ئوقۇغۇچىلارنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان فورما

文摘   2024-10-27 21:28   新疆  

دۇنيادا ھەرخىل ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەكتەپ ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە مەكتەپ فورمىسى تىكتۈرگەن بولۇپ، بۇ ئىش يېقىندا توردا كەڭ تارقىلىپ يۈرگەن.

ھەممەيلەن بىلىدۇ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئوقۇغۇچىلار كۈندە دېگۈدەك مەكتەپ فورمىسى كىيىپ يۈرۈيدۇ، ئوقۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ھەشەمەتچىلىكتە بەسلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەكتەپلەر كىيىدىغان كىيىمنى بەلگىلەيدۇ، بۇ دەل مەكتەپ فورمىسى، ھەممەيلەن ئوخشاش مەكتەپ فورمىسى كىيگەندە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زېھنىنى چىرايلىق كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەتلەردىن ئۆگىنىشكە مەركەزلەشتۈرگىلى بولىدۇ.

ھەممەيلەن دىققەت قىلىپ باققان بولۇشى مۇمكىن، ياپونىيە ۋە كورېيەنىڭ مەكتەپ فورمىسى ئىنتايىن چىرايلىق، قىزلار چىرايلىق يوپكا، ئوغۇللار كاستيۇم كىيىدۇ، نېمىشقا بىزنىڭ مەكتەپ فورمىمىز ئۇلارنىڭكىدەك كۆركەم ئەمەس؟ ئەمەلىيەتتە بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار، بىزنىڭ مەكتەپ فورمىمىزنىڭ لاھىيەسى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ لاھىيەلەنگەن، كىيىشكە راھەت ھەمدە كىر كۆتۈرۈشلۈك، سۈركۈلۈشكە چىداملىق، ئۇلارنىڭكىدەك كىچىك كۆينەكلىك مەكتەپ فورمىسىنى تەنتەربىيە دەرسىدە يۆتكىمىسە بولمايدۇ، بەكلا ئەپسىز.

يېقىندا بىر ئالىي مەكتەپ مودا مەكتەپ فورمىسىنى ئومۇملاشتۇردى، بۇ مەكتەپ فورمىسىغا يېڭىچە نۇر قايتۇرىدىغان ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن بولۇپ، كېچىدە كىيىۋالسا كىچىك يول چىرىقىغا ئوخشاش نۇر تارقىتىدۇ، ئۇنداقتا بۇ مەكتەپنىڭ بۇ خىلدىكى ئۆزگىچە مەكتەپ فورمىسى ئومۇملاشتۇرۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بۇ خىلدىكى مەكتەپ فورمىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشىدىكى مەقسىتى ھەرگىزمۇ مودا قوغلىشىش ئەمەس، بەلكى بالىلارنىڭ بۇرۇن مۇھەببەتلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن. بۇ كىيىمدىكى نۇر تارقىتىش ماتېرىيالى پەقەت كېچىسىلا يانىدۇ، بۇنداق بولغاندا كېچىدە ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ ياخشى كۆزەتكىلى، باشقۇرغىلى بولىدۇ، بەزى كىچىك ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ قاراڭغۇدا ئوغرىلىقچە سىرتلاردا يۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپ فورمىسىنىڭ ئوغۇللار ۋە قىزلارنىڭ نۇر قايتۇرۇش شەكلى ئوخشىمايدۇ، كېچىلىرى سىرتتا چۆرگىلەپ يۈرگەنلەرنىڭ ئاشىق-مەشۇق ياكى دوستلار ئىكەنلىكىنى بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

Sirlar
سىرلىق ئىشلار ، ئالەمدىكى يىشىلمىگەن سىرلار ، سىرلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى ، ئەڭ يېڭى بايقاشلار سىرلار سالۇنىمىزدا
 最新文章