ما شىڭرۇي قاراماي شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

文摘   2024-11-20 12:47   新疆  
ما شىڭرۇي قاراماي شەھىرىدە كەسىپ تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي قاراماي شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي قاراماي شەھىرى بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونىغا جايلاشقان كاربون ۋە تور پەن - تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، كارخانىنىڭ بۇلۇت ھېسابلاشقا قاتنىشىپ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، قاراماي، 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى قاراماي شەھىرىدە كەسىپ تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، باغچە رايونى، كارخانا، ئاساسىي قاتلام ساقچىخانىسى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلدى ۋە تۈرتكە بولدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭدۇڭ جۇخەي شەھىرىدىكى ئاپتوموبىل ھەيدەپ پىيادىلەرنى سوقۇش دېلوسى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يىل ئاخىرىدىكى كۈچەش مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ كەسىپنى تۇتۇپ، تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداش كېرەك.
قاراماي شەھىرى بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونىغا كېلىپ، ما شىڭرۇي باغچە رايونىنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، كاربون ۋە تور پەن - تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ كېرۇڭ بۇلۇت ھېسابلاش رەقەملىك پەن - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار ۋە جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش قاراماي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش مەركىزىدە نەق مەيداندا تەكشۈرۈشتە بولدى، ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ بۇلۇت ھېسابلاشقا قاتنىشىپ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ۋە تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم شىنجاڭ كېبىتې شىركىتىگە بېرىپ تىزگىنەكلىك ئۇچقۇنى قۇراشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى ۋە مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى تېزلىتىپ، ھېسابلاش كۈچى كەسپىنىڭ توپلىنىپ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى قۇۋۋەتنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن ھېسابلاش كۈچى كەسپىنى ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش، يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي ئالغا سىلجىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇش كېرەك. بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ كۈچ قوشۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.
ما شىڭرۇي يەنە قاراماي شەھىرى فۇچېڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، كارخانىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تىجارەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، نېفىتلىك، تەبىئىي گازلىقنى ئېچىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە نەتىجىسى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، كارخانىنى دىققەتنى ئاساسلىق تىجارەت كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، نېفىت - تەبىئىي گاز ئېچىش كۆلىمىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كەسىپ توپى قۇرۇلۇشى ۋە رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.
يېقىنقى مەزگىلدە جۇخەيدە ئاپتوموبىل ھەيدەپ پىيادىلەرنى سوقۇش قاتارلىق دېلولار يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ما شىڭرۇي ئالايىتەن ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتىگە كېلىپ، ھەرقايسى جايلارنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى قوغداشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇشقا ئورۇنلاشتۇردى، يېتەكچىلىك قىلدى. قارامايدا، ئۇ مەخسۇس غالىبىيەت يولى ساقچىخانىسىغا كېلىپ، ئۇنىۋېرسال قوماندانلىق ئىشخانىسى، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت زالى قاتارلىقلارغا كىرىپ، مۇقىملىقنى قوغداش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى ۋە تەكشۈردى. ما شىڭرۇي شۇ جاينىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى ۋە نەتىجىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بىر جاينىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىر جاينىڭ تىنچ - ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئاساسلىق ساقچى كۈچلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات ئارقىلىق خىزمەتنىڭ يۈرۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىپ، مەنبەدىن تۈگىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قوغداش كېرەك.
ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى چىڭ ۋە ئەمەلىي تۇتۇش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ بىرىنچى سەپتە دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دەل جايىدا تۈرلۈك جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە ئادەم زىچ سورۇنلارنى چارلاپ مۇداپىئە كۆرۈشنى كۈچەيتىپ، چېكىدىن ئاشقان دېلو يۈز بېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ياخشى ھەل قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ياخشى ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ھازىرقى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، دۆلەتنىڭ بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسەتلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى ياخشى تۇتۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، كۆپ تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ «مۇقىملىق» ئاساسىنى پۇختىلاش، «ئىلگىرىلەش» قۇۋۋىتىنى قوزغىتىش كېرەك. يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە قۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، تىرەكلىك، بەلگە خاراكتېرلىك چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، تۈر زاپىسى ۋە ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ يېڭى قۇۋۋەت، يېڭى ئەۋزەللىك يېتىلدۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇشى، ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارغا دەل جايىدا يار - يۆلەك بولۇش سالمىقىنى زورايتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلار دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى پۇختا تۇتۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
قادېن كەبىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەنبە: تىيانشان تورى




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章