ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى

文摘   2024-11-21 19:23   新疆  
تۇرپان شەھىرىدە ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش 20 مىليون يۈەنگە يېقىن ئىستېمالغا تۈرتكە بولدى

تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز مەدىنۇر تۇرسۇن، راھىلە مەخمۇت) «قوش 11»لىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى مەزگىلىدە، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئاپتوموبىل بازىرى بىر قېتىملىق ئىستېمال يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى، ھۆكۈمەت ياردەم پۇلىغا ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ ئېتىبار بېرىشى قوشۇلۇپ، نۇرغۇن ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرىنى يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى.

سېتىش خادىملىرى شەھەر ئاھالىلىرىگە ئاپتوموبىلنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەپلىمىسىنى  تونۇشتۇرماقتا. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى مەدىنۇر تۇرسۇن فوتوسى 

11 -  ئاينىڭ 11 - كۈنى، مۇخبىرلار تۇرپان چاڭئەن ئاپتوموبىلى 4S دۇكىنىدا ئاپتوموبىل كۆرگىلى كەلگەن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنى كۆردى. زالنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ۋە ئالماشتۇرۇش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئېلان، كۆرگەزمە تاختىسى قويۇلغان بولۇپ، سېتىش خادىملىرى خېرىدارلارغا ئاپتوموبىللارنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەپلىمىسىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

شەھەر ئاھالىلىرى ئاپتوموبىلنى سىناپ ھەيدەپ كۆرمەكتە.  تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى مەدىنۇر تۇرسۇن فوتوسى


«  يېقىنقى مەزگىلدە، دۇكىنىمىز <111 يۈەننى 1111 يۈەنگە توغرىلاش>، ئاپتوموبىل زاكاز قىلسا قىشلىق چاق سوۋغا قىلىش، ئالتۇن تۇخۇم چېقىش قاتارلىق كۆپ خىل ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىستېمالچىلارغا پايدا يەتكۈزدى.» تۇرپان چاڭئەن ئاپتوموبىلى 4S دۇكىنىنىڭ سېتىش دىرېكتورى جاڭ ۋېن مۇنداق دېدى: دۆلەت كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، كۈندە دۇكانغا كىرىپ ئەھۋال سۈرۈشتۈرىدىغان، ئاپتوموبىل تاللاپ سېتىۋالىدىغان خېرىدارلار كۆپەيدى. يېقىنقى ئۈچ ئايدىن بۇيان، دۇكىنىمىزدا 100گە يېقىن ئاپتوموبىلنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالماشتۇردۇق.


شەھەر ئاھالىلىرى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىماقتا. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى مەدىنۇر تۇرسۇن فوتوسى 


شەھەر ئاھالىسى خالمۇرات ھاكىم بازىرى ئىتتىك بولۇۋاتقان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلدىن بىرنى سېتىۋالدى، ئاپتوموبىلنىڭ ئەسلىي باھاسى 117 مىڭ 900 يۈەن بولۇپ، تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن، ئۇ پەقەت 80 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل چىقارسىلا بولاتتى. ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل كونا ئاپتوموبىلنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى بېرىش سالمىقى ناھايىتى زور بولدى، ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم پۇلى بىلەن ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشى بىرلەشتۈرۈلگەچكە نۇرغۇن پۇلۇمنى تېجەپ قالدىم.

بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ۋە سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئاپتوموبىل بازارلىرىدىكى ئىستېمال ئېھتىياجىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. ھازىرغا قەدەر، شەھەر بويىچە 181 كونا ئاپتوموبىل يىڭىسىغا ئالماشتۇرۇلۇپ، 19 مىليون 232 مىڭ 200 يۈەنلىك ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇپ، 3 مىليون 280 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلدى.




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章