ئاشقازان ۋە تالنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەر

文摘   2024-10-26 22:53   新疆  


ئاشقازان، تالنى قۇۋۋەتلەيدىغان تۆۋەندىكى بەش خىل يېمەكلىكنىڭ ئىچىدە سىز قايسىلىرىنى يەپ باققان؟

  1. پىچەكگۈل

پىچەكگۈل تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل ۋە قەنت بار بولۇپ، بۇ ماددىلار ئاشقازان پەردىسىنىڭ يارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاشقازان، تالنى ياخشىلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پىچەكگۈل تەركىبىدە كىراخمال، ماي، ئاقسىل، ۋىتامىن، يېمەكلىك تالاسى قاتارلىق تەركىبلەر بولۇپ، دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىپ پۈتۈن بەدەننىڭ ئىممۇنتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

2. نېلۇپەر غولى

نېلۇپەر غولىنىڭ قان توختىتىش ئۈنۈمى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا نېلۇپەر غولى تەركىبىدە مول بولغان ئاقسىل، ۋىتامىن C بار بولۇپ، روھنى كۆتۈرۈپ مېڭىنى ئاچىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

3. لەيلىگۈل

لەيلىگۈلنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئېرىشچان يېمەكلىك تالاسى بار بولۇپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئاشقازان پەردىسىنى قوغداپ، بەدەندىكى ماينى چۈشۈرۈپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقال لەيلىگۈل تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن، ئاقسىل قاتارلىق تەركىبلەر بار بولۇپ، ئادەم بەدىنى ئۈچۈن يېتەرلىك ئوزۇقلۇق تولۇقلايدۇ.

4. ئاق قېرىنقۇلاق

ئاققۇلاقنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا قەنت ۋە ئېرىشچان يېمەكلىك تالاسى، ئاقسىل قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۆپكىنى ياخشىلاش، ئاشقازان، تالنى ياخشىلاش، تېرىنى ياخشىلاش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى، ئۆپكە ئىسسىقلىقتىن بولغان يۆتەل، ئاشقازان ئۈچچەنى ئىسسىق ئېلىش، تېرە قۇرغاقلىشىپ يېرىلىش قاتارلىقلارنى داۋالاشتىكى ئۈنۈمى ياخشى.

5. قارا قېرىنقۇلاق

قارا قېرىنقۇلاق تەركىبىدە تۆمۈر ۋە كالتىسىي ئېلمېنېتى كۆپ بولۇپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، ئۈچەينى زەھەرلىك ماددىلارنى تازىلايدۇ، ھەزىم قىلىش ناچار كىشىلەرنىڭ يېيىشىگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ.

Saklik健康网

Saklik健康网
健康咨询
 最新文章