كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بۇ ئالتە ئىشنى قىلماڭ

文摘   2024-10-27 21:16   新疆  


ئادەم ھەر كۈنى ئۇخلاشقا موھتاج، لېكىن ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەزى ئىشلارنى قىلىشقا بولمايدۇ.

ئۇنداقتا كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن قايسى ئىشلارنى قىلىشقا بولمايدۇ؟

بىرىنچى ئىش، چاچ يۇيۇش

كىشىلەرنىڭ چاچ يۇيىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقتى چۈش ۋاقتى بولۇشى كېرەك، چۈنكى چۈش بىر كۈن ئىچىدىكى تېمپېراتۇرا بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ۋاقىت. كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن چاچ يۇيۇپ قۇرۇتايلى ياكى قۇرۇتمايلى بەدىنىمىزگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ، قۇرۇتمىساق، ئارتۇقچە سۇ باش تېرىمىزنى غىدىقلاپ، بەدەندىكى ئىسسىقلىقنى سۈمۈرۈۋالىدۇ، ھەتتا ئەتىسى ئورنىمىزدىن تۇرغاندا بېشىمىز ئېغىرلىشىپ، ئۇيۇشۇپ قالغاندەك ھېس قىلىمىز، بولۇپمۇ قىشتا قۇرتماي ئۇخلاپ قالساق، زۇكام بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن.

ئىككىنچى، قاتتىق ھەرىكەت قىلىش

ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئەگەر قاتتىق ھەرىكەت قىلساق يۈرەك سوقۇش تېزلىشىپ، نېرۋا روھلىنىپ، ئاسان ئۇخلىغىلى بولمايدۇ، ئۇخلىغاندىمۇ، يەنىلا بىر خىل ھاياجانلىنىش ھالىتىدە بولۇپ، بەدەندىكى سۈت كىسلاتاسىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىسىز، يەنە كېلىپ ئەتىسى بەدىنىمىز تېلىپ ئاغرىشى مۇمكىن.

ئۈچىنچى، كېچىلىك تاماق يېيىش

ئۇخلاشتىن بۇرۇن كېچىلىك تاماق يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەك كەچ تاماق يېسەك ئاشقازان، ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇخلىغاندا، ئاشقازان، ئۈچەيمۇ ئارام ئېلىشقا موھتاج بولىدۇ، كېچىلىك تاماق يېگەندە ئاشقازان، ئۈچەي ئارام ئالالمايدۇ، قان قويۇق بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كېچىلىك تاماق يېگەندە بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىدىمۇ قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىمكانقەدەر تاماق يېمەسلىك كېرەك.

تۆتىنچى، مۇۋاپىق بولمىغان كىيىملەرنى كىيىپ ئۇخلاش

ئاياللارنىڭ بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش كىيىمىگە ئوخشاش بەدەنگە چىڭ يېپىشىپ تۇرىدىغان كىيىملەر ئەمەلىيەتتە بەدەنگە ناھايىتى زىيانلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەننىڭ چىڭ سىقىلىپ تۇرغان قىسمىدا قان راۋان ئايلىنالمايدۇ، شۇڭا ئاياللار ئۇخلىغاندا ئىمكان قەدەر بەك قېلىن كىيىنمەسلىكى، ئازادە ئۇخلاش كىيىمى كىيىپ ئۇخلىشى كېرەك.

بەشىنچى، يانفوننى ياستۇقنىڭ يېنىغا قويۇش

يانفوننى ياستۇقنىڭ يېنىغا قويۇپ قويغاندا، ئاسانلا ئۇنىڭ ئېزىقتۇرىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئويناپ كىتىمىز، ۋاقىتنىڭ قانچىلىك ئۆتۈپ كەتكىنىنى بىلمەي يېرىم كېچە بولۇپ كېتىدۇ، نورمال خىزمەت ۋە دەم ئېلىشىمىزغا تەسىر يىتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئىككىنچى كۈنى روھىي ھالىتىمىز ئانچە ياخشى بولمايدۇ، ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق قىلىۋەرگەندە ئورگانىزمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

ئالتىنچى، گىرىمنى يۇيۇۋەتمەي ئۇخلاش

ئۇخلىغاندا گىرىمنى يۇيىۋەتمىگەندە يۈز قىسمىنىڭ ھۈجەيرىلىرى ئارام ئالالمايدۇ ۋە نەپەسلىنەلمەي قالىدۇ، بولۇپمۇ باش بېزەكلىرىنى ئېلىۋەتمەي ئۇخلىغاندا، چوڭ مېڭىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ .

Saklik健康网

Saklik健康网
健康咨询
 最新文章