مۇھەببەتنىڭ كۈچى بىلەن سۇ كالىسى شىر ئۈستىدىن غالىپ كەلدى

文摘   2024-10-29 23:57   新疆  


سۇ كالىسى ئافرىقا يايلىقىدىكى كۈشەندىسى ئىنتايىن ئاز ھايۋان. گەرچە ئۇ پەقەت ئادەتتىكى ئوتخور ھايۋان ھېسابلانسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا كالىغا لايىق كۈچ ۋە باتۇرلۇق شۇنداقلا بىر-بىرى بىلەن توپلىشىپلا يۈرۈيدىغان ئۆم-ئىناقلىق بار بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك ئۆز-ئارا قىزىرىشىپ قالماي ياخشى ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ. يايلاقتىكى قاپلان، يىلپىز، ياۋا ئىت دېگەندەك ھايۋانلار قورسىقى بەك ئېچىپ كېتىپ پەقەت بولالماي قېلىپ، «يا ئۆلۈم-يا كۆرۈم» دېگەن نىيەتكە كېلىپلا قالمىسا، ھەرگىزمۇ بېشى پىلدىرلاپ قېلىپ «مەن سۇ كالىسىنى يەپ باقايمۇ يا؟» دېگەن خىيالنى قىلىپ سالمايدۇ. چۈنكى بۇنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى ھەممىگە ئايان دېسەك بولىدۇ. يايلاقتا پەقەت شۇ يەرنىڭ غوجا ئاكىلىرى سانىلىدىغان شىرلار كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقىغا تايىنىپ سۇ كالىسىغا ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنالايدۇ. لېكىن سۇ كالىلىرىمۇ تەييارلىقتا تۇرغان ھالەتتە شىرلاردىن ئۇنچە بەكمۇ قورقۇپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇداپىيە تورى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، كىچىك موزايلارنى ئارىسىغا ئېلىۋالسىلا، كۈچتۈڭگۈر بۇقىلار شىرلارنى ئۆزىگە يېقىن كەلتۈرمەيدۇ.

بۇ كۈنى بىر توپ سۇ كالىلىرى سۈيى ئىنتايىن مول بولغان بىر جايغا توپلىشىۋالغان بولۇپ، توپنىڭ ئەتراپىدا تۇغۇلغىنىغا تېخى نەچچە كۈنلا بولغان بىر كىچىك موزاي ئۇياندىن-بۇيانغا شوخلۇق بىلەن سەكرەپ، ئەتراپتىكىلەرگە سۇ چاچرىتىپ خۇشاللىق بىلەن ئويناۋاتقان ئىدى. ئۇنىڭ بىغەم تۇرقى ئەتراپتىكى بىر قانچە كالىنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان بولۇپ، شۇ تاپتىكى تېنچ-ئازادىلىكتىن سەل تۇرۇپ بۇ يەردە بىر مەيدان قالايمىقانچىلىقنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىغا بىر كىمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى.

ئۇلارغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدا سەككىز جۈپ كۆز، بۇ «ھاماقەت» كالىلارنىڭ بىر-بىرىدىن تېخىمۇ يىراقراق ئايرىلىپ تۇرۇشىنى، بولسا ئۆز-ئارا ئۇرۇشۇپ كېتىپ، توپتا قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، بىر قانچە گالۋاڭ توپتىن ئايرىلىپ چىقىپ قالسا، يۈگرۈپ بېرىپ پوكانغا موكلا بېسىپ، ئولاش-چولاش كالا گۆشى بىلەن قورساق تويدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىپ سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغان ئىدى. لېكىن بۇ «مۆرىمەس» كالىلارنىڭ شۇ تاپتىكى تۇرقىدىن ھېچقاچان بىر ئۇرۇشۇپ قالىدىغاندەك ئەمەس. قورسىقى ئېچىپ كورۇلداشقا باشلىغان چىشى شىر ئاخىرى چىداپ بولالماي، ياندا بىغەم ئويناپ يۈرگەن شۇمتەكنى تۇتۇپ، «قورساقنىڭ سەت زۇۋانىنى» بىردەم بولسىمۇ بېسىقتۇرماقچى بولدى.

