تۇرمۇشتا، گۆشسىز تاماق يېيىش ھازىرقى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئۇسۇلى. گۆشسىز تاماق يېيىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغان كىشىلەر ھەمىشە گۆش يېسە سالامەتلىككە زىيانلىق، گۆشسىز تاماق يېسە سالامەتلىككە پايدىلىق دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا، راست شۇنداقمۇ؟ ئۇزۇن مۇددەت گۆش يېمىسە، قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ راست گەپنى قىلغاندا، بۇنداق قىلىشنىڭ ئاياللارغا بولغان زىيىنى بەك چوڭ بولۇشى مۇمكىن.
گۆشسىز تاماق يېسە پەقەتلا مۇددەتتىن بۇرۇن ھەيز توختاپ قېلىشنىلا كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟ ئۇزاق مۇددەت گۆش يېمىگەندە، بۇ تۆت خىل خەۋپ يۈز بېرىشى مۇمكىن.
ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك. كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە گۆشسىز تاماق يېيىش ياخشى ئىش، چۈنكى گۆشسىز تاماقتا ئىنتايىن مول ۋىتامىن ۋە كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بار، بۇنداق بولغاندا، ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق. ئەمما ئوخشاشلا گۆش تەركىبىدىكى بىر قىسىم ماددىلار گۆشسىز يېمەكلىكلەردەمەۋجۇت بولمايدۇ ياكى ئىنتايىن ئاز مەۋجۇت بولىدۇ. ئادەتتە گۆشسىز تاماق يەۋەرسە، بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرغىلى بولمايدۇ، گۆشسىز تاماق يەپ، گۆش يېمەسلىكتە چىڭ تۇرسىڭىز، ئۇزۇن ئۆتمەيلا بەدىنىڭىزدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بايقىشىڭىز مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گۆشسىز تاماق تەركىبىدىكى ماددىلار يەنە باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن، شۇڭا گۆشسىز تاماق يېگەندە ئوزۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
مۇددەتتىن بۇرۇن ھەيز توختاش.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئورۇقلاش دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئاياللار گۆشسىز تاماق يېيىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئورۇقلاپ بەدىنىنىڭ زىلۋالىقىنى ساقلاۋاتىدۇ. ئەمما، ئۇلار ئۇزاق ۋاقىت گۆش يېمىگەندە، بەدەنگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئاياللارنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇزاق ۋاقىت گۆشسىز تاماق يېگەندە، ئاياللارنىڭ ھەيزى بالدۇر توختاپ قېلىشى مۇمكىن، چۈنكى گۆشسىز تاماق تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، ئۇزاق ۋاقىت گۆشسىز تاماق يېگەندە، بەدەندىكى ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىدا نورمالسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا تەڭشەلمىسە، بەلكىم ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلى بالدۇر كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىش.
گۆشلۈك يېمەكلىكلەر ئىچىدىكى كۆپ خىل ماددىلار گۆشسىز يېمەكلىكلەر ئىچىدە يوق، ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال ئېھتىياجىنى گۆشسىز يېمەكلىكلەر ئارقىلىق قاندۇرغىلى بولمايدۇ، ئەگەر ئۇزاق مۇددەت گۆشسىز تاماق يېگەندە، ئوزۇقلۇق ئەتراپلىق بولماي، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئۇزاق ۋاقىت گۆشلا يەپ، گۆشسىز تاماق يېمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى زىيانغا ئۇچرىغاچقا، بەدەن ساپاسىمۇ بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.
ئاسانلا تاش پەيدا بولىدۇ.
گۆشسىز يېمەكلىكلەر تەركىبىدە سېللۇلوزا بىر قەدەر كۆپ، بىراق قايتا يىغىۋېلىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئەگەر ۋىتامىننىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۆلچەمگە يەتمىسە، ئاسانلا تاش چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئىنتايىن چوڭ يوشۇرۇن خەۋپ بار. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، گۆشسىز تاماقنىلا قوغلىشىش سالامەتلىك ئەھۋالىنى ياخشىلىيالمايلا قالماي، يەنە بەدەندە تۈرلۈك مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاياللارنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىشى مۇمكىن.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بىز ئادەمنىڭ ئۇزاق مۇددەت گۆشسىز تاماق يېسە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۇق، ئەگەر ئۇزاق ۋاقىت مۇشۇنداق ئازراقمۇ گۆشلۈك تاماق يېمىسە، بەدەننىڭ ئاقسىل قاتارلىق تەڭپۇڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىشىنى ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ. بەدەن ئىقتىدارى كاپالەتكە ئىگە بولمىسا تەبىئىي چېكىنىش سۈرىتى تېزلىشىپ، ئادەمنىڭ قېرىشى تېزلىشىدۇ. ئەگەر ھەر كۈنى گۆش يەپ، قاندىكى ماي مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسىڭىز، ئالماشتۇرۇپ يېسىڭىز بولىدۇ، مەسىلەن بۈگۈنى توخۇ گۆشى، ئەتىسى كالا گۆشى يەڭ، بۇنداق بولغاندا ھەر كۈنى ئاساسىي ھەرىكەتنى ساقلاپ قالسىڭىز، قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولمايدۇ. ئۇزۇن مۇددەت گۆش يېمىسىڭىز، سالامەتلىكىڭىزگە پايدىسىز.
Saklik健康网