تۇرپان شەھىرىنىڭ «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيىتى باشلاندى
تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ليۇ زىئاڭ، مۇتەللىپ غوپۇر، ليۇ جيەن) 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، تۇرپان شەھىرىنىڭ 2025 __ 2024 - يىللىق «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيىتى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرىدىكى يار چوڭ بازىرىدا باشلىنىپ، شەھىرىمىز قىش ۋە ئەتىيازلىق ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت پائالىيىتىنىڭ يېڭى دولقۇنىنى قوزغىدى.ئارتىسلار ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىماقتا. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ جيەن ڧوتوسى
«بىز كەلدۇق» ناملىق كوللېكتىپ ناخشا - ئۇسسۇلدا شوخ رىتىم ۋە جانلىق ئۇسسۇل قىياپىتى ئارقىلىق، تۇرپان خەلقىنىڭ قىزغىن، مېھماندوست، پائال ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتى نامايان قىلىندى؛ «گۈزەل ئەتە» ناملىق قوش كىشىلىك ناخشىنىڭ گۈزەل مېلودىيەسى ۋە ئورۇنلاش ماھارىتى كۆپچىلىككە گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىش ۋە ئۈمىدنى يەتكۈزدى. «راك مۇقامىدىن ئارىيە»، «نازىركوم»، «مەشرەپ» قاتارلىق ئېسىل نومۇرلار نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.شەھەر ئاھالىسى قەلبىنۇر ئەخمەت خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۈگۈن ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە بازار ئايلىنىپ، بىر مەيدان ئېسىل ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرىنى كۆردۇق. «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»نىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈلۈپ، مەدەنىيەت تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ بېيىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.تاماشىبىنلار خوراز سوقۇشتۇرۇش ئويۇنى كۆرمەكتە. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ جيەن ڧوتوسى
ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىدىن باشقا، خوراز سوقۇشتۇرۇش ۋە مىللىيچە چېلىشىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى خەلق ئۆرپ - ئادەت پائالىيەتلىرىمۇ ئوخشاشلا قالتىس ئۆتكۈزۈلۈپ، تۇرپاننىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە قويۇق بايرام كەيپىياتى ياراتتى. بازاردىكى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش رايونىمۇ ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەن بولۇپ، تۈرلۈك ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ۋە ئىشتىھانى قوزغايدىغان خاس مەززىلىك تائاملار ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.شاڭخەيدىن كەلگەن ساياھەتچى يۈ ياڭ مۇنداق دېدى: مەن بۇ جاينىڭ خاس مەززىلىك تائاملىرىغا ئېغىز تېگىپلا قالماي، يەنە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان خوراز سوقۇشتۇرۇش ئويۇنىنى كۆردۈم. بۇ يەردىكى قاينام - تاشقىنلىق كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىكەن.ئىگىلىنىشىچە، «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيىتى 2025 - يىلى 4 - ئايغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، 1000 مەيدان(قېتىم)دىن ئارتۇق تۈرلۈك ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇنىدىكەن. شەھەرلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە، رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى مەدەنىيەت – سەنئەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ياقۇپ قادىر مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ سەھنە ھازىرلاپ بېرىپ، شەھىرىمىز مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز. تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:哈提曼·帕塔尔