توقسۇننىڭ قوي گۆشى خۇنەنگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈلدى

文摘   2024-11-20 18:16   新疆  
توقسۇننىڭ قوي گۆشى «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى خۇنەنگە كىرگۈزۈش» مەخسۇس ئاپتوموبىلىدا خۇنەنگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈلدى


تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياسىنجان مەمەتيۈسۈپ) 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، توقسۇننىڭ بىر توننا ئەلا سۈپەتلىك قوي گۆشى بېسىلغان «خۇنەن - شىنجاڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى  شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى خۇنەنگە كىرگۈزۈش» شىنجاڭنىڭ قوي گۆشىنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مەخسۇس ئاپتوموبىلى توقسۇن ناھىيەسى شا بازىرىنىڭ قاراسۇ كەنتىدىن خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرى ۋە چېنجوۋ شەھىرىگە يۈرۈپ كەتتى.
توقسۇننىڭ قوي گۆشى مەززىلىك تەمى ۋە مول ئوزۇقلۇق قىممىتى بىلەن ئىزچىل ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، توشۇش ئارىلىقى يىراق بولۇش، يېڭى پېتى ساقلاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، دۆلەت ئىچى بازىرىدا سېتىشنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىش ئىزچىل قىيىن بولۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن توقسۇن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى قول تۇتۇشۇپ، شىنجاڭ جياڭخۇ يوۋلى ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋە خۇنەن جىڭۋاڭ رەقەملىك پەن - تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، توقسۇننىڭ قوي گۆشىنى مەخسۇس ئاپتوموبىلدا خۇنەنگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈش تۈرىنى يولغا قويدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خۇنەن - تۇرپان ئىككى جاي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى خۇنەنگە كىرگۈزۈش» قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى. تور سۇپىسى، تور سىرتىدىكى پائالىيەت ھەمدە زەنجىرسىمان دۇكان تەسىس قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ئىككى جاي بىۋاسىتە سېتىپ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان بىر قاتار شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل توقسۇن ناھىيەسى «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى خۇنەنگە كىرگۈزۈش» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق جەمئىي 40 مىڭ توننىغا يېقىن قوغۇن، ئۆرۈك، ئۈزۈم قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقارغان، سېتىش سوممىسى 40 مىليون يۈەندىن ئاشقان.
ئىستېمال ئارقىلىق يار - يۆلەك بولۇشنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى كېڭەيتىش، خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، چېنجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتى خۇنەندىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، توقسۇن ناھىيەسىدە 2024 - يىللىق بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي جەڭ ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى قاناي يايدۇردى. سەككىز قارار تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، توقسۇندىكى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىختىساسلىقلىرىدىن جەمئىي 400نى تەربىيەلىدى. تەربىيەلەنگەن كۇرسانتلار تور سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆز جايىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ، بۇ ناھىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئۈچۈن يېڭى يول ئېچىپلا قالماي، يەنە ئۆز جايىنىڭ خاس كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章