پىچان ناھىيەسى پارنىك قوغۇنىدىن مول ھوسۇل ئالدى

文摘   2024-11-05 18:56   新疆  
پىچان ناھىيەسى پارنىك قوغۇنىدىن مول ھوسۇل ئالدى

تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى شېن چىيۈن، شۈ چياڭ خەۋىرى، فوتوسى: ئالتۇن كۈز ئاخىرقى مەزگىلگە كىردى، پىچان ناھىيەسىنىڭ دىغار بازىرى قوغۇندىن مول ھوسۇل ئالدى. مۇخبىر تۇتاش پارنىكلارنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، ياپيېشىل پېلەكلەردە ئالتۇندەك سارغىيىپ پىشقان قوغۇنلارنى، دېھقانلارنىڭ چېھرىدە مول ھوسۇل شادلىقىنى كۆردى.

ئىشچىلار قوغۇنلارنى ئوراپ قاچىلىماقتا.

دىغار بازىرىدىكى تېرىقچى جۇ خۇەيسۇننىڭ پارنىكىدا، ئىشچىلار سىرتقا توشۇلىدىغان قوغۇنلارنى تۈرگە ئايرىپ، ئوراپ قاچىلاپ، ئاپتوموبىلغا توشۇۋاتاتتى. جۇ خۇەيسۇن مۇنداق دېدى: بۇ يىل 200 مو يەرگە ئۈچ يۈرۈش تۇتاش پارنىك ياساپ، «سۈنمى 1 - نومۇر» قوغۇن سورتىنى تېرىدۇق. ھەر مو يەردىن 2.5 توننا مەھسۇلات ئالالايمىز، ھەر كىلوگىرام قوغۇننىڭ باھاسى يەتتە يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، شۇنداق بولغاندا ھەر مو يەردىن 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پىچان ناھىيەسى تۇتاش پارنىك تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىدىكى تېخنىكلار كۈزلۈك قوغۇن تېرىقچىلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قوغۇن تېرىش، پېلەك رەتلەش، چاڭلاشتۇرۇش، سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، پەرۋىش قىلىش ھالقىلىرىدا دېھقانلارغا يېتەكچىلىك قىلدى. قوغۇن تېرىقچىلىقىغا ئائىت بىلىملەر بويىچە تەربىيەلەشكە تەشكىللەش، نەق مەيداندا ئۈلگە كۆرسىتىش، ئۈلگە كۆرسىتىش باغچە رايونى قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە تېرىقچىلىق ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پىچان ناھىيەسىنىڭ قوغۇنچىلىق كەسپىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا پۇختا ئۇل سالدى. 




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:买尔艳古力·热西提

吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章