بىر ئەر موتسىكلىت ھەيدەپ يولدا قاتناش ساقچىسى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغاندىن كېيىن يانچۇقىدىن ئۆزى قولىدا سىزىۋالغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى كۆرسەتتى. سىرتىدىغان قارىغاندا بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئادەتتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، لېكىن قاتناش ساقچىسى بۇ كىنىشكىنىڭ ئىچىنى ئاچقاندىن كېيىن ساقچىلا ئەمەس ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى باشقا قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارمۇ ھەيران قالغانلىقىدىن ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى.
قارا رەڭلىك مۇقاۋا ئىچىدىكى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ سول تەرىپىگە ئاق يوللۇق دەپتەرنىڭ ۋارىقىغا قولدىلا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاھالىلەر كىملىكى» دەپ يېزىلغان بولۇپ، ئىسىم-فامىلىسى چىن فامىلىلىك، ۋە باشقا جىنسى، مىللىتى، تۇغۇلغان ۋاقتى، ئائىلە ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئېنىق ھەم تەپسىلىي يېزىلغان ئىدى.
«كىنىشكا»نىڭ ئوڭ تەرىپىگە يەنە ئۆزىنىڭ ئىككى سۇڭلۇق رەسىمى چاپلانغان بولۇپ، رەسىمنىڭ ئوڭ تەرىپىگە موتسىكلىت رەڭگى كۈمۈش رەڭ 125، SIM BMWموتور... قاتارلىق ئۇچۇرلار يېزىلغان. بۇ ئىشلەتكۈچىنىڭ «ئىككى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن» كىنىشكىسى ئىكەن.
سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ساقچىلار بۇ ئەرنىڭ موتسىكلىتنى بىر قانچە يىل بۇرۇن سېتىۋالغانلىقىنى بىلگەن. ئۇ ئەرنىڭ دېيىشىچە، ھازىر موتسىكلىت ھەيدەش ئۈچۈن شوپۇرلۇق كىنىشكىسى لازىم بولدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ ۋە ۋاقىت چىقىرىپ ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ بۇنداق «ئىسراپچىلىق»نى قىلغۇچە بىرنى ياسىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۆزى يېزىۋالغان ۋاراقچىنى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ قېپىغا قىستۇرغاندىن كېيىن، ساقچىغا بىمالال كۆرسەتمەكچى بولغان بولۇپ، ئۇ ساقچىلار بەرىبىر ئۇنچە ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ كەتمەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىكەن. لېكىن كىم بىلسۇن، بۇ قېتىم ئۇ تازا «ئەستايىدىل» ساقچىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان.
قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توسۇپ تەكشۈرۈش بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى ليۇ ساقچى مۇنداق دېدى: «مەن خىزمەتكە چىقىپ 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇچراتقان ساختا شوپۇرلۇق كىنىشكىلىرىنىڭ ھەممىسىلا مەلۇم ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ساختا كىنىشكىنى راستقا ئىنتايىن ئوخشاتقان ئىدى، لېكىن بۇنىڭدەك ئاق يوللۇق ۋاراقچىگە ئۆزى قولىدا يېزىۋېلىپلا بىمالال موتسىكلىت ھەيدەپ يۈرگەن ئادەمنى تېخى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم».