خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، كەچلىك تاماق ئىزچىل بىر قەدەر مۇھىم تاماق بولۇپ كەلدى. خىزمەتچىلەر ئەتىگەندە ئالدىراش ئىشلەيدۇ، چۈشتىمۇ ئالدىراش خىزمەت قىلىدۇ، ئۈچ ۋاق تاماقتا پەقەت كەچلىك تاماق ۋاقتىدىلا بىر ئاز يېنىكلەپ قالىدۇ. ئەمما بىر كۈن جاپالىق ئىشلىگەن خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، كەچلىك تاماقتا نېمە يېيىشمۇ كىشىنى غەمگە سالىدىغان ئىش. ئالدىراش بىر كۈندىن كېيىن كەچلىك تاماق ئەتكۈدەك مادارىم قالمايدۇ. بۈگۈن خىزمەتچىلەر ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندا غەم قىلماي، ئەركىن-ئازادە تەييارلىيالايدىغان ئالتە خىل تېز قورۇمىنى تونۇشتۇرىمىز.
سامساق غولى گۆش قورۇمىسى
كېرەكلىك ماتېرىياللار : سامساق غولى، گۆش، ئۆسۈملۈك مېيى، تۇز، جاڭيۇ، توخۇ جەۋھىرى.
تەييارلاش باسقۇچى :
1. سامساق غولىنىڭ باش قىسمى ۋە قۇيرۇق قىسمىنى ئۈزۈۋېتىپ، پاكىز يۇيۇپ توغراپ تەييارلايمىز.
2. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ، تۇزلانغان گۆش قەلەمچىسىنى رەڭگى ئۆزگەرگۈچە قورۇپ، گۆش قەلەمچىسىنى ئۇسۇپ ئالىمىز.
3. قازاندا ماي يېتەرلىك بولسا، قايتا ماي قۇيمىساقمۇ بولىدۇ، سامساق غولىنى بىۋاستە سېلىپ قورۇپ، ئازراق سۇ قۇيۇپ، سامساق غولى سەل يۇمشىغۇچە قورۇيمىز.
4. قورۇپ بولغان گۆشنى قازانغا سېلىپ، ئازراق تۇز، جاڭيۇ، توخۇ جەۋھىرىنى سېلىپ، تەكشى قورۇپ، تەخسىگە ئۇسساقلا بولىدۇ.
پەمىدۇر-تۇخۇم قورۇمىسى
كېرەكلىك ماتېرىياللار: ئۈچ تۇخۇم، ئۈچ پەمىدۇر، بىر باش غولپىياز، مۇۋاپىق مىقداردا ياغ-تۇز، بىر قوشۇق شېكەر.
تەييارلاش باسقۇچى :
1. كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تەييارلاپ، پەمىدۇرنى يۇيۇپ، تېگىنى قوشۇش شەكىللىك كېسىمىز
2. پەمىدۇرنى چوڭ قاچىغا سېلىپ، قايناق سۇنى پەمىدۇرنىڭ ئۈستىگە قۇيىمىز، بۇنداق قىلغاندا پەمىدۇرنىڭ پوستىنى ئاسانلا سويغىلى بولىدۇ.
3. پەمىدۇرنىڭ پوستىنى ئېلىۋېتىپ، ئاپېلسىن ياپراقچىسى چوڭلۇقتا پارچىلاپ توغرايمىز، بۇنداقتا كۆپرەك شىرنە چىقارغىلى بولىدۇ.
4. تۇخۇمنى قاچىغا چاققاندا، ئۇسۇلغا دىققەت قىلىش كېرەك، تۇخۇمنى كۈچەپ كۆپرەك ئۇرۇش، سۈرئەتنى تەدرىجىي تېزلىتىش كېرەك، چوكا بىلەن تۇخۇم سۇيۇقلۇقىنى قوچىغاندا، چوكىنى چىنىنىڭ تېگىگە يەتكۈزۈپ، چوكىنى تۇخۇمنىڭ ئىچىگە كۆپرەك چىلاپ، تۇخۇم سۇيۇقلۇقىنىڭ يۈزىدە كۆپ مىقداردا كۆپۈك پەيدا قىلىش كېرەك.
5. قازانغا ماي قۇيغاندا، ماي ئادەتتىكى قورۇما قورۇغاندا ئىشلىتىدىغان مايدىن كۆپرەك بولىدۇ، تۇخۇمنى تۆكۈشتىن بۇرۇن، قازاننى چايقىۋېتىپ، ماينى قازاننىڭ تېگىگە تولۇق سۈرتۈش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا تۇخۇمنىڭ قازاننىڭ دىۋارىغا چاپلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، تۇخۇم سۇيۇقلۇقىنى قازانغا تۆكۈپ ئازراق تۇرغۇزغاندىن كېيىن، بىر قانچە قېتىم قورۇپ، تۇخۇم سۇيۇقلۇقى قاتقان ھامان ئۇسۇپ ئېلىۋېلىش كېرەك، بۇنداق قورۇپ پىشۇرۇلغان تۇخۇمنىڭ ئىچى-تېشى ئوخشاش يۇمران بولۇپ، تېخىمۇ يېيىشلىك بولىدۇ.