ئۇ توپتىكى باشقا شىرلارغا ئىشارەت قىلىپ ئۇلارنىڭ كەينىدىن مېڭىشىغا بۇيرۇق قىلدى-دە، يەردە ئۆمىلەپ دېگۈدەك ئاستا سۈرئەتتە مېڭىشقا باشلىدى. شۇ تاپتا سۇ يۈزىدە پەقەت بۇ تۆت شىرنىڭ باشلىرىلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇلار نىشانغا خېلىلا يېقىنلاشقانغا قەدەر «دۆت» كالىلار ئۇلارنى پەقەتلا بايقىيالماي قالدى. شوخ موزاي بولسا تېخىچىلا توپنىڭ سىرتىدا قىلغىلى قىلىق تاپالماي كېتىپ باراتتى. ئارىلىقنى مۇۋاپىق كۆرگەن چىشى سەپداشلىرىغا جەڭ تاكتىكىسىنى بىر قۇر چۈشەندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، چاقماق تېزلىكىدە موزايغا قاراپ ئېتىلدى.

تۇيۇقسىز سۇنىڭ چاچرىغان ئاۋازىدىن پۈتۈن كالىلار «ئۆرە-تۆپە» بولۇشۇپ كەتكەن ئىدى. ئۆزى تەرەپكە «غەلىتىلا بىر نەرسىنىڭ» ئېتىلىپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرگەن موزاي قورقۇپ كەتكىنىدىن «ۋاي مۆ....»  دەپ چىرقىرىغىنىچە قېچىپ كېتىپ بارغان كالىلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ قېچىشقا باشلىدى. چىشى شىر بولسا ئۇنىڭغا بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ يەنە ئازراقلا يۈگرۈۋەتسە تەملىك موزاي گۆشى ھازىر بولىدۇ. لېكىن دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئاجايىپ بىر ئىش يۈز بەردى.

پۈتۈن كالىلار ئارقا تەرەپكە قاراپ قېچىۋاتقان شۇ پەيتتە پەقەت بىرلا سۇ كالىسى شىر تەرەپكە قاراپ جان-جەھلى بىلەن يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ چوقۇملا شۇ موزاينىڭ ئاپىسى بولسا كېرەك، شىر ئۇنىڭ بالىسىغا تاشلىنايلا دېگەن شۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىگە ئۈلگۈرۈپلا بۇ ئانىمۇ شىرنىڭ ئالدىغا كەلدى-دە، قىلچىلىك ئويلىنىپ ئولتۇرماي تورمۇز تۇتۇشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالغان بىچارە شىرنىڭ مەيدىسىگە بىرنى ئۈسسۈپ، ئۇنى ئارقىسىغا ئۇچۇرتىۋەتتى. ئۇنىڭ بىر كاللا قويۇشى بىلەن بۇ شىرنىڭ بىر قانچە سۆڭەكلىرى سۇنۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇمۇ ئورنىدىن قايتا تۇرالمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغان ئىدى.

بۇ كالىنىڭ باتۇرلىقىنى كۆرگەن يىراققا كەتكەن كالىلارمۇ ھوشىنى يىغىپ، ئۆزلىرىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقان باشقا ئۈچ شىرغا قاراپ يۈگۈرۈشكە باشلىدى. بۇ ئۈچ شىر ئەمدى ھەرقانچە بولسىمۇ يۈزدىن ئارتۇق كالىدىن بىرەرنى ئوۋلاش ئەمەس، بۇ يەردىن ساق قېچىپ چىقىپ كەتسىلا، «بۆكىنى ئاسمانغا ئاتسا» بولاتتى. ئامالسىز قالغان شىرلار يارىلانغان ھەمراھىنى تاشلاپ قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ، ئارقىسىغا قاراپ تىكىۋەتتى. بايام بىر كاللا يېگەن شىرمۇ يوپۇرۇلۇپ كەلگەن كالىلارنىڭ تۇياقلىرى ئاستىدا قېلىپ، ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلدى.

شىرغا نىسبەتەن سۇ كالىسىغا ھۇجۇم قىلغاندا بۇنداق قۇربانلىقلارنىڭ بولۇپ تۇرۇشى نورمال ئەھۋال. لېكىن ئۇلاردا يەنە شۇنداق بىر جاسارەت بار بولۇپ، بىرەر كۈن ئۆتكەندىن يەنە مۇشۇ سۇ كالىلىرىنىڭ پېيىدا يۈرىدۇ، پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە يەنە بىر قېتىملىق تەۋەككۈلچىلىك سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ.

Sirlar
سىرلىق ئىشلار ، ئالەمدىكى يىشىلمىگەن سىرلار ، سىرلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى ، ئەڭ يېڭى بايقاشلار سىرلار سالۇنىمىزدا
 最新文章