ھازىرقى تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى كۆپ قسىىم ئىشلىنىدۇ، بىردەمدىلا 70~80 قىسىم بولۇپ كېتىدۇ، بەزىدە كىچىك بىر ئىشنىمۇ كەچكىچە ئايلاندۇرۇپ سۆرىۋېتىدۇ. 20~30 قىسىمدىلا تۈگەيدىغان سىنارېيەنى بەك ئۇزارتىۋەتكەچكە كۆرۈرمەنلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ. شۇنداقتىمۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى كۆپلەپ ئىشلىنىۋاتىدۇ، ئەمما نادىرلىرى ناھايىتى ئاز.
«ئەخلەت تىياتىر» لارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى پايدا ئۈچۈنلا ئوتتۇرىغا چىقىۋالغانلار ۋە تالانتلىقلارنىڭ ئىشلىتىلمەسلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقتى. قانداقلا بولمىسۇن تېلېۋىزىيە تىياتىرى ساھەسى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقتتىكىدىن تەرەققىي قىلدى.
ۋاقىتنى نەچچە ئون يىل ئالدىغا سۈرىدىغان بولساق، ئۇ ۋاقىتلاردا ماددىي ئېھتىياج قانائەت تاپمىغان، كىشىلەر ناھايىتى تەستە قورساق تويدۇراتتى، مەنىۋى تۇرمۇش تېخىمۇ ئاچ ئىدى، لېكىن بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن يېڭى جۇڭگودا تۇنجى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىمۇ ئاسانغا توختىمىغان، ئۇ دەل «بىر چىشلەم كۆكتات قاتلىمىسى»(一口菜饼子) ئىدى. بۇ تىياتىر 1958-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى قويۇلغان، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى(بۇرۇنقى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى) دا قويۇلغان.
بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى شۇ ناملىق روماندىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن، خۇ شۈ، مېي سۇن قاتارلىقلار رېژىسسورلۇق قىلغان. بۇ تىياتىردا تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقى سەۋەبلىك قىزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پەقەت بىر چىشلەم قاتلىمىلا قالغانلىقى، ئاخىرى ئاچلىق دەستىدىن ئۆلۈپ كەتكەن ئۇلۇغ بىر ئانا ئوبرازى تەسۋىرلىنىدۇ. ئەينى دەۋردە بۇ خىل جاپالىق تۇرمۇش مەملىكەتتىكى بارچە خەلقنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.
بۇ رەڭسىز تېلېۋىزىيە تىياتىرى پەقەت 20 مىنۇت بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى سۈرەتكە ئېلىش شارائىتى ئىنتايىن چەكلىك ئەھۋالدا سۈرەتكە ئېلىنغان. مەيلى رېژىسسور بولسۇن، ياكى ئارتىسلار بولسۇن ھەممىسىنىڭ تۇنجى قېتىم تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەپ بېقىشى ئىدى. بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى ئۇلارغا ئالاھىدە سۈرەتكە ئېلىش ئۈسكۈنىسى سەپلەپ بەرمىگەن، سۈرەتكە ئېلىش قورالىمۇ ناھايىتى ناچار بولۇپ، رېژىسسور ئارتىسلار دەيدىغان گەپنى ئۇلارغا يادلاتقۇزۇپ، ئاندىن مىكروفون ۋە سۈرەتكە ئېلىش ئاپپاراتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، سىگنال ھاسىل قىلىنغان ۋە شۇ پېتى قويۇلغان.
مۇشۇنداق بولغاچقا بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئاخىرىدا ماتېرىيال سۈپىتىدە ساقلىنىپ قېلىنمىغان، بۇ بەك ئەپسۇسلۇق ئىش بولغان.