6. قازاندا يەنە ماي ئېشىپ قالسا، غولپىيازنى سېلىپ قورۇپ مەززىلىك پۇراق چىقىرىمىز، ئەگەر ماي ئېشىپ قالمىسا، ئازراق ماي قوشۇپ قىزىتىپ، پەمىدۇرنى قورۇپ سۈيىنى چىقىرىمىز، ئازراق پەمىدۇر سۈيى بولسا، قورۇما تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ.
7. قورۇپ تەييارلىۋالغان تۇخۇمنى، ئاق شېكەر، تۇزنى قازانغا سېلىپ تېز سۈرئەتتە تەكشى قورۇپ، تەخسىگە قاچىلىساقلا بولىدۇ.
سەي كاۋىسى قورۇمىسى
كېرەكلىك ماتېرىياللار : سەي كاۋىسى ئۈچ تال، راك شۆپىكى بىر قوشۇق، ياغ، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، بىر باش غولپىياز، بىر نەچچە چىش سامساق، تاتلىق ئاش قىيامى ئىككى قوشۇق،
تەييارلاش باسقۇچى :
1. كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تەييارلاپ، سەي كاۋىسىنى، راك پوستىنى پاكىز يۇيىمىز
2. ئالدى بىلەن كاۋىنى يالپاغداپ توغراپ، ئاندىن پىيازنى، سامساقنى توغرايمىز
3. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، پىياز، سامساق، راك پوستىنى سېلىپ قورۇيمىز
4. سەي كاۋىسىنى سېلىپ قورۇپ يۇمشىتىمىز
5. تاتلىق ئاش قىيامى سېلىپ، ئازراق تۇز سېلىپ، ئوتنى ئۆچۈرۈپ، تەخسىگە قاچىلىساقلا بولىدۇ.
بەرەڭگە قەلەمچىسى قورۇمىسى
كېرەكلىك ماتېرىياللار : ياڭيۇ ئىككى تال، ياغ، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، غولپىياز بىر بۆلەك، بىر نەچچە چىش سامساق، كاۋاۋىچىن ئون نەچچە تال، قۇرۇق مۇچ سەككىز تال، گۈرۈچ ئاچچىقسۈيى بىر قوشۇق.
تەييارلاش ئۇسۇلى :
1. بەرەڭگىنىڭ پوستىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن بەرەڭگىنى ئاۋۋال نېپىز، تەكشى قىلىپ توغراپ، ئاندىن ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز.
2. بەرەڭگە قەلەمچىسىنى چوڭ قاچىغا سېلىپ، ئىككى قېتىم يۇيۇپ، يۈزىدىكى كراخمالنى يۇيۇپ چىقىرىپ، سۈيىنى سۈزۈلدۈرىمىز، بۇنداق بەرەڭگە قەلەمچىسىنى قورۇغاندا قازانغا چاپلاشمايدۇ، رەڭگىمۇ ئوكسىدلىنىپ قارىداپ قالمايدۇ، بۇ بەرەڭگە قەلەمچىسىنى قورۇشنىڭ ئەپچىل چارىسى، كەم بولسا بولمايدۇ، ئاندىن سۇدىن سۈزۈپ ئالىمىز.
3. سامساقنى ئۇششاق توغراپ، غولپىيازنى قەلەمچە قىلىپ توغراپ، قۇرۇتۇلغان مۇچنى ئۇدۇللاپ يارىمىز، مۇچ ئۇرۇقىنى ئىشلەتمەيمىز
4. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، كاۋاۋىچىننى سۇس ئوتتا قورۇپ، كاۋاۋىچىن ئازراق قۇرۇلغاندىن كېيىن، كاۋاۋىچىننى سۈزۈپ ئېلىۋېتىمىز، غولپىياز قەلەمچىسى ۋە مۇچنى سېلىپ كۈچلۈك ئوتتا قورۇپ، خۇشپۇرىقىنى چىقىرىمىز.
5. بەرەڭگە قەلەمچىسى سېلىپ، بىر قوشۇق گۈرۈچ ئاچچىقسۈيى قۇيۇپ، كۈچلۈك ئوتتا قورۇيمىز.
