بىر خىل گۈل خامۇشلۇق كېسىلىنى داۋالايدۇ، ئۇ بولسىمۇ زەپە، بەزىلەر ئۇنى سۇغا چىلاپ ئىچسە، قاننى جانلاندۇرۇپ، زەخىملىنىشنى داۋالايدۇ، مەسىلەن، تۇغۇتتىن كېيىن قان ئۇيۇپ قېلىش، ھەيز توختاش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى داۋالايدۇ.
زەپەر يەنە مەيۈسلۈكنى تۈگىتىپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە، تەجرىبىلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە، زەپەر جەۋھىرىنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق، خامۇشلۇقنى داۋالاش ئۈنۈمى زەھەر قايتۇرۇش دورىسىغا ئوخشاش ئۈنۈملۈك بولۇپ، دورا بىلەن يېمەكلىك ئوخشاش مەنبەدىكى جۇڭيى دورىسى ئىكەن، ناھايىتى بىخەتەر ھەم ئەكس تەسىرى يوق.
بۇ خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىنى، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەردىكى خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىنى يېڭى تاللاش بىلەن تەمىنلىدى.
ھازىر ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بارغانسېرى ئاشماقتا، ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك، ئەگەر بالىلاردا بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، بۇ خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن.
1. بالىنىڭ كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇپ، ئاسان ئاچچىقلىنىدۇ.
2. بىلىنەر-بىلىنمەس قورساق ئاغرىش، باش ئاغرىش، ئۇيقۇ توسالغۇغا ئۇچراش ۋە ئىشتىھاسى تۆۋەنلەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، تەكشۈرۈشتە ھېچقانداق مەسىلە چىقمايدۇ.
3. ئوقۇشتىن بىزار بولۇش، مەكتەپتە ئوقۇشنى خالىماسلىق، ئۆيدە يالغۇز قېلىش، ئويۇنغا بېرىلىپ كېتىش، كەم سۆز بولۇش.
4. 6~8 ياشقىچە بولغان بالىلاردا ئاساسلىقى قورساق ئاغرىش، قاتتىق يىغلاش، يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
4. 9~12 ياشقىچە بولغان بالىلاردا مەنىسىزلىك، زېرىكىش، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۆۋەنلەش، ھەمىشە ئۆزىنى ئەيىبلەش، يار-يۆلەكسىز قېلىش، ئۆيدىن چىقىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
5. 12 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان ياش-ئۆسمۈرلەر، ھاياجانلىنىش، قاراملىق بىلەن ئاقىۋىتىنى ئويلاشماسلىق، ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەنلەش، ئىشتىھاسى تۆۋەنلەش ۋە كىشىلىك ئالاقە قىلىشنى رەت قىلىش.
ئەگەر بالىڭىزدا يۇقىرىقى ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ پىسخىكىلىق تەكشۈرتۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلىرى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھەر كۈنى 28 مىللىگىرام زەپەر جەۋھىرى ئىستېمال قىلغاندا، سەككىز ھەپتە ئىچىدە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تەشۋىشلىنىش، خامۇشلۇق ئالامەتلىرىنى كۆرۈنەرلىك پەسەيتكىلى بولىدۇ.
بۇلاردىن باشقا، بالىلارنى ئۆيدىن چىقىپ، سىرتتا كۆپرەك ھەرىكەت قىلىشقا، بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە، كۆپ ئۇخلاشقا، قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك، بۇمۇ خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ئۇسۇل ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.
Saklik健康