى دېيىشنىڭ ھەم دەلىل ـ ئىسپاتى يوق، ھەم داۋلىسى يوق. جۇڭگو تەرەپ ئەسلىدىنلا خەلقئارا تور ھۇجۇمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى، ھەرقانداق شەكىلدىكى تور ھۇجۇمىغا ئىزچىل قارشى تۇرىدۇ ھەم زەربە بېرىدۇ.
جۇڭگو تەرەپ نەنخەي دېڭىزىنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز ـ ئوكيان ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايدۇ. ئالاقىدار تەرەپلەر سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش باشتىن ـ ئاخىر نەنخەي دېڭىزى تالاش ـ تارتىشىنى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. ئامېرىكا نەنشا ئارال ـ خادا تاشلىرىغا ئالاقىدار ئىككى تەرەپ تالاش ـ تارتىشىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەك، ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماسلىققا يول قويماسلىقى ۋە ئۇنى قوللىماسلىقى كېرەك.
جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى مەيدانى ۋە ھەرىكىتى باشتىن ـ ئاخىر ئوچۇق ـ ئاشكارا بولدى، كۆپ قېتىم كېلىشتۈرۈش، ياراشتۇرۇش ۋە سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىنچلىق ئۈچۈن توختىماي كۈچ چىقاردى، ۋەزىيەتنىڭ پەسىيىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىنىڭ يۈزبېرىشىگە يول قويمايدۇ، جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىكى ۋە يادرولۇق مەنپەئىتىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشىغا قاراپ تۇرمايدۇ.
بايدېن مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، دۇنيانىڭ كەلگۈسىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئامېرىكا ـ جۇڭگو رىقابىتىنىڭ توقۇنۇشقا ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش − ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا ئالدىدا زىممىسىگە ئالغان مەسئۇلىيىتى. ئۆتكەن تۆت يىلدا، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ سۆھبەتلىشىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشتىكى بەزى يوللارنى ئەسلىگە كەلتۈردى ۋە يېڭىدىن بەرپا قىلدى، بۇ، ئىككى تەرەپ دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك كوللېكتىپىنىڭ دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلاپ، سەمىمىي، چوڭقۇر سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پايدىلىق رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بولۇپمۇ بىز بىر يىل ئىلگىرى سان فىرانسىسكودا ئۇچراشقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ھەربىي ئىشلار، زەھەر چەكلەش، قانۇن ئىجرا قىلىش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ 2026 ـ يىللىق ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزۈشىنى ئۆزئارا قوللايدۇ، بۇ، ئامېرىكا ـ جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ خەلققە ئېلىپ كېلىدىغان بەخت ـ سائادىتىنى نامايان قىلىدۇ. ئامېرىكا «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش» ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، جۇڭگونىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللىمايدۇ، جۇڭگو بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، تەيۋەن مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگو بىلەن رىقابەتلەشمەيدۇ، ئامېرىكا تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە داۋاملىق ئەمەل قىلىدۇ. ئامېرىكا تەرەپ ئۆتكۈنچى مەزگىلدە جۇڭگو تەرەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىر ـ بىرىگە بولغان ئۆزئارا تونۇشنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشنى خالايدۇ.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يېتەكچى پىرىنسىپى توغرىسىدا ھاسىل قىلغان يەتتە نۇقتىلىق ئورتاق تونۇشنى، يەنى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاش، توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى»گە قەتئىي ئەمەل قىلىش، ئورتاق مەنپەئىتى بولغان ساھەلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى رىقابەت ئامىللىرىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشنى تەكىتلىدى. ئىككى تەرەپ بۇ پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق مۇقىملاشتۇرۇپ، سىلىق ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش، دىپلوماتىيە، خەۋپسىزلىك كوللېكتىپىنىڭ دائىملىق ئۇچرىشىشى، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى، ئىقتىساد ـ سودا، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى سۆھبەتلىشىش مېخانىزمىنىڭ مۇھىم رولىغا ئىجابىي باھا بەردى، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى سان فىرانسىسكو ئۇچرىشىشىدىن بۇيانقى زەھەر چەكلەش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن پائال ئىلگىرىلەشنى ئەسلەپ ئۆتتى.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى مۇنداق قارىدى: ئىككى تەرەپ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىدارە قىلىشتا سەمىمىي ۋە ئىجابىي سۆھبەتلىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا ھەرقايسىسىنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار توغرىسىدىكى قارارىغا ئۆزئارا بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ياخشىلىققا، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىققا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانلارنىڭ يادرو قورالىنى ئىشلىتىشنى تىزگىنلەش قارارىنى ساقلاش زۆرۈرلۈكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىردەك مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش سەمىمىي، چوڭقۇر، ئىجابىي بولدى، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىلىشىشنى داۋاملىق ساقلاشنى خالايمىز.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەنبە: تىيانشان تورى




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章