6. ئازراق تۇز، گۈرۈچ ئاچچىقسۈيىدىن بىر قوشۇق قۇيۇپ، تېز سۈرئەتتە تەكشى قورۇپ، سامساقنى سېلىپ، تەكشى قورۇپ، ئوتنى ئۆچۈرۈپ، تەخسىگە قاچىلىساقلا بولىدۇ.
كاللەكبەسەي قورۇمىسى
كېرەكلىك ماتېرىياللار : كاللەكبەسەي 1 / 2 تال، ئۆسۈملۈك مېيى 3 قوشۇق، تۇز 2 گرام، 4 چىش سامساق، 20 تال كاۋاۋىچىن، 10 تال قۇرۇق لازا، خام جياڭيۇ 1 قوشۇق، توخۇ جەۋھىرى 1 قوشۇق، ئاچچىقسۇ ئازراق
تەييارلاش باسقۇچى :
1. كاللەكبەسەينى چوڭ-كىچىكلىكى تەكشى قىلىپ يىرتىپ، قېلىنراق قىسمىنى كېسىپ ئېلىۋېتىمىز.
2. سۇغا سېلىپ پاكىز يۇيۇپ، سۈيىنى پاكىز سۈزۈپ چىقىرىۋېتمىز، بولمىسا قازانغا سالغاندا كاللەكبەسەي شورپىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
3. قۇرۇتۇلغان مۇچنىڭ قۇيرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇزۇن توغرايمىز، سامساقنى ئۇششاق توغرايمىز
4. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، كاۋاۋىچىننى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇپ، كاۋاۋىچىننى سۈزۈپ ئېلىۋېتىمىز.
5. سامساق بىلەن قۇرۇتۇلغان لازىنى قازانغا سېلىپ، سۇس ئوتتا قورۇپ خۇش پۇراق چىقىرىمىز (قۇرۇق مۇچنى قورۇپ كۆيدۈرۈۋەتمەسلىككە دىققەت قىلىڭ)
6. كاللەكبەسەينى كۈچلۈك ئوتتا قورۇسا رەڭگى قېنىق يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، يېرىم سۈزۈك ھالەتكە كەلسە بولىدۇ.
7. تۇز، توخۇ جەۋھىرى، خام جىياڭيۇ، بىر نەچچە تامچە ئاچچىقسۇنى قۇيۇپ، كۈچلۈك ئوتتا تېز سۈرئەتتە تەكشى قورۇپ، تەخسىگە قاچىلىساقلا بولىدۇ.
گۆش قىيمىلىق دۇفۇ قورۇمىسى
كېرەكلىك ماتېرىياللار : دۇفۇ بىر پارچە، گۆش 100 گرام، ئۆسۈملۈك مېيى، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، غولپىياز بىر بۆلەك، زەنجىۋىل ئىككى پارچە، سامساق ئىككى تال، پۇرچاق قىيامى بىر قوشۇق، جياڭيۇ بىر قوشۇق، سېرىق ھاراق بىر قوشۇق، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا
تەييارلاش باسقۇچى :
1. دۇفۇنى چوڭ-كىچىكلىكى تەكشى قىلىپ توغرايمىز.
2. گۆشنى، غولپىيازنى، زەنجىۋىلنى، سامساقنى ئۇششاق توغرايمىز.
3. قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، ئازراق تۇز سېلىپ، دۇفۇنى سېلىپ 4-5 مىنۇت قاينىتىمىز، ئاندىن سۈزۈپ ئېلىپ، سۇغا سېلىپ سوۋۇتىمىز. قايناقسۇغا تۇز سالغاندا دۇفۇ ئاسان ئېزىلىپ كەتمەيدۇ، ھەم پۇراپ قالمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ قەدەمنى قىسقارتىۋېتىدۇ، شۇڭا قورۇغان دۇفۇسى ئاسانلا ئېزىلىپ كېتىدۇ.
4. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، پۇرچاق قىيامىنى سېلىپ، سۇس ئوتتا قورۇپ قىزىل ماي چىقىرىپ، ئاندىن زەنجىۋىل، سامساق، غولپىيازنى سېلىپ، تەكشى قورۇيمىز
5. گۆشنى سۇس ئوتتا رەڭگى ئاقارغىچە قورۇپ، سېرىق ھاراق ۋە جياڭيۇغا چىلاپ، تەكشى قورۇيمىز، سېرىق ھاراق گۆشنىڭ سېسىق پۇرىقىنى يوقىتىدۇ.6. يېرىم قاچا سۇ تەييارلاپ، ئازراق تۇز سېلىپ (تۇزنى ئازراق سېلىش كېرەك، پۇرچاق قىيامى بىر قەدەر تۇزلۇق) قازانغا قۇيۇپ، دۇفۇنى 2-3 مىنۇت قاينىتىمىز.
Saklik健